ئاپتوموبىل كېتىۋاتقاندا
ياندىن تۇيۇقسىز ئادەم ياكى ئاپتوموبىل چىقىپ قالسا
بۇ ۋاقىتتا ۋاقتىدا تورمۇز قىلالماي
ئاسان قاتناش ۋەقەسى يۈزبېرىدۇ
ئاپتوموبىلنى توختاتقاندىن كېيىن، ئارقىدىكى ئەھۋاللارنى كۆزەتمەيلا، ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئاچقاندا، ئاسانلا ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ
بۇ ئادەتتە «جانغا زامىن ئىشىك ئېچىش» دېيىلىدۇ
بۇلار ئالاھىدە ماھارەت ئارتىسى ئورۇندىغان ماھارەت بولماستىن
بەلكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى
ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتكەن بىر قېتىملىق بىخەتەرلىك تەربىيەسى دەرسى
ئوقۇتقۇچى «ئالاھىدە ماھارەت ئارتىسى»غا ئايلىنىپ
قاتناش ۋەقەلىرى كۆرۈنۈشلىرىنى ئۆزى رول ئېلىپ كۆرسەتتى
يېقىندا، خېبېي ئۆلكىسى شىڭتەي 1- ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ 2000- يىللاردا تۇغۇلغان تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ جيايى
مەكتەپتە قانات يايدۇرۇلغان قاتناش بىخەتەرلىكى نەق مەيدان كۆرۈنۈشى
يازلىق لاگېر تەقلىدىي پائالىيىتىدە
«ئالاھىدە ماھارەت ئارتىسى»غا ئايلىنىپ،
ھەر بىر تەقلىدىي كۆرۈنۈشتە
ھەر خىل قاتناش ھادىسىلىرى كۆرۈنۈشلىرىنى
ئۆزى بىۋاسىتە رول ئېلىپ كۆرسەتتى
ۋاڭ جيايىنىڭ باش ئىستانسا مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە،
مەكتەپ ئەتراپىدا ئاپتوموبىل بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا
ساۋاقداشلارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن
مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيەسى بېرىش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان
كۆپچىلىكنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالغا بولغان تەسىراتىنىڭ
تېخىمۇ ھەقىقىي بولۇشىنى
تېخىمۇ ياخشى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن
ۋاڭ جيايى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزى رول ئېلىپ كۆرسىتىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان
«چۈنكى مېنىڭ چامباشچىلىق ئاساسىم بار، بەدەن ساپايىممۇ ئىزچىل ياخشى، ئازراق دىققەت قىلسام يارىلانماسلىقىم مۇمكىن»
مانېۋىر دەرسىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن
ۋاڭ جيايى مەخسۇس ئالدىن تەييارلىق قىلىپ
قاتناش بىخەتەرلىكىدىكى ھەر خىل خەۋپ يوشۇرۇنغان ئەھۋاللار
ۋە بىخەتەرلىككە ئائىت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەزمۇنلىرىنى توپلىدى
ھەم تىرېنېر بىلەن ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئالدىن مەشىق قىلدى
«راستتەك رول ئېلىش ئۈچۈن، مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمىدىم
تىرېنېرنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكىسى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا
بىز ناھايىتى ياخشى ماسلاشتۇق»
«ساۋاقداشلارنىڭ ئىنكاسى قىزغىن، كۈچلۈك بولدى
ئۆزۈم ئازراق جاپا تارتسىمۇ ئەرزىيدۇ»
كۆرۈنۈشنى تەقلىد قىلىش چىن، نامايان قىلىش ئۇسۇلى قالتىس بولغاچقا
مانېۋىر نەق مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلار توختىماي قىقاس سالدى ۋە ئالقىش ياڭراتتى
ساۋاقداشلار مۇنداق بىلدۈرۈشتى:
ۋاڭ مۇئەللىمنىڭ كامالەتكە يەتكەن «رول ئېلىش ماھارىتى»
ۋە بىۋاسىتە كۆرۈشتىن ھالقىغان تەقلىدىي ھادىسە نەق مەيدان كۆرۈنۈشى ئارقىلىق
نۇرغۇن قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىمىنى ئۆگىنىۋالدۇق
شۇنداقلا قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەقىقىي چۈشەندۇق
ۋاڭ جيايى باش ئىستانسا مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى:
بۇ دەرسنىڭ ئۈنۈمى مۆلچەردىكىدىنمۇ ياخشى بولدى
«ساۋاقداشلارنىڭ قىزغىن ئىنكاسىدىن جاپا تارتساممۇ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم»
تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن
ۋاڭ جيايى ئادەتتە ساۋاقداشلارنى باشلاپ تەنەپپۇستا گىمناستىكىسى ئوينىتىدۇ، ۋاسكېتبول، پۇتبول ئوينايدۇ
يەنە ساۋاقداشلارغا تەيجى گۇمپىسى قاتارلىقلارنى ئۆگىتىدۇ
تەنتەربىيە دەرسىنى قىزىقارلىق ئۆتۈش ئۈچۈن
ئۇ بەزى كىچىك ئويۇنلارنى لايىھەلەيدۇ، بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى كۈندىلىك ئوقۇتۇشقا سىڭدۈرىدۇ
خىزمەتكە چۈشكەن ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان
ۋاڭ جيايىنىڭ تەنتەربىيە دەرسى نۇرغۇن ياخشى باھاغا ئېرىشتى
ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ
ئوقۇغۇچىلارنى تەنتەربىيە دەرسىگە تېخىمۇ قىزىقتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
«بەدەن ساپاسى ئۆسكەندىلا
تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىش قىلغىلى ۋە تۇرمۇش كۆچۈرگىلى بولىدۇ»
بۇ قالتىس تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسغا ئالقىش ياڭرىتايلى!
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى