تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . ئوبراز | قورغاس ھەم باشلىنىش نۇقتىسى ھەم تىرەك نۇقتىسى

     ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى ۋە خەۋىرى) مول ھوسۇل ئالىدىغان بۇ پەسلىدە، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى ـــــ<بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» زىيارەت تارماق ئەترىتىنىڭ مۇخبىرلىرى قورغاس شەھىرى دۆلەت دەرۋازىسى مەدەنىيەت كۆرگەزمە سارىيى (5-ئەۋلاد دۆلەت دەرۋازىسى)دىكى ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ 0 كىلومېتىرلىق جايىغا بېرىپ، يېڭى يىپەك يولىدىكى تەرەققىيات-ئۆزگىرىشنى ھېس قىلدى، بۇ يەرنىڭ بىر ئۇچى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا، يەنە بىر ئۇچى پورت شەھىرى ليەنيۈنگاڭ شەھىرىگە تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4244 كىلومېتىر بولۇپ، دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورىنىڭ شەرق غەرب يۆنىلىشىدىكى غول لىنىيەلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ يىراق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول. بۇ يەرنىڭ رايون ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە بولغاچقا، قورغاس ھەم باشلىنىش نۇقتىسى ھەم يېڭى يىپەك يولىنىڭ تىرەك نۇقتىسىغا ئايلاندى.

8-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى−<بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» زىيارەت تارماق ئەترىتىنىڭ مۇخبىرلىرى قورغاس شەھىرى دۆلەت دەرۋازىسى مەدەنىيەت كۆرگەزمە سارىيى (5-ئەۋلاد دۆلەت دەرۋازىسى) ئالدىدىكى ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ 0 كىلومېتىرلىق بەلگىسى يېنىدا بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

8-ئاينىڭ 29-كۈنى، قورغاس شەھىرىدىن بىر كۆرۈنۈش (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

8-ئاينىڭ 29-كۈنى، ساياھەتچىلەر قورغاس شەھىرى دۆلەت دەرۋازىسى مەدەنىيەت كۆرگەزمە سارىيى (5-ئەۋلاد دۆلەت دەرۋازىسى) ئالدىدىكى ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ 0 كىلومېتىرلىق بەلگىسىنىڭ يېنىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

8-ئاينىڭ 29-كۈنى، قورغاس شەھىرى دۆلەت دەرۋازىسى مەدەنىيەت كۆرگەزمە سارىيى (5-ئەۋلاد دۆلەت دەرۋازىسى) ئالدىدىكى باش تېما گۈل تەكچىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.