8-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئادىل ھاشىم قەشقەر شەھىرى قىزىلسۇ دەرياسى بويىدا ئىستولبىنىڭ مۇستەھكەملىك ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى ۋە خەۋىرى) «بۇ قەشقەر شەھىرىدىن چىقىشتىكى 27-نومۇرلۇق ئىستولبا، بۇ خىل دەريا ھالقىغان ئىستولبىنى نۇقتىلىق كۆرۈپ بېقىش كېرەك». كۈز كۈنلىرىدىكى قىزىلسۇ دەرياسىدا سۇ شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى، پاقىلارنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى، ئادىل ھاشىم ئوڭغۇل-دوڭغۇل دەريا ساھىلىدا مېڭىپ دەريا قىرغىقىدىكى نۇركابېل ئىستولبىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئىستولبىنىڭ مۇستەھكەملىك ئەھۋالىنى تەكشۈرگەچ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ لىنىيە چارلاش تەجرىبىسى ۋە ئەپچىل چارىسىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ خىزمەت قىلغان 25 يىلنى ئىستولبا ساناش بىلەن ئۆتكۈزگەن. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىغا ئون يىل بولغان پەيتتە، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى − <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» زىيارەت تارماق ئەترىتى جۇڭگو تېلېگرافى قەشقەر ئۇزۇن يوللۇق يەتكۈزۈش شۆبە ئىدارىسىگە كېلىپ، خەلقئارا غول لىنىيە نۇركابېل چارلىغۇچىسى ئادىلنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلدى.
8-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئادىل ھاشىم جابدۇقلىرىنى رەتلەپ لىنىيە چارلاشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقنى قىلماقتا.
ئادىل ھاشىم كوئىنلۇن تېغى تاغلىق رايونىدا لىنىيە چارلىماقتا (ئۆزى تەمىنلىگەن سۈرەت).
8-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئادىل ھاشىم قەشقەر شەھىرى قىزىلسۇ دەرياسى بويىدا لىنىيە چارلىماقتا.
بۇ يىل 47 ياشقا كىرگەن ئادىل 1998-يىلى داشۆ پۈتكۈزگەندىن كېيىن جۇڭگو تېلېگرافى قەشقەر ئۇزۇن يوللۇق يەتكۈزۈش شۆبە ئىدارىسىگە كىرىپ، لىنىيە چارلىغۇچى بولدى، ئۇ كەسىپتە پىشقان بولغاچقا، 2013-يىلى ئاساسىي قاتلامدىن شۆبە ئىدارىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، 150 نەچچە كىلومېتىرلىق 1-دەرىجىلىك خەلقئارا غول لىنىيە نۇركابېلىنى ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى، نۇركابېل ئۆتىدىغان جايلارنىڭ كۆپ قىسمى تاغلىق رايون ۋە چۆللۈكلەردە ئىدى. بۇ يەر دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، ئادەمزات ئاياغ باسمايدىغان جاي بولۇپ، جاپالىقلىقىغا گەپ كەتمەيتتى، نۇرغۇن جايغا ئاپتوموبىللار بارالمايتتى، پىيادە مېڭىش ۋە يامىشىش ئارقىلىقلا تاماملىغىلى بولاتتى. ئۇ ھەر كۈنى ئۈچ كىلومېتىردىن ئارتۇق تاغ يولىدا پىيادە ماڭىدۇ، ئاپتوموبىل بىلەن چارلاش مۇساپىسى 300 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئۇ قەدەملىرى ئارقىلىق «ئۇچۇر يىپەك يولى»نىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ «ئۇچۇر يىپەك يولى»نىڭ بىخەتەرلىكى ۋە راۋانلىقىنى سادىقلىق بىلەن زىممىسىگە ئالدى.
8-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئادىل ھاشىم لىنىيە چارلاش جەريانىدا مۇخبىر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا.
«جۇڭگو-پاكىستان نۇركابېلى» تۈرى جۇڭگو بىلەن پاكىستاننى تۇتاشتۇرىدىغان چېگرا ھالقىغان تۇنجى بىۋاسىتە قۇرۇقلۇق نۇركابېلى بولۇپ، جۇڭگو ئۈرۈمچى شەھىرىدىن قەشقەرگە بېرىپ، جۇڭگو-پاكىستان چېگراسىدىكى قونجىراپ پورتى ئارقىلىق پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىگە بارىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2950 كىلومېتىر. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان تور ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئۇچۇر يىپەك يولى» بولۇپ قالدى.