تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . ئوبراز ∣جىنيى خەلقئارا سودا(گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى راۋان ئەشيا ئوبوروتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسەتتى

8-ئاينىڭ 26-كۈنى، يېڭى مېۋە-كۆكتاتلار لىق قاچىلانغان بىر سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلى قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا(گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئامباردا ساقلاش-ئەشيا ئوبوروتى بازىسىدىن يولغا چىقتى.

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) «بۇ يەردىن قازاقىستاننىڭ ئالماتاغىچە بولغان ئارىلىق پەقەت 600 كىلومېتىردەك كېلىدۇ، ئىلى ئالمىسى، بىڭتۇەن 4-شى 61-تۇەننىڭ توقاچ شاپتۇلى، يەرلىك شىنمېيسى... بىر كۈنگە قالمايلا ئالماتاغا يەتكۈزۈلىدۇ» دېدى قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا(گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئامباردا ساقلاشقا مەسئۇل خىزمەتچىسى ليۇ گۇاڭخەي.

     كۈز مېۋە-چېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىدىغان مەزگىل، شۇنداقلا قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا(گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىراش ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ، ئالما، شىنمېي، توقاچ شاپتۇل، ئۈزۈم، شوخلا، خاڭگا، لازا قاتارلىقلار بۇ يەردە توپلىنىپ ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلىدۇ، تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىلىپ، موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ.

  8-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئىشچىلار قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا(گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئامباردا ساقلاش-ئەشيا ئوبوروتى بازىسىدا پات ئارىدا ئېكسپورت قىلىنىدىغان كۈندىلىك تۈرلۈك ماللارنى قاچىلاپ توشۇماقتا.

    قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا(گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى قورغاس شەھىرىدە بولۇپ، 2010-يىلى قۇرۇلغان، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ بىرى، شىركەتتە تاموژنا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئامبىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئاقىل ئەشيا ئوبوروت باغچىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى قاتارلىقلار بار، يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېرىقچىلىق بازىسى، سېتىۋېلىش-توشۇش، دەسلەپكى پىششىقلاش، ئامباردا ساقلاش-ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسىنى ئاساس، مەدەنىيەت ساياھىتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى، خاس مېۋە-كۆكتات تېرىقچىلىق بازىسىنى سەيلە قىلىش ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودىنى قوشۇمچە قىلغان كەسىپلەشكەن گۇرۇھ شىركەت. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايون بويىچە «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش»تىكى ئىلغار ئورۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ «شىنجاڭنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈش تەقدىرنامىسى»، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئۈلگىلىك ئەشيا ئوبوروت باغچىسى»، «ئىلى ئوبلاستى بويىچە مۇنەۋۋەر كارخانا» قاتارلىق نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.

     «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش جەريانىدا، جىنيى گۇرۇھى «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقئارا سودا مۇلازىمىتى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇردى. 2021-يىلى ۋە 2022-يىلى ئۇدا ئىككى يىل ئېكسپورت سودا سوممىسى 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى. 2023-يىلى، قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا(گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى ئالماتا شەھىرىدە قۇرۇلۇش كۆلىمى 2000 مو كېلىدىغان مەملىكەت سىرتىدىكى ئامبارنى قۇرۇپ، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە رۇسىيە بازىرىغا يەنىمۇ تەسىر كۆرسەتتى.

8-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئىشچىلار قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا(گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئامباردا ساقلاش-ئەشيا ئوبوروتى بازىسىدا پات ئارىدا ئېكسپورت قىلىنىدىغان كۈندىلىك تۈرلۈك ماللارنى يۆتكەپ توشۇماقتا.

  8-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئىشچىلار قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا(گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئامباردا ساقلاش-ئەشيا ئوبوروتى بازىسىدا ئېكسپورت قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان كۈندىلىك تۈرلۈك ماللارنى يۆتكەپ توشۇماقتا.

8-ئاينىڭ 26-كۈنى، قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا(گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى ئامباردا ساقلاش-ئەشيا ئوبوروتى بازىسىدىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئاپتوموبىلغا قاچىلاشنى ساقلىماقتا.

8-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى) «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى  <بىر بەلباغ، بىر يول > لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» شۆبە ئەترىتىنىڭ مۇخبىرى قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا(گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىدە زىيارەت قىلماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.