تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى. ئوبراز | جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ راۋانلىشىشى يىپەك يولىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇردى

       ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى ۋە خەۋىرى) كۈز كۈنلىرى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى − <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» زىيارەت تارماق ئەترىتىنىڭ مۇخبىرلىرى جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرىپ، جۇڭگو-قازاقىستان چېگرا سودىسىنىڭ تەرەققىياتىغا گۇۋاھچى بولدى.

      بۇ يەر جۇڭگو باشقا دۆلەتلەر بىلەن قۇرغان تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى بولۇپ، كۆلىمى 5.6 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، 2012-يىلى 4-ئايدا  تاموژنىنى يېپىق ھالەتتە يۈرۈشتۈرۈش رەسمىي يولغا قويۇلغان، ئاساسلىق فۇنكسىيەسى سودا يەرمەنكىسى، تاۋار كۆرگەزمىسى ۋە سېتىش، ئامباردا ساقلاش-توشۇش، مېھمانخانا-مېھمانساراي، سودا مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، تۈرلۈك رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا ئىقتىساد-سودا يەرمەنكىلىرىنى ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت. تاموژنىنى يېپىق ھالەتتە يۈرۈشتۈرۈش رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ رايونغا كىرگەن-چىققانلار 33 مىليون 969 مىڭ 600 ئادەم قېتىمغا، ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان سودا سوممىسى 55 مىليارد 90 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  8-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى − <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» زىيارەت تارماق ئەترىتىنىڭ مۇخبىرلىرى جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدىكى جۇڭگو سارىيىغا كىرىپ زىيارەت قىلدى.

  8-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچىلەر جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ ئاممىۋى قاتناش بېكىتى سۇپىسىدا ساياھەت خەرىتىسىنى كۆرمەكتە.

  8-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ ياۋروپا باج كەچۈرۈم قىلىنغان شەھەرچىسىگە مال سېتىۋالغىلى كەلدى.

  8-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچىلەر جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ چېگرانى تۇتاشتۇرۇش يولىدا ساياھەت قىلماقتا.

  8-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچىلەر جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدىكى باج كەچۈرۈم قىلىنغان دۇكاندىن مال سېتىۋالماقتا.

  8-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە سودىگەرلەر مال توشۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.

  8-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچىلەر ساياھەت ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە ساياھەت قىلماقتا.

  جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ يېڭى قىياپىتى (8-ئاينىڭ 27-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.