شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يەتتە ئايدا شىنجاڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە، دېھقان ـ چارۋىچىلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغى «ھەممىباب كارتا»سىنى تارقىتىش، باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى ئارقىلىق، شەھەر ئاھالىلىرىگە، دېھقان ـ چارۋىچىلارغا نەپ يەتكۈزۈش بويىچە 28 تۈرلۈك مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىغا بىۋاسىتە ئۇرۇپ بەرگەن، جەمئىي 34 مىليارد 853 مىليون يۈەن تارقىتىپ، 4 مىليون 465 مىڭ 500 ئاممىغا نەپ يەتكۈزگەن.
شىنجاڭ «ھەممىباب كارتىسى» مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جيەنفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شەھەر ئاھالىلىرىگە، دېھقان ـ چارۋىچىلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغى ئالاقىدار سىياسەت، بەلگىلىمىلەر بويىچە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خامچوت ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە دېھقان ـ چارۋىچىلار قاتارلىق ئالاھىدە بېكىتىلگەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىغان ئوبيېكتلارغا بىۋاسىتە تارقىتىدىغان، ئالاھىدە بېكىتىلگەن سىياسەت نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان تۈرلۈك ياردەم تولۇقلىما مەبلىغىنى كۆرسىتىدۇ.
ياردەم تولۇقلىمىسى تۈرىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى يەتتە ئايدا شىنجاڭ تارقاتقان شەھەر ئاھالىلىرىگە، دېھقان ـ چارۋىچىلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان تۈرلەر: قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ياردەم پۇلى مەبلىغى 4 مىليارد 185 مىليون يۈەن بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە تارقىتىلغان ئومۇمىي سوممىنىڭ %12ىنى ئىگىلىگەن، بۇنىڭدىن 1 مىليون 597 مىڭ 500 ئامما مەنپەئەتلەنگەن؛ تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىما مەبلىغى 2 مىليارد 955 مىليون يۈەن بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە تارقىتىلغان ئومۇمىي سوممىنىڭ %8.48ىنى ئىگىلىگەن، بۇنىڭدىن 1 مىليون 159 مىڭ 200 ئامما مەنپەئەتلەنگەن؛ ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش مۇكاپات ـ ياردەم پۇلى مەبلىغى 1 مىليارد 985 مىليون يۈەن بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە تارقىتىلغان ئومۇمىي سوممىنىڭ %5.7ىنى ئىگىلىگەن، بۇنىڭدىن 277 مىڭ 100 ئامما مەنپەئەتلەنگەن؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغى 1 مىليارد 153 مىليون يۈەن بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە تارقىتىلغان ئومۇمىي سوممىنىڭ %3.31ىنى ئىگىلىگەن، بۇنىڭدىن 42 مىڭ 200 ئامما مەنپەئەتلەنگەن؛ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش ياردەم پۇلى مەبلىغى 751 مىليون يۈەن بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە تارقىتىلغان ئومۇمىي سوممىنىڭ %2.2ىنى ئىگىلىگەن، بۇنىڭدىن 181 مىڭ 900 ئامما مەنپەئەتلەنگەن.
رايونلارغا تارقىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى شىنجاڭ بويىچە شەھەر ئاھالىلىرىگە، دېھقان ـ چارۋىچىلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغى تارقىتىش جەھەتتە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، تارقىتىش سوممىسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 8 مىليارد 620 مىليون يۈەن، 7 مىليارد 958 مىليون يۈەن ۋە 4 مىليارد 262 مىليون يۈەن بولغان.