تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە «دىلى بىلەن دىيا»نىڭ جۇڭگو بىلەن ئافرىقىغا تۇتاشقان مۇھەببەت ھېكايىسىنى ئاڭلاش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى گو لىڭ، فەن چيۇڭيەن

ھاۋا ناھايىتى ياخشى بولۇپ، كۈزدىكى تۇنجى ئىستاكان قەھۋەنى ئىچىش ئۈچۈن «دىلى بىلەن دىيا» قەھۋەخانىسىغا بېرىش كېرەك. 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، بىرنەچچە گۇاڭجوۋلۇق ساياھەتچى جۇڭگولۇق بىلەن ئافرىقىلىقنىڭ توردا تارقالغان بىر بۆلەك مۇھەببەت ھېكايىسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئايلىنىپ ۋاڭخۇڭ قەھۋەخانا «دىلى بىلەن دىيا»نى ئىزدىدى.

مۇخبىرلار ساياھەتچىلەرگە ئەگىشىپ بۇ قەھۋەخانىغا كەلدى. ياغاچتىن ياسالغان ئىشىك بېشىغا ئەر - خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان بولۇپ، كۆك رەڭلىك كىچىك ئىشىككە بىر پارچە تويلۇق سۈرەت ئېسىلغانىدى، سۈرەتتىكى قىز ھەدىيە ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تانزانىيەنىڭ زانزىبار ئارىلىدىن كەلگەن، يىگىت دىلشات تۇرسۇن قەشقەرلىق ئىدى.

قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار قەشقەرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي ئۆزگىرىشلىرى بۇ جايدىكى ئىمارەتلەر، كىيىم - كېچەكلەر ۋە ناخشا - ئۇسسۇللارنى مول مەدەنىيەت ئامىلىغا ئىگە قىلىپ، رەڭگارەڭ تۈسى بىلەن كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىدە نامايان بولدى.

«ئۇ قەشقەرنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ جاينىڭ رەڭدارلىقىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ: كوچىلارنىڭ ھەممە يېرى خىلمۇخىل رەڭلەرگە تولغان ئىكەن، ھەتتا مېۋە - چېۋە، قۇرۇق مېۋىلەرمۇ خىلمۇخىل رەڭدە ئىكەن، دەيدۇ» دېدى دىلشات كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئۇلارنىڭ قەھۋەخانىسىمۇ ھەدىيەنىڭ قىزىقىشى بويىچە خىلمۇخىل رەڭدە بېزەلگەن بولۇپ، ھەدىيە قەھۋە ئېزىۋاتاتتى، دىلشات يېنىدا، سەككىز ئايلىق بولغان بالىسىنى كۆتۈرۈپ جىمجىت قاراپ تۇراتتى...

دىلشات بىر ئائىلە كىشلىرى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن فوتوسى

قولىدىكى ئىشنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ تونۇشۇش، مۇھەببەتلىشىش ھېكايىسىنى سۆزلەشكە باشلىدى، قۇچىقىدىكى بوۋاق پۈتۈن دىققىتى بىلەن سامسىنى شۈمۈپ يەۋاتاتتى. «چىشى تېخى تولۇق چىقىپ بولالماي تۇرۇپلا سامسىنى ياقتۇرۇپ قالدى، كۆرسىلا ئېغىزىغا سېلىۋېلىپ، خېلى ئۇزاققىچە شۈمىدۇ.» ھەدىيە كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن بالامغا ئوخشاشلا شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى ئىنتايىن ياقتۇرىمەن.

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا ئالاقە كۆپەيدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى بارغانسېرى كۆپ ئوقۇغۇچى جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇيدىغان بولدى، ھەدىيە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى.

10 يىل ئىلگىرى، فۇجوۋ داشۆدە ئوقۇۋاتقان دىلشات، فۇجيەن تېببىي داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى ھەدىيە بىلەن تونۇشۇپ قالدى، ئىككىيلەننىڭ مەكتىپى بىر يول ئارقىلىقلا ئايرىلىپ تۇراتتى، مەكتەپ ئەتراپىدىكى بىر ئاشخانا شىنجاڭلىق ئاشپەزلەرنى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئۇ يەردە شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن مەززىلىك تائاملىرىغا ئېغىز تەگكىلى بولاتتى، ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇلار بۇ يەرگە كېلىپ تاماق يەپ، بارا - بارا مۇھەببەتلىشىپ قالدى.

«ئۇ بەك كېلىشكەن، ئىنگلىزچىنى ياخشى سۆزلەيدۇ، ۋاسكېتبولنىمۇ ياخشى ئوينايدۇ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا مەن دائىم ئۇنىڭ ۋاسكېتبول ئوينىغىنىنى كۆرگىلى باراتتىم.» بۈگۈنكى كۈندە، ھەدىيە ئېرى بىلەن دەسلەپكى تونۇشقان چاغلىرىنى تىلغا ئالغاندا، يەنىلا تارتىنىش ھېس قىلىدۇ.

2017 - يىلى دىلشات ئوقۇش پۈتكۈزگەندە، ھەدىيەنىڭ يەنە بىر يىللىق ئوقۇشى بار ئىدى. دىلشات قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ئىككىسىنىڭ ئارىلىشىۋاتقانلىق ئىشىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېيتتى، ئاتا - ئانىسى ھەيران قالغان بولسىمۇ، بىراق قارشى تۇرمىدى. ئۇ فۇجيەنگە بېرىپ ھەدىيەنىڭ ئوقۇشىغا ھەمراھ بولغۇسى بارلىقىنى ئېيتقاندا، دادىسى 20 تاغار بۇغداينى سېتىپ پۇلىنى ئۇنىڭغا بەردى. «ئائىلەمدىكىلەر ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قوللاش پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى» دېدى دىلشات.

ھەدىيە ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ بىر يىل پىراكتىكا قىلسا، ئاندىن ئۆز دۆلىتىنىڭ ۋىراچلىق كىنىشكىسىگە ئېرىشەلەيتتى. بۇ مەزگىلدە، شارائىتى ياخشى جەمەتلەر ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە بارغان بولسىمۇ، ھەدىيە ھېچقايسىسىغا قوشۇلمىدى. 2019 - يىلى 10 - ئايدا ئۇ ۋىراچلىق كىنىشكىسىنى ئېلىپلا، جۇڭگوغا بېرىپ دىلشات بىلەن توي قىلىش توغرىسىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشتى، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە جەمەت يىغىنى ئاچتى. «جەمەتىمىزدە ئەزەلدىن ھېچكىم ئۇنداق يىراققا ياتلىق بولۇپ باقمىغان بولغاچقا، چوڭلار ناھايىتى ئېھتىيات قىلدى» دېدى ھەدىيە.

ئەڭ ئاخىرىدا، كۆپچىلىك ھەدىيەنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلدى، بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ جۇڭگوغا بولغان يېقىنلىق ھەم ئالاھىدە ھېسسىياتى بولدى.

ھەدىيە مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئارىلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تەنتەربىيە مەيدانى «ماۋ جۇشى تەنتەربىيە مەيدانى»، شۇ جايدا ھەممىگە تونۇشلۇق «تىرانسپورت تومۇرى» بولغان تانزانىيە - زامبىيە تۆمۈريولىنى جۇڭگو ياردەم بېرىپ ياسىغان، يەنە تانزانىيە مۇۋانزا ھەمراھ شەھىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش تۈرىمۇ بار، بۇلار، جۇڭگو - ئافرىقىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىدىكى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى...

«تانزانىيە - زامبىيە تۆمۈريولى دۆلىتىمىزدە <ئەركىنلىك يولى>، <دوستلۇق يولى> دەپ ئاتىلىدۇ، ئاتا - بوۋىلىرىمدىن ئاڭلىشىمچە، ئەينى چاغدا جۇڭگو ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا، بۇ تۆمۈريولنى ياردەم بېرىپ ياسىغان ئىكەن.» ھەدىيە مۇنداق دېدى: بۇ، جۇڭگو - تانزانىيە دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى، ئەينى چاغدىكى قۇربان بولغان ياردەم بېرىپ قۇرغۇچىلارنى ئەسلەش ئۈچۈن، يەنە خاتىرە مۇنارى سېلىنغان.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن تانزانىيەنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى يەنىمۇ قويۇقلاشتى، جۇڭگو شۇ جايدا نۇرغۇن ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرىنى ئۈستىگە ئالدى، تانزانىيەگە بېرىپ خىزمەت قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار تەدرىجىي كۆپەيدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىدىغان، ئوقۇيدىغان، تۇرمۇش كەچۈرىدىغان تانزانىيەلىكلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى.

2020 - يىلى، يۇقۇم سەۋەبىدىن ئىككى تەرەپنىڭ جەمەتىدىكىلەر توردا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. فۇجوۋدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىپ، ھەدىيە ھامىلىدار بولۇپ ئالتە ئاي بولغاندا، ئۇلار بىرلىكتە خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ قەشقەر شەھىرىگە قايتىپ كەلدى.

بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇلار قەشقەردە قېلىپ ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلدى. «شۇنچە كۆپ كىشى قەشقەرگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلەيدۇ، ساياھەت قىلىدۇ، سودا پۇرسىتى ئىزدەيدۇ، ئېقىم مىقدارى ئىزدەيدۇ، ئىلھام ئىزدەيدۇ، بىز نېمە ئۈچۈن كېتىمىز؟» بۇ يىل 3 - ئايدا، دىلشات قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ مەركىزىگە يېقىن جايدا، بۇ قەھۋەخانىنى ئاچتى.

قەھۋەخانىنىڭ تىجارەت باشلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ھېكايىسىمۇ توردا تارقالدى، بەزىلەر دۇكانغا ساپ ئافرىقا قەھۋەسى ئىچىش ئۈچۈن كېلەتتى؛ بەزىلەرنىڭ دۇكانغا كېلىشتىكى مەقسىتى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىغا تۇتاشقان مۇھەببەت ھېكايىسىدىكى بۇ باش قەھرىمانلارنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئىدى...

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، بارغانسېرى كۆپ كىشى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، دىلشات ئەر - خوتۇن مەنپەئەتلەنگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كىچىك ئائىلىسىنىڭ ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى.

ھازىر، قەھۋەخانىنىڭ خېرىدارلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، دىلشات قەھۋەخانا تىجارىتىنى ياخشى قىلىش ئاساسىدا، ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش كەسپىنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئافرىقا قەھۋە پۇرچىقىنى قەشقەردە سېتىش، قەشقەرنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى ئافرىقا قاتارلىق جايلارغا سېتىشنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.