تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . ئوبراز丨جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قورغاس پورتىدا راۋان قاتنىماقتا

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې خەۋىرى، فوتوسى) كۈز كۈنلىرىدە، قورغاس تۆمۈريول پورتى ئالدىراشلىققا تولغانىدى، يۆتكەپ قاچىلاش مەيدانىدا رەڭگارەڭ يۈك ساندۇقلىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن نۆۋەتچى پويىزلار موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان كېشەك كىرانلار ئارىسىدا يۆتكەپ قاچىلاش مەشغۇلاتىنى تاماملاۋاتاتتى، چېگرادىن چىقىدىغان ماللار كەڭ رېلىسلىق پويىزغا بېسىلدى، چېگرادىن كىرگەن ماللار ئۆلچەملىك رېلىسلىق نۆۋەتچى پويىزغا بېسىلدى، كىرىپ-چىقىش راۋان بولۇپ، پويىزلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۈزۈلمەيتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قورغاس ۋوگزالى نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ يۈرۈش لايىھەسىگە ئاساسەن خىزمەت تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، پويىزلارنى كۈتۈۋېلىش، يولغا سېلىش، پويىزلارنىڭ لىنىيەسىنى تەڭشەش، يۈك بېسىش-چۈشۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇپ، كەڭ رېلىسلىق نۆۋەتچى پويىز بىلەن ئۆلچەملىك رېلىسلىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ ئالمىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، نۆۋەتچى پويىزلارنى ئۈزۈلدۈرمەي كۈتۈۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ راۋان يۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، بۇ يىل قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنايدىغان جۇڭگو-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىدىن جەمئىي 5156سى قاتنىدى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.6 كۆپ.

  نۆۋەتتە، قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنايدىغان جۇڭگو-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئېشىپ، قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى جەمئىي  78گە يەتتى، چېگرا سىرتىدىكى 18 دۆلەت، 45 شەھەر ۋە رايونغا تەسىر كۆرسەتتى.

8-ئاينىڭ 28-كۈنى، قورغاس ۋوگزالىدىكى خىزمەتچى خادىملار كېشەك كىرانغا قوماندانلىق قىلىپ يۆتكەپ قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

8-ئاينىڭ 28-كۈنى، قورغاس ۋوگزالىدىكى كېشەك كىرانلار يۈك ساندۇقلىرىنى يۆتكىمەكتە.

8-ئاينىڭ 28-كۈنى، قورغاس ۋوگزالىدا يۆتكەپ قاچىلىنىپ بولغان بىر پويىز كەڭ رېلىسلىق مەيدانغا قاراپ ماڭماقتا.

8-ئاينىڭ 28-كۈنى، قورغاس ۋوگزالىدا ئىككى كېشەك كىران يۆتكەپ قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

8-ئاينىڭ 28-كۈنى، قورغاس ۋوگزالىدىكى خىزمەتچى خادىم يۆتكەپ قاچىلاش تاماملانغان پويىزلارنى تەكشۈرمەكتە.

8-ئاينىڭ 28-كۈنى، قورغاس ۋوگزالىدىكى خىزمەتچى خادىملار يۆتكەپ قاچىلاش تاماملانغان پويىزلارنى تەكشۈرمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.