تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالىڭىزغا ئېيتىپ قويۇڭ: بۇ نەرسىنى ئالدىراپ باشقىلارغا ئارىيەت بېرىشكە بولمايدۇ

  ھەر ۋاقىت بالىلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن، ھازىر نۇرغۇن ئائىلە باشلىقى بالىسىغا بالىلار تېلېفون قول سائىتى تاقاپ قويىدۇ. ئەمما كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، كىچىككىنە بىر تېلېفون قول سائىتى تېلېگراف ئالدامچىلىرىنىڭ يېڭى نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇلار قانداق قىلىپ بۇ ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىدۇ؟ جياڭشى گەنجوۋدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى يېقىندا ئالاقىدار بىر دېلونى پاش قىلدى.

1

بالىلار يان تېلېفون كارتىسىنى كەينى- كەينىدىن يىتتۈردى

تېلېگراف ئالدامچىلىقى شايكىسى قولغا چۈشتى

  بۇ يىل 4- ئايدىن 5- ئايغىچە، جياڭشى ئۆلكىسى گەنجوۋ شەھىرى نەنكاڭ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئارقا- ئارقىدىن دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقى تېلېفون كارتىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئىشلىتىشتىن توختىتىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بالىسىنىڭ تېلېفون كارتىسىنىڭمۇ سەۋەبسىزلا يىتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

  خەلق ساقچىلىرى ئالاقىدار يىپ ئۇچىغا بىرلەشتۈرۈپ تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مۇنداق بىر ئورتاقلىقنى بايقىدى: بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلگەن بۇ تېلېفون كارتىلىرىغا ئادەتتە بىر قوشۇمچە كارتا باغلىنىدىكەن، بۇ قوشۇمچە كارتىنى كارتا بېجىرگۈچىنىڭ بالىسى تېلېفون قول سائىتىدە ئىشلىتىدىكەن. تىجارەت سودىگىرى قوشۇمچە كارتىدىكى بىنورماللىقنى بايقىغاندىن كېيىن، ئاساسىي كارتىنى ئىشلىتىشنى توختىتىۋېتىدىكەن.

  تەكشۈرۈش جەريانىدا، خەلق ساقچىلىرى يىتۈپ كەتكەن بۇ تېلېفون كارتىلىرىنىڭ نومۇرىغا تېلېفون ئۇرغان يان تېلېفونلارنىڭ ئوخشاش بىر يان تېلېفون ئىكەنلىكىنى بايقاپ، بۇ رايوندا مەخسۇس ئالدامچىلىق تېلېفونى ئۇرىدىغان بىر شايكىنىڭ پەيدا بولغانلىقىدىن گۇمانلاندى.

  جياڭشى ئۆلكىسى گەنجوۋ شەھىرى نەنكاڭ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ خەلق ساقچىسى ليۇ جۈنجيې مۇنداق دېدى:

  تېخنىكىلىق تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بۇ تېلېفوننى ئىشلەتكۈچىنىڭ جاڭ فامىلىلىك كىشى ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق، ئۇ يان تېلېفونىنىڭ يىتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. بىز يان تېلېفوننى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يان تېلېفوننىڭ يان تېلېفون دۇكىنىغا سېتىلغانلىقىنى، خۇاڭ فامىلىلىك بىر كىشىنىڭ بۇ يەردىن بۇ يان تېلېفوننى سېتىۋالغانلىقىنى بايقىدۇق.

  ساقچى تەرەپ جاڭ فامىلىلىك بىلەن خۇاڭ فامىلىلىكنى بىر شايكىنىڭ ئادەملىرى دەپ ھۆكۈم قىلدى، تەھقىقلىگۈچى خادىملار جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئېنىق ئورنىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قولغا چۈشۈردى.

  جياڭشى ئۆلكىسى گەنجوۋ شەھىرى نەنكاڭ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى خېڭشى ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى جوۋ يۈجې مۇنداق دېدى:

  جەمئىي بەش جىنايەت گۇماندارى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، ئۇلارنىڭ ئىككىسىگە جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلىۋاتىدۇ، نۆۋەتتە دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

2

مەخسۇس تۆۋەن يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا قول سېلىپ

تېلېفون قول سائىتىنى ئارىيەتكە ئالغان بولۇپ يان تېلېفون كارتىسىنى ئوغرىلىۋالغان

  تېلېگراف ئالدامچىلىقى يان تېلېفون كارتىسىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئەمما يان تېلېفون كارتىسى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇلغاچقا، ساقچى تەرەپنىڭ سۈرۈشتۈرۈشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، جىنايەتچىلەر بالىلارنىڭ تېلېفون قول سائىتىگە كۆز تىككەن. ئۇلار قانداق قىلىپ بالىلارنىڭ قولىدىن تېلېفون قول سائىتىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئاندىن ئىچىدىكى تېلېفون كارتىسىنى ئوغرىلىۋالغان؟

  خەلق ساقچىلىرى مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىش ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردىكى نۇرغۇن سىن كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ يىل 4- ئايدىن 5- ئايغىچە نەنكاڭ رايونىدىكى نۇرغۇن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىدا توكسىكلىت ياكى موتوسىكلىت مىنىپ لاغايلاپ يۈرگەن ياشلارنىڭ پات- پات پەيدا بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆرسىلا ئالدىغا بېرىپ گەپ قىلغانلىقىنى بايقىدى.

  جياڭشى ئۆلكىسى گەنجوۋ شەھىرى نەنكاڭ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ خەلق ساقچىسى تەن ديەنلېي مۇنداق دېدى:

  بۇ مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە ماڭغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، توكسىكلىت مىنگەن ناتونۇش ئەر ئۇنىڭدىن گەپ سورىغان، تېلېفونىنىڭ توختاپ قالغانلىقى، توكىنىڭ قالمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن تېلېفون قول سائىتىنى ئارىيەت ئېلىپ تېلېفون ئۇرماقچى بولغان. ئىككىيلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، ناتونۇش ئەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سەزگۈرلۈكىنى بوشاشتۇرغاندىن كېىن، ئوغرىلىقچە يان تەرەپكە ئۆتۈپ، يان تېلېفون كارتىسىنى چىقىرىۋالغان.

  جىنايەت گۇماندارى جاڭ xx مۇنداق دېدى:

  ئادەتتە 4- يىللىقتىن تۆۋەن يىللىقلاردىكى ھەم يالغۇز مەكتەپكە ماڭغان ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ گەپ قىلىمىز.

3

GOIP ئۈسكۈنىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ

چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى جىنايەتچىلەر ھەمكارلىشىپ ئالدامچىلىق قىلغان

  خەلق ساقچىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جىنايەتچىلەر قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ يان تېلېفون كارتىسىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، «GOIP» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئۈسكۈنە ئارقىلىق تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى قىلىدۇ.

  GOIP بىر خىل تور ئالاقىسى قىلىدىغان قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىسى بولۇپ، يان تېلېفون كارتىسىنى قوللايدۇ، 100دىن ئارتۇق SIM كارتىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئەنئەنىۋى تېلېفون سىگنالىنى تور سىگنالىغا ئايلاندۇرالايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە مەۋھۇم نومۇردا تېلېفون ئۇرۇش ئارقىلىق، يان تېلېفون نومۇرىنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا تېلېفون ئۇرالايدۇ. يەنە يىراقتىن كونترول قىلىش، يىراقتىن تېلېفون ئۇرۇش، قىسقا ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ۋە يوللاشنى قوللايدۇ.

بىز ئائىلە باشلىقلىرىغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى

بالىڭىزغا ئېيتىپ قويۇڭ

تېلېفون قول سائىتىنى باشقىلارغا ئالدىراپ ئارىيەتكە بەرمىسۇن

ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلانسۇن

ئالدىنىپ قالغاندا، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلسۇن!

پايدىلانغان مەنبە: «شىنخۇا تورى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.