سۈرەتتە: قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسىدىكى G314 دۆلەت يولى بىلەن پامىر چوڭ يولى ئۆتۈشمە ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈكى (8-ئاينىڭ 24-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) قەشقەرنىڭ سەھىرى شەھەرگە كىرىش مۇراسىمىدىن باشلىنىدۇ. شەرقتىن تاڭ سۈزۈلگەندە قەشقەر قەدىمىي شەھىرى تاڭ نۇرى ئىچىدە يۇيۇنىدۇ، ناغرا ساداسى ياڭراپ، سۇنايلار لەرزان چېلىنىپ، تارلىق چالغۇ ۋە نەيلەر ئىنتايىن يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ جەلىپكارلىقىنى ھېس قىلىپ، يىپەك يولى سودا پۇرسىتى ئىزدەيدۇ.
8-ئاينىڭ 23-كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا 62 ياشلىق مەمەت تۇرسۇن(ئالدى سولدىن 1-كىشى) قاغىلىق ناھىيەسىدىن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەھەرگە كىرىش مۇراسىمىنى كۆرگىلى كەلدى.
قەشقەر قەدىمدە سۇلى دەپ ئاتالغان، يىپەك يولىدىكى قەدىمىي شەھەر، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى مۇھىم تايانچ نۇقتا شەھەر، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، جەنۇب تەرىپى كوئېنلۇن تېغىغا تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى تىيانشانغا يۈزلەنگەن، قەدىمدىن تارتىپ قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم قاتناش يولى ۋە سودا مۇھىم بازىرى بولۇپ كەلگەن، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە، بايلىقى مول، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتى گۈللەنگەن، قاتناش، سودىسى قولايلىق.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىغا ئون يىل بولغان پەيتتە، مۇخبىرىمىز شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى) «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى−<بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» شۆبە ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى سۈپىتىدە قەشقەرگە بېرىپ، بىر-بىرلەپ ئەمەلىيلەشكەن تۈرلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەردە، خەلقئارا تىرانسپورت كەسپىنىڭ توشۇشنى باشلىغان ئاپتوموبىللىرىدا، بەخت جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايلار ئارىسىدا، قەشقەرنىڭ بۇ ئون يىلدا يۈز بەرگەن يېڭى ئۆزگىرىشى ۋە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە گۇۋاھ بولدى.
8-ئاينىڭ 23-كۈنى، يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا تاموژنىدىن ئۆتۈشكە تەييارلاندى. قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى 2014-يىلى 9-ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان، 2015-يىلى 4-ئايدا رەسمىي ھالدا ماللار تاموژنا پېچىتى بىلەن توشۇلغان.
«بەش پورت سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىش، بىر يول ياۋروپا-ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇش»تەك رايون ئورنى ئەۋزەللىكى كۈنسېرى گەۋدىلەندى، قەشقەردىن پاكىستان، ۋېنگىرىيە، بېلگىيە قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان خەلقئارا يۈك ترانسپورت لىنىيەلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلدى؛ جۇڭگو-ياۋروپا(ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى ئۇدا داۋاملىق قاتنىدى؛ قونجىراپ، قاراسۇ، خەلقئارا ئايروپورتتىن ئىبارەت بىرىنچى دەرىجىلىك ئۈچ پورت كۈندىن-كۈنگە ئالدىراش بولۇپ كەتتى؛ «جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت يولى + قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى سىناق نۆۋەتچى پويىزى» ئېچىلدى.
تۆمۈريول، تاشيول، ئاۋىياتسىيە بىر گەۋدىلەشكەن زامانىۋى ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى يىپەك يولىدىكى قەشقەر بىلەن دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەر ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەشيا ئوبوروت يولىنى راۋانلاشتۇردى، سودىگەرلەر جاي-جايلارغا بېرىپ، يولۇچى ۋە يۈكلەرنى شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. قەشقەرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى سىجىل قويۇقلاشتى، چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرىنىڭ سودىسى گۈللەندى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 18 مىليارد 290 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ھەسسىلەپ ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
8-ئاينىڭ 22-كۈنى، لىق يۈك بېسىلغان ئاپتوموبىللار قەشقەر شەھىرىدىن يولغا چىقتى. شۇ كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەردىن پاكىستان ئىسلامئابادتقا بارىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى TIR خەلقئارا تاشيول تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى يولغا چىقتى، كۈندىلىك بۇيۇملار، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۈسكۈنىلەر قاچىلانغان بەش يۈك تىرانسىپورت ئاپتوموبىلى قەشقەردىن يولغا چىقتى، مۆلچەرلىنىشىچە، بەش كۈندىن كېيىن ئىسلامئابادقا يېتىپ بارىدىكەن.
«ئەلچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، سودا كارۋانلىرى ئۆتۈشۈپ تۇردى.» قەشقەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مۇھىم تايانچ نۇقتىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش جەريانىدا، تېخىمۇ ئوچۇق كۆڭلى-كۆكسى، تېخىمۇ مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى، تېخىمۇ يارقىن ئۆرپ-ئادىتى، تېخىمۇ ئىنچىكە مۇلازىمىتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مېھمانلار بىلەن دوستلىشىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»دا كەلگۈسىگە ئاتلىنىدۇ.
8-ئاينىڭ 24-كۈنى، بىر چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى قەشقەر لەينىڭ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچماقتا.
8-ئاينىڭ 22-كۈنى، تاموژنا خىزمەتچى خادىملىرى جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەردىن پاكىستان ئىسلامائابادقا بارىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى TIR خەلقئارا تاشيول تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى يولغا چىقىش نەق مەيدانىدا يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان يۈك تىرانسىپورت ئاپتوموبىللىرىنى تەكشۈرمەكتە.
8-ئاينىڭ 22-كۈنى، پاكىستان يۈك تىرانسپورت خىزمەتچى خادىملىرى قەشقەر شەھىرىدە جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەردىن پاكىستان ئىسلامائابادقىچە بولغان تۇنجى تۈركۈمدىكى TIR خەلقئارا تاشيول تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.