تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . ئوبراز | سەنيى ئېغىر سانائەت-ھاسلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى زاكازنى چۆرىدەپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولماقتا

9-ئاينىڭ 8-كۈنى، سەنيى ئېغىر سانائەت-ھاسلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى سەنيى (تارباغاتاي) شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى تەييار مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرمەكتە.

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن مېيخۇا خەۋىرى، فوتوسى) سەنيى ئېغىر سانائەت-ھاسلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى تارباغاتاي يېڭى ئېنېرگىيە يېڭىلىق يارىتىش كەسپى رايونى قۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك قاتناشقان كارخانىلارنىڭ بىرى، شىركەت ئاساسلىقى شامال گېنراتورى ياپراقچىسى ۋە ئاساسىي گېنراتور ياساش تۈرىگە مەبلەغ سالغان. 2021-يىلى سەنيى ئېغىر ئېغىر سانائەت-ھاسلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى تارباغاتاينىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى قاتارلىقلارنى كۆزلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش-ئېچىۋېتىش سىناق رايونى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونىغا ماكانلاشتى. شىركەت قۇرۇلۇش مۇددىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ياپراق سېخى، ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇش سېخى، ئامبار، ئىشلەپچىقىرىش قوشۇمچە ئۆيى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تاماملاپ، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 26-كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈردى. ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىركەت زاكازنى چۆرىدەپ ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 17 تۈركۈم قېتىم مۇنار سىلىندىرى زاپچاسلىرى، ياپراق قاتارلىق شامال گېنراتور ئۈسكۈنىلىرىنى باقتۇ پورتى ئارقىلىق قازاقىستانغا يولغا سالدى، 5-ئايدىن 6-ئايغىچە، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 150 مىليون يۈەن بولدى.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈر تارباغاتاينىڭ شامال كۈچى بايلىقى مول، ئەمما شامال گېنراتورى جابدۇقى ياسىمىچىلىقى يوق بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇپلا قالماي، تارباغاتاي ئۈچۈن يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق بويىچە يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى جابدۇقى ياساش بازىسى قۇرۇپ بەردى، يەنە تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش، ئېچىۋېتىش سىناق رايونى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونىنىڭ مەۋقەنى شىنجاڭغا قويۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا يۈزلەنگەن مۇھىم كۆزنەككە ئايلىنىشىغا كۈچ قوشىدىكەن. 

9-ئاينىڭ 8-كۈنى، سەنيى ئېغىر سانائەت-ھاسىلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى سەنيى (تارباغاتاي) شامال گېنېراتور ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى شامال گېنېراتورى ياپراقچىسى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ماتېرىيال توشۇماقتا.

9-ئاينىڭ 8-كۈنى، سەنيى ئېغىر سانائەت-ھاسىلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى سەنيى (تارباغاتاي) شامال گېنېراتورى ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى كەينى بىر تەرەپ قىلىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 8-كۈنى، سەنيى  ئېغىر سانائەت-ھاسىلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى سەنيى (تارباغاتاي) شامال گېنېراتورى ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى كەينى بىر تەرەپ قىلىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 8-كۈنى، سەنيى  ئېغىر سانائەت-ھاسىلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى سەنيى (تارباغاتاي) شامال گېنېراتورى ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى كەينى بىر تەرەپ قىلىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا.

​9-ئاينىڭ 8-كۈنى، سەنيى  ئېغىر سانائەت-ھاسىلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ سەنيى (تارباغاتاي) شامال گېنېراتورى ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى كەينى بىر تەرەپ قىلىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.