تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   گۈزەل شىنجاڭ

قاناسنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلى كەلدى، سىز كەلمەمسىز؟

ئالتۇن كۈز 9-ئاي

دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر ئارقا-ئارقىدىن كەلدى

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، قاناس مەنزىرە رايونى

9-ئاينىڭ 8-كۈنى 42 مىڭ 467 ساياھەتچى(قېتىم) كۈتۈۋېلىپ

بىر كۈندىكى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان

2023-يىلى كىرگەندىن ھازىرغىچە

3 مىليون 133 مىڭ 750 ساياھەتچى (قېتىم) كۈتۈۋېلىنغان

قاناس ھەر خىل مەنزىرە قىياپىتىگە

ھەرخىل ئۆرپ-ئادەتلەرگە ئىگە

يازدىكى قاناس

سەلكىن شامالدا دولقۇنلىغان گىياھلار خۇددى يېشىل سېلىنچىغا ئوخشايدۇ

بۈك-باراقسان ئورمان گۈزەل تەبىئەتنى شەكىللەندۈرگەن 

ئاق قېيىن دەرىخىنىڭ يوپۇرماقلىرى ئالتۇن رەڭگە كىرگەندە

قاناس ئەڭ گۈزەل پەسىلنى كۈتۈۋالدى

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار ئارىسىدا ئالتۇن رەڭگە يېشىل قوشۇلۇپ

كۈز يامغۇرى كۈز مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرۈپ تېخىمۇ يېقىشلىق بولۇپ كەتكەنىدى

گۈەنيۈ تاماشا سۇپىسىنى تۇمان قاپلىغان بولۇپ

كىشىگە خۇددى «چۆچەكلەر دۇنياسى»غا كېلىپ قالغاندەك

سۈرەت ئىچىدە سەيلە قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ

بىللە بېرىپ كۆرۈپ باقايلى

قاناسقا كەلگەندە چوقۇم داكا قىلىدىغان مەنزىرە نۇقتىلىرى

قاناس كۆلى

كۈز پەسلى يېتىپ كېلىشى بىلەن

قاناسنىڭ كۆك ئاسمىنى

سۈزۈك كۆل سۈيى

ئالتۇن رەڭلىك، قىزغۇچ ئالتۇن رەڭلىك كۈز يوپۇرمىقى

كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان يۆگىمە رەسىم شەكىللەندۈرىدۇ

قۇمقاناس كەنتى

كۈزدىكى قۇمقاناس

قىزغىن ھەم ئوچۇق بولۇپ

ئىللىق قۇياش نۇرى

يول بويىغا، كەنتكە، ياغاچ ئۆيلەرگە چۈشكەندە

كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان رەڭگارەڭ كۈز مەنزىرىسى

ئىس-تۈتەكلەر ئارىسىدا ئاستا-ئاستا نامايان بولۇپ

بىر خىيالىي تۇمان بەلبېغىنى شەكىللەندۈرىدۇ

قۇمقاناس يۈەنشياۋ چوققىسى ئاسما ۋاگون سەيلىسى

2800 مېتىر ئېگىزلىكتىكى يۈەنشياۋ چوققىسىغا چىقىپ

قۇمقاناسنىڭ ئومومىي مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاندا 

ئالتاي تاغ تىزمىسىنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىدىنمۇ ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ

يۈنشياۋ چوققىسى ئاسما ۋاگون سەيلىسى قىلغاندا

​يەر يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ

بۇلۇت دېڭىزىنى كېسىپ ئۆتۈپ

20 نەچچە مىنۇتلۇق «ھاۋا سەپىرى» ئارقىلىق

تاغ چوققىسىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ

ئاستىدا تىۋىتلىق گىلەم كەبى ئۇزۇنغا سوزۇلغان گۈزەل يايلاق

ئۈستىدە غۇۋا ھەيۋەتلىك بۇلۇت دېڭىزى

كىشىگە بىر خىل ھاۋادا لەيلەپ يۈرگەندەك خىيالىي تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ

ئاققابا كەنتى

ئاققابا كەنتى «غەربىي شىمالدىكى بىرىنچى كەنت» دەپ ئاتالغان بولۇپ

جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل كىچىك كەنتلەرنىڭ بىرى

بۇ يەردە ئىپتىدائىي ئورمان، ياغاچ ئۆي

ئىس-تۈتەك، سەھەرنىڭ سۇس تۇمانلىرى بار

يەنە ئەڭ ئۆزگىچە كۈن چىقىش، كۈن پېتىش مەنزىرىسى بار

سەنۋەن

قاناسنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىكىنى كۆرۈشكە توغرا كەلسە

يۆلياڭۋەن، شېنشيەنۋەن، ۋولۇڭۋەندىن ئىبارەت 

ئۈچ يەرگە بېرىپ پىيادە سەيلە قىلىش كېرەك

ۋولۇڭۋەن تاغ جىلغىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ

بەزىدە تىك، بەزىدە ئەگمە

يۆلياڭۋەن دەريا جىلغىسى ئارىسىدىن ئەگرى-بۈگرى  ئېقىپ ئۆتىدىغان بولۇپ

سۇ يۈزى ئەينەكتەك تەكشى

شېنشيەنۋەندىكى دەريا سۈيى ئورمان ۋە ئوتلاقنى

كېسىپ ئۆتۈپ، ھەم تۇتاشتەك ھەم ئۈزۈكتەك پارچە-پارچە كىچىك ئاراللارنى شەكىللەندۈرگەن

سەھەردىكى تۇمان قاپلىغان ۋاقىتتا

خۇددى قىزىل كىيىم كىيىپ دەريا قىرغىقىدا سەيلە قىلىۋاتقاندەك

تەڭداشسىز گۈزەل كۆرۈنۈش شەكىللىنىدۇ

گۈەنيۈتەي سۇپىسى

گۈەنيۈتەي سۇپىسى

قاناس كۆلىگە ئېگىزدىن نەزەر سالىدىغان ئەڭ ياخشى ئورۇن

كۆل بويىدىكى گۈزەل مەنزىرە كۆز ئالدىڭىزدا تولۇق نامايان بولىدۇ

ھاۋا ياخشى بولسا چوقۇم  گۈەنيۈتەي سۇپىسىغا چىقىپ

كۈز مەنزىرىسىنى تولۇق تاماشا قىلىش كېرەك

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.