تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پارتىيە بايرىقى ئاستىدا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش

− پۈتۈن ئارمىيەدە 1 ـ تۈركۈمدىكى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى مېي شىشيۇڭ، گو مىڭجى، لى بىڭشۈەن

پارتىيەگە قەتئىي سادىق بولۇش ئىدىيە ئۇلىنى پۇختىلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى كۈچنى ئۇرغۇتۇش.

باھار پەسلىنىڭ ئىككىنچى ئېيىدىن باش كۈزگىچە، ئارمىيەنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى پۈتۈن ئارمىيەدە جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇن پارتىيە كومىتېتى ئورگانلىرىدا پۇختا قانات يايدۇرۇلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش سۈپىتىدە چىڭ ۋە پۇختا تۇتۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت يىغىنى ئېچىپ چوڭقۇر سەپەرۋەر قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كۈچلۈك رەھبەرلىك ۋە يېتەكچىلىكنى يولغا قويدى. ئارمىيە باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ تەتقىق قىلىپ تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن جەريانغا سىڭدۈرۈپ كۈچلۈك ھەيدەكچىلىك ۋە ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلدى. ھەربىي كومىتېت بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن كوللېكتىپ ئۆگىنىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىشقا تەشكىللەپ، قىسىملار ئۈچۈن كۈچلۈك ئۈلگە كۆرسەتتى.

جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلاردىكى پارتىيە كومىتېتى ئورگانلىرى بىرىنچى ۋاقىتتا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش»تىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپنى مەھكەم ئىگىلەپ، نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش» تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش − چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ئۇلىنى پۇختىلاش

ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي ئۆزلەشتۈرگەندىلا ئاندىن ھەقىقىي قوراللانغىلى بولىدۇ، «ۋاقىت چىقىرىش» ۋە «ئىزدىنىش» غەيرىتى بولمىسا، ھەقىقىي بىلىمنى ئۆگەنگىلى بولمايدۇ، «كىتابنى يۈز قېتىم ئوقۇش» ماھارىتى بولمىسا، ھەقىقەتنى ئۆزلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلاردىكى پارتىيە كومىتېتى ئورگانلىرى قېتىرقىنىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇشتا چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۇتۇپ، دىققەتنى سادىقلىقنى يېتىلدۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈشتە قەلبكە سىڭدۈرۈشنى تۇتۇپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىشتە ئايلاندۇرۇشنى تۇتۇپ، ئەسلىي ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇش ئارقىلىق ئىدىيە كۈچىنى ھېس قىلدى، ئۆزلەشتۈردى، پارتىيە دەرسى ئۆتۈش، يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكنى تاۋلىدى، مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمىلەر ئارقىلىق ئىشەنچ ۋە ئاڭلىقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتتى...

ئېتىقاد، ئىشەنچنى چىڭىتىش. ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ياچېيكىغا بېرىپ ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زۆرۈر كىتابلارنى ئەينەن، پىششىق ئوقۇپ، شى جۇشىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەگىشىپ ئۆگەندى. جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلار بارلىق خادىملارنى قاپلىغان يەتتە كۈندىن ئارتۇق نەزەرىيە جەھەتتە نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشنى تەشكىللىدى، پارتىيە كومىتېتى بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى سۆزلىدى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىلىرى پاكلىق توغرىسىدا پارتىيە دەرسى سۆزلىدى، قىزىل تەربىيە بازىلىرىغا بېرىپ نەق مەيداندا كۆرۈپ ئۆگەندى، «دېلو ئارقىلىق ئەخلاقنى سۆزلەش، ئىنتىزامنى سۆزلەش، قانۇننى سۆزلەش، مەسئۇلىيەتنى سۆزلەش» ئىبرەت تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلدى، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار نەزەرىيە ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىدىيە جەھەتتىن چېنىقىشنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلىدى، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتتى.

سادىق پەزىلەتنى تاۋلاش. ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ يۇقىرى سىياسىي تەلەپ قىلىپ ئەمەل قىلىش، ئەڭ يۇقىرى سىياسىي ئىنتىزام قىلىپ قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ئۆگىنىش ـ تەربىيە يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، «ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى»نى تۈزۈپ تارقىتىپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى دەرىجە ۋە تۈرگە ئايرىپ قانات يايدۇردى، ئاساسلىق رەھبەرلەر «بىرىنچى دەرس»نى باشلىدى، پارتىيەلىك كادىرلار تۈپ تۈزۈمنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى، ئىچكى خاس مۇھىم مەزمۇنى، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىدىن، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، ھاسىل قىلىنغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەردىن ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنىڭ دەۋر قىممىتى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر شى جۇشىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، شى جۇشىنىڭ ئالدىدا مەسئۇل بولۇش، شى جۇشىنى خاتىرجەم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ھېسسىيات، مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىش. شى جۇشىنىڭ تەلىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنى قايتا ئەسلەپ، ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى قوللىنىپ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ياخشىلاش پىكىر يولى ۋە تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تىن ئىبارەت جىددىي تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە ۋاقىت توشقاندا ئىمتىھان قەغىزى تاپشۇرۇش، قەرەلىدە دوكلات قىلىشتىن ئىبارەت بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق ئارقىلىق، كۈرەش قىلىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، خىزمەت ـ ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت ئاچتى.

قەلبتە روھ بولسا، مەزمۇت يىلتىز تارتقىلى بولىدۇ. جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلاردىكى پارتىيە كومىتېتى بەنزىلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتە ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ قۇۋۋەت توپلاپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىگە، قەلبىگە، ھەرىكىتىگە سىڭدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇش − ئەتراپلىق ئىگىلەپ، ئىقتىدار، قابىلىيەتنى ئۆستۈرۈش

ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان ـ قىلىنمىغانلىقىدا ئاچقۇچلۇقى ئىدىيەنى ئۆزگەرتىش، ئىدىيەنى يېڭىلاش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ھەقىقىي قوللىنىلغان ـ قوللىنىلمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلاردىكى پارتىيە كومىتېتى ئورگانلىرى ھەم قېتىرقىنىپ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ھەم ئىلگىرىلەپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئۇنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان ئىلمىي ئىدىيە ئۇسۇلىغا ئايلاندۇردى.

قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان سىياسىي ئىقتىدارنى چېنىقتۇرۇش. بۇ يىل 4 ـ ئايدا، خۇڭسەن ئېتىكى باھار تۈسىگە كىرگەنىدى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى شاۋجياڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي (قوراللىق ساقچى) ئوفىتسېرلارنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى، 100گە يېقىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىر ئادەتتىكى كۇرسانت سالاھىيىتى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە داشۆسىگە كىرىپ، سىياسىي مەشىقنى گەۋدىلەندۈرۈش ئەندىزىسى بويىچە ئۆگىنىش ـ تەربىيەلەشكە قاتناشتى. جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلاردىكى پارتىيە كومىتېتى ئورگانلىرى پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى ۋە كادىرلارنى نەزەرىيە بويىچە نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشكە تايىنىپ ئىدىيەدە تاۋلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، سىياسىي جەھەتتە چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، مۇرەككەپ، كەسكىن كۈرەش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقىشنى كۈچەيتتى... سىياسىي جەھەتتىن تەرتىپكە سېلىش ۋە تەربىيەلەشنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

تەپەككۇر ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، ئۆستۈرۈش. يېڭى ساھە، يېڭى خاراكتېرلىك ئۇرۇش قىلىش كۈچلىرى قۇرۇلۇشىنى قانداق ئالغا سىلجىتىش، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى قانداق ئۆستۈرۈش، ھەربىي مەشىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قانداق تېزلىتىش... جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلاردىكى پارتىيە كومىتېتى ئورگانلىرى «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى، «بەشتە چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت ھەربىي ئىشلار قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسىنى قوللىنىپ «بەس ـ مۇنازىرە»نى قانات يايدۇرۇپ، قىسىملارنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان «ئالتۇن ئاچقۇچ»نى ئىگىلىدى. 6 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئاساسىي مەشىق نەق مەيدان يىغىنى تيەنجىندە ئېچىلىپ، مەشىق تەشكىللەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش چىڭ تۇتۇلۇپ، بىرلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا جەزمەن «ئاساس»نى كۈچەيتىش، مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت تەپەككۇر قارىشى تۇرغۇزۇلۇپ، ئاساسىي مەشىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئالغا سىلجىتىلدى.

تاكتىكا ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئەمەلىي جەڭ قىلىش ماھارىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش. جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش ئۈچۈن جەزمەن جەڭ قىلىشنى بىلىش، تاكتىكا ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلاردىكى پارتىيە كومىتېتى ئورگانلىرى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلام پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىشنى تۇتۇشتىكى «بەش ئىقتىدار»ىغا سېلىشتۇرۇپ كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ كۆزەتتى، ئانالىز قىلدى. رېئال ئۇرۇشتىكى «جانلىق دەرسلىك»تىن ياخشى پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دۈشمەننىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تەتقىق قىلىش، دۈشمەننىڭ يېتەرسىزلىكىنى تەتقىق قىلىش، دۈشمەننىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ «ئۇلاش ئېغىزى»نى دەل جايىدا تاپتى. پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى ۋە مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، چىڭىتىپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ جەڭنى مۇھاكىمە قىلىش، مەشىقنى مۇھاكىمە قىلىشقا پىرىنسىپ جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى تومۇرنى دەل جايىدا تۇتۇشقا ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە كومىتېتىنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىشتىكى «مەركىزىي بارگاھ»قا ئايلاندۇردى.

يېڭى مۇساپىدىكى «لوۋشەنگۇەن» «لازىكوۋ»لار ئالدىدا، ئۇرۇش قىلىش، قۇرۇش، تەييارلىق قىلىشتىن ئىبارەت ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلار ئالدىدا، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار تەپەككۇر، قاراش جەھەتتىكى كىشەننى باتۇرلۇق بىلەن بۇزۇپ تاشلاپ، تۈرلۈك رامكا ۋە قېلىپلارنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە ماركسىزمنىڭ ئاساسىي ماھارىتىنى پۇختا ئىگىلىدى.

ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش − راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، كۈچ سەرپ قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش

بىر ـ بىرى بىلەن يېقىن ئولتۇرۇپ، سىردىشىپ ۋە پاراڭلىشىپ، بىرىنچى سەپنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش؛ «ئاساسىي قاتلامدا ئارزۇ بولسا، ئورگان چىڭ تۇتۇپ بېجىرىش» مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ «بېشىنى قاتۇرىدىغان ئىش»لارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش؛ «بىر مەسىلىنى ئانالىز قىلىش»تىن «بىر تۈردىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش»قا تۈرتكە بولۇشقىچە... قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنىدىغان كىچىك ئىشلار باش تېما تەربىيەسىدىكى ئەمەلىيەتچىل ئىستىل ئېلىپ كەلگەن زور ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈردى.

جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلاردىكى پارتىيە كومىتېتى ئورگانلىرى نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى تەلىپىگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، پارتىيەۋىلىك تەلىپىگە تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ مەنبەنى تەكشۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى تەلىپىگە سېلىشتۇرۇپ تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ياخشى ئىستىلى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش. «چوڭقۇر، ئەمەلىي، ئىنچىكە، دەل، ئۈنۈملۈك بولۇش»تىن ئىبارەت بەش تەلەپنى تولۇق قوللىنىپ، دىققەتنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى، ئۇرۇش قىلىش، قۇرۇش، تەييارلىق قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىش، جەڭ قىلىش ئىختىساسلىقلىرى بىلەن تەمىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېمىلارنى مەركەزلىك تەتقىق قىلىپ، ھەممە ئادەم تېما ئېلىپ، ئېگىزلىككە چىقىپ، قاراۋۇلخانىلارغا بېرىپ، جەڭ ئورۇنلىرىغا كىرىپ، ھەم «كاتتا بىنالار، ھەشەمەتلىك ئىمارەت»لەرنى، ھەم «كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان خالتا كوچا»لارنى كۆرۈپ، نۇقتىدا تۇرۇش شەكلىدە، ئوپېراتسىيە قىلىش شەكلىدە، «تۆتنى قىلماسلىق، ئىككى بىۋاسىتە» شەكلىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، ئالماشتۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تەشكىللەپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشتە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، جەڭ قىلىشتا جىددىي ئىشلىتىلىدىغان، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ئالدىراۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ تۈزىتىشنى تۇتۇش. مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، تۈزەش مۇھىم نۇقتا، شۇنداقلا قىيىن نۇقتا. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پىكىر ئاڭلاش، تېگى ـ تەكتىنى ئېنىقلاش، تىپىك دېلو مىساللىرىنى تەھلىل قىلىپ مەنبەنى تېپىپ چىقىش، تۈگۈننى قېزىش، مانېۋىر، مەشىق قىلىش، قايتا خۇلاسە چىقىرىش، كەمتۈكلۈكلەرنى تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەرنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىپ، كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش ـ تەرتىپكە سېلىش، ئارمىيەدىكى كادىرلارغا قارىتىلغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەربىيەسى، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردىكى تەرتىپكە سېلىش، تۈزەش مەسىلىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈپ، مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق تەكشۈرۈپ تېپىپ، بىر مەسىلە تىزىملىكى، بىر يۈرۈش مەخسۇس تۈزەش لايىھەسى ئارقىلىق تۈزىتىش، تۈزەشنى ئالغا سىلجىتتى. پارتىيە كومىتېتى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قەرەللىك ھالدا «تىزىملىك دەپتىرىنى تەكشۈرۈپ» «غەلۋىردىن ئۆتكۈزۈپ»، مەسىلىلەرنى بىر ـ بىرلەپ ھەل قىلىش داۋامىدا خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قىسىم قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

چىن قەلب، پۈتۈن كۈچ بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش. «ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش، ئەسكەرلەرنىڭ غەم ـ ئەندىشىسىنى تۈگىتىش پائالىيىتىنى تەشكىللەش» «سىياسەتتىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ھاياتىي كۈچ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش» «ئائىلە تەۋەلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش بويىچە رايون ھەمكارلىقى يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش»... جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلاردىكى پارتىيە كومىتېتى ئورگانلىرى ئىللىقلىق، مېھىر ـ مۇھەببەت بىلەن خىزمەت قىلىپ، رېئال قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردى. ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش تۈر تىزىملىكىنى ئومۇميۈزلۈك تۇرغۇزۇپ، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا ۋاقتىدا چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگەتتى، ئىلتىماس ـ تەلەپلەرگە جاۋاب قايتۇردى. قاتتىق تەدبىر تۈزۈپ «بەش كۆپ بولۇش»نى ئازايتىپ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش دائىملىق مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەرزەنتلەر مەكتەپكە كىرىش، تۇرالغۇ كاپالىتى، ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقلارنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، «ئېھتىياج تىزىملىكى»نى «بەخت تىزىملىكى»گە ئايلاندۇردى.

نەتىجە ھەممىگە ئايان، ھېس قىلىش ئەمەلىي بولدى. جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلاردىكى پارتىيە كومىتېتى ئورگانلىرى بىر دەرىجە يەنە بىر دەرىجىنى تۇتۇپ، بىر دەرىجە يەنە بىر دەرىجىنى يېتەكلەپ، ھەقىقىي مەسىلىنى ھەل قىلىپ، مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، كەڭ ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرگە باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىيەتچىل، پاك، ئاددىي ـ ساددا بولۇش ئىستىلىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش − مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش

«كەلكۈن يانمىسا، بىز يانمايمىز!»

«7 ـ ئاينىڭ ئاخىرى، 8 ـ ئاينىڭ باشلىرى»دىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، خەلق ئارمىيەسى شى جۇشىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاتاكىدا ئالدىدا مېڭىپ، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە جىددىي ئاتلىنىپ ياردەم قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتەك بۇرچ، مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئىزاھلاپ، پارتىيە بايرىقىنى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى.

نەزەرىيەنىڭ كۈچ ـ قۇدرىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؛ ئۆگىنىشنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيەت ئۈنۈمىگە تايىنىپ تەكشۈرۈش كېرەك. جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلاردىكى پارتىيە كومىتېتى ئورگانلىرى تەربىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەش يۆنىلىشىنى توغرىلاپ، ئىشلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىشلەش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇرغۇپ چىققان سادىق ئېتىقادى، سىياسىي قىزغىنلىقى، بۇرچ ـ مەسئۇلىيىتىنى راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇردى.

بىرونېۋىكلار ئۇشتۇمتۇت زەربە بېرىپ قويۇق ئىس ـ تۈتەكلەر كۆتۈرۈلدى، پاراخوتلار سەپ تۈزۈپ چوڭقۇر دېڭىزغا يۈرۈش قىلىپ ئۆزىنى چېنىقتۇردى، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى كۆككە كۆتۈرۈلۈپ بۇلۇتلار ئارىسىغا شۇڭغۇدى... ئەمەلىي ئەسكەرلەر تىركىشىش مانېۋىرى، رايون ھالقىغان بازىلاشتۇرۇلغان مەشىق، بۇرچ تېما مەشىقى، جۇڭگو ۋە چەت ئەل بىرلەشمە مانېۋىرى، بىرلەشمە مەشىقى قاتارلىق مانېۋىر، مەشىق پائالىيەتلىرى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، ئارمىيە بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممىلا يەردە ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈش غەيرىتى، قىزغىنلىقى ئۇرغۇدى.

دېڭىز، ھاۋا بىرلەشمە ئۇرۇش تەييارلىقى بويىچە مۇھاپىزەت قىلىش ـ چارلاش ۋە بىرلەشمە مانېۋىر، مەشىقتىن تارتىپ دېڭىزدا ھوقۇق قوغداش، چېگرادا مۇقىملىقنى قوغداشقىچە، خەلق ئارمىيەسى ھەربىي كۈرەشنى قەتئىي، جانلىق قانات يايدۇرۇپ، قەتئىي ئىرادىسى ۋە پەزىلىتى، جانلىق ئىستراتېگىيەسى ۋە تاكتىكىسى، كۈچلۈك ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە كەسكىن كۈرەشنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشتە يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدى.

پارتىيە كومىتېتى ئورگانلىرى ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ياردەم بېرىپ يېتەكلەش، ياردەم بېرىپ قۇرۇشنى دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ قانات يايدۇرۇپ، «بىر ئاچقۇچ بىلەن بىر قۇلۇپنى ئېچىش»نى ئىشقا ئاشۇردى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىنى مەكتەپلەرگە بېرىپ، دەرسخانىلارغا كىرىپ، مەركەزلىك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش ۋە دائىملىق تەربىيەلەشكە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، رەھبىرىي ئورگانلاردىكى كادىرلار 1 ـ سەپكە چۆكۈپ ئەسكەر بولۇپ ليەندە تۇرۇپ، ئەسكەرلىك ھېسسىياتىنى قايتا ئەسلىدى، ئەسكەرلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئىگىلىدى، ئارمىيە بويىچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى ئۈلگە ئورۇن ۋە ئۈلگە شەخسلەر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ تەقدىرلىنىپ، تىپىك ئۈلگىلەر تىكلەندى. ئارمىيە بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى قىسىملار قوزغىتىلىپ، يېڭى ھاياتىي كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قويۇپ بېرىلدى.

ئىدىيە بايرىقى ئارقىلىق يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، غەيرەت ـ شىجائەتكە تولۇپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش. پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، روھىي ھالەتنى ئۇرغۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى مىسلىسىز ئىتتىپاقلىقى، بىردەكلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قىسىملارنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تاماملىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.