قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ يېڭى قىياپىتى(8-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان). ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قورغاس شەھىرى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، «يانداش رايون+ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون+تەرەققىيات رايونى»دىن ئىبارەت ئۈچ قاتلام گىرەلەشمە سىياسەتنىڭ قوللىشىدا، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى تەستىقلىنىپ ماكانلاشتى، خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئالماشتۇرۇش پونكىتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا ئوبوروتى پورتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، كىيىم-كېچەك پىششىقلاش، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار زور بىر تۈركۈم نۇقتىلىق كارخانىلار ئارقا-ئارقىدىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگو تەرەپ رايونى بىلەن «ئالدى دۇكان، كەينى زاۋۇت» «ئالدى دۇكان، كەينى ئامبار» بولۇشتەك ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى. 2022-يىلى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 23 مىليارد 396 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %550.2 ئاشتى.
8-ئاينىڭ 29-كۈنى، قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا، ئاپتوموبىللار تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىنى تەرتىپلىك بېجىرمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
8-ئاينىڭ 28-كۈنى، قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىدا، ئىشچىلار يۈك ساندۇقىنى چۈشۈرمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
8-ئاينىڭ 28-كۈنى، قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى چېگرا ئامباردا ساقلاش بازىسىدا، ئىشچىلار يۆتكەش-توشۇش ماشىنىسىنى ھەيدەپ ماللارنى بېسىپ توشۇماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
8-ئاينىڭ 28-كۈنى، قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا، ئاپتوموبىللار تاموژنىدىن ئۆتۈشنى تەرتىپ بىلەن كۈتمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ بىر بۇرجىكى(8-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان). ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى