□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى فەن چيۇڭيەن، گو لىڭ
«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئەمدى چەت، يىراق جاي بولماستىن، بەلكى بىر يادرولۇق رايون، تۈگۈن رايون بولدى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاسىيانىڭ «يۈرىكى»گە جايلاشقان بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى مۇھىم تۈگۈن شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، «بىر پورت، بەش مەركەز»نى تېز قۇرماقتا، بۇ جاينىڭ ھەممىلا يېرىدە كۈچلۈك تومۇر سوقۇشنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
دەريا - دېڭىزلارغا تۇتىشىپ، چوڭ قەدەم بىلەن دۇنياغا يۈزلىنىش
8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچتە، كارىۋات بۇيۇملىرى، PET دەرەخ يېلىمى ياپراقچىسى قاتارلىق ماللار لىق قاچىلانغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، قازاقىستاندىكى ئالتۇنكۆل، ئۆزبېكىستاندىكى چۇقۇرساي قاتارلىق جايلارغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
«ئىككى كۈننىڭ ئالدىدىلا ئىمپورت قىلىنغان بىر تۈركۈم خۇڭنيۇنى، جىنەندىن ئەۋەتىلگەن بىر تۈركۈم ئېرىتمە تۈگۈرچەكنى چۈشۈردۇق...» ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مەيدان - ۋوگزال تىجارەت بۆلۈمىنىڭ كارخانا تىرانسپورت خادىمى جيەن زېشۈەن بىر تەرەپتىن ئالدىراش ئىشلىگەچ، بىر تەرەپتىن مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.
2013 - يىلى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2015 - يىلى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش − ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنى قۇرۇش باشلاندى، قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدا، «مال توپلاش، باغچە رايونى قۇرۇش، كەسىپلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش» تەرەققىيات تەپەككۇرىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزى، ئۈرۈمچى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزى قاتارلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رايونلار قۇرۇپ چىقىلىپ، تۈگۈننىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى.
بۇ يىل 7 - ئايغىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىن يولغا چىققان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 7100دىن ئاشتى. «قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ توپلاش ئېففېكتى گەۋدىلەنمەكتە، 21 نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىنى ئېچىش ئارقىلىق، 200دىن ئارتۇق تۈردىكى <جۇڭگودا ياسالغان> مەھسۇلات ياۋروپا - ئاسىيادىكى 19 دۆلەتتىكى 26 شەھەرگە توشۇلدى. ياۋروپا - ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ماللىرىمۇ بۇ يەردىن دۆلەت ئىچىدىكى باشقا شەھەرلەرگە يۆتكەپ توشۇلىدۇ.» شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ما چۇنلېي مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يىل جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن 1100 قېتىمدىن ئارتۇقنى، تۆمۈريول، دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزىدىن 550 قېتىمنى، تاشيول خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىلىدىن 10 مىڭ قېتىمنى يولغا سېلىشقا تىرىشىمىز».
جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، يىپەك يولىدىكى قەدىمىي يولنى بويلاپ غەربكە ماڭسا، ئىككى كۈندە قازاقىستانغا، سەككىز كۈندە رۇسىيەگە، 16 كۈندە گوللاندىيەگە بارغىلى بولىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ئىبارەت دۇنيادىكى دېڭىز - ئوكياندىن ئەڭ يىراق بولغان بۇ ئىچكى قۇرۇقلۇق شەھىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ، چوڭ قەدەم بىلەن دۇنياغا يۈزلەنمەكتە.
بۇ يىل، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى يەنە مال توپلاشنى سىجىل كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قاتنىشىنى ئالغا سىلجىتتى؛ كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت مال توپلاش رايونىنىڭ 2 - قارارلىق تۈرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇرۇقلۇق پورتى قۇرۇلۇشى مۇساپىسىنى تېز ئالغا سىلجىتتى؛ كەسىپلەرنىڭ توپلىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا سودا ئەشيا ئوبوروتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، تەمىنلەش زەنجىرى پۇل مۇئامىلىسى، ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان كەسىپ ھالىتىنى چۆرىدەپ، سودىگەر چاقىرىش سالمىقىنى زورايتىپ، مال توپلاش، باغچە رايونى قۇرۇش، كەسىپلەرنى توپلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.
8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىگە رەسمىي قوشۇلدى، بۇ، شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىدە مۇھىم بىر قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق، شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىلىق رولىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.
«بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشىدا يارقىن نۇقتىلار نامايان بولدى
باھاردا، گاۋتيېغا ئولتۇرۇپ ئۆرۈك چېچىكى كۆرگىلى بېرىش؛ يازدا، توردا كېلىشىپ قويغان ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا بېرىپ بىر ئىستاكان مۇزدەك كاۋاس ئىچىش؛ كۈزدە، ئامراق ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ تورلاشقان يولدا مېڭىپ، ئۈرۈمچىنىڭ رەڭدار كېچىلىك مەنزىرىسىنى كۆرۈش؛ قىشتا، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قار شەھىرىگە بېرىپ قار تېيىلىش...
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئون يىلدا، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر يولى، تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئىستېرېئولۇق قاتناش تورىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىشتىكى خەلقئارا چوڭ يولنى شەكىللەندۈردى. گاۋتيې، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى تىرانسپورتى، شەھەر رېلىسلىق قاتنىشى، BRT، ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تاكسى، جەمئىيەت ئاپتوموبىللىرى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن، شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى بەرپا قىلدى.
سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قۇرۇلۇشىدا ئۈرۈمچىنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى كۆپلەپ نامايان بولۇۋاتىدۇ. 2022 - يىلى 9 - ئايدا، ئۈرۈمچى چېگرا رايون مېھمانخانىسى سودا بازىرى مەملىكەت بويىچە 6 - تۈركۈمدىكى بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلى سىناق نۇقتىسى بولۇپ تەستىقلاندى، بىر ئايدىن كېيىنلا، 104 مىڭ 400 ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئەرەنچە ئاياغلار بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلىدە قازاقىستانغا ئېكسپورت قىلىندى.
«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تاللاپ، خەلقئارا داۋالاش بۆلۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، 2022 - يىلى، ئۈرۈمچىدىكى شەھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى قوبۇل قىلىپ داۋالىغان چەت ئەللىك خادىملار ئافغانىستان، قازاقىستان قاتارلىق 12 دۆلەتتىن كەلگەن خادىملارنى قاپلىدى.
8 - ئايدا بېيجىڭ سىمفونىيە ئۆمىكىنىڭ تارىلىق چالغۇلار كىۋېنتېتى، «لاڭ لاڭ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى مۇزىكا كېچىلىكى»، مىللىي ئوپېرا «خۇاچياۋلار خەت - چەكلىرى» قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن ئۈرۈمچىدە قويۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى سەنئەت كۆرگەزمىسى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، خەلقئارالىق ساياھەت، يىپەك يولى ئارخېئولوگىيەسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشىنى قوللاپ، خەلقئارا پەن - تېخنىكا، مائارىپ ھەمكارلىقى ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.
ئۈرۈمچى شەھىرى دۇڭتىڭ يولى ئەتراپىدا قۇرۇلۇۋاتقان ئۈرۈمچى لۈگۇ خەلقئارا سودا رايونى تۈرىدە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە رايونى مەخسۇس پىلانلاندى، ئۈرۈمچى جىنديەن لۈگۇ خەلقئارا سودا رايونى مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېن جىيۈەن رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشىدا بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى.
ئون يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى چوڭ ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى سىجىل ئۆستۈردى.
«پۈتۈن يەرشارىدىن سېتىۋېلىش» «پۈتۈن يەرشارىغا سېتىش» تەڭ ئىلگىرى سۈرۈلدى
8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى لى لى ئۈرۈمچى شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزىگە كېلىپ رۇسىيەنىڭ قەنت - گېزەكلىرى، ئۇششاق يېمەكلىكلىرىنى تاللاپ سېتىۋالدى، ئۇ رۇسىيە سارىيىدىكى مىغ - مىغ ئادەم بىلەن لىق تولغان مەنزىرىدىن ھەيران قالدى. شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق زاكاز چۈشۈرگىلى بولىدۇ، ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلار 24 سائەت ئىچىدە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلىدۇ.
بىر تور ئارقىلىق دۇنياغا تۇتىشىپ، دۇنيانىڭ چەت - چېتىدىكىلەر بىلەن يېقىن قوشنا بولۇش. ئۈرۈمچى شەھىرىدە، بىر قىسىم چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدا چەت ئەلدىكى ئامبارلاردىن مال تارقىتىشتىن باجدىن خالىي ئامباردىن مال تارقىتىشقىچە، توردا تەسىر كۆرسىتىشتىن تور سىرتىدا تەسىر كۆرسىتىشكىچە بولغان ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئىشىك ئالدىدىلا «پۈتۈن يەرشارىدىن مال سېتىۋالالايدىغان بولدى»، ئىنتايىن قولايلاشتى.
ئىستېمالچىلار چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا يولى ئارقىلىق «پۈتۈن يەرشارىدىن سېتىۋېلىۋاتقان» ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرغۇن كارخانا «پۈتۈن يەر شارىغا مال سېتىۋاتىدۇ»، كىرگۈزۈش - چىقىرىش ئارىلىقىدا، تاشقى سودىنىڭ تەرەققىيات ئاساسى پۇختىلاندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئۈرۈمچىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 35 مىليارد 660 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 52.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت كۆلىمىدە تارىخىي يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى.
«بىز بىر ئاپتوموبىلنى ئېكسپورت قىلىشتا، بۇ يەردىن پورتقا توشۇساق بېيجىڭدىن پورتقا توشۇغانغا سېلىشتۇرغاندا، توشۇش تەننەرخىدىنلا 35 مىڭ يۈەن تېجەپ قالالايمىز.» شىنجاڭ داداۋ ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، باش دىرېكتور ياڭ سېن مۇنداق دېدى: شۇڭا، شىركىتىمىز ئۈرۈمچىدە لياڭخې يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق پەن - تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇپ، بىر ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ.
شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى شىنجاڭدىكى تۇنجى پۈتۈن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش - ياساش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىر شىنجاڭ بازىرى ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتىن 4000 غا يېقىن ئاپتوموبىل زاكازى قوبۇل قىلدى، بۇ يىل بۇ شىركەتنىڭ نىشانى 6000 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش.
جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتى جولاڭنىڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى يادرولۇق زاۋۇتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە ماكانلىشىشىدىكى مەقسەت «بىر بەلباغ، بىر يول»لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايون بازارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بارغانسېرى كۆپلىگەن كارخانا ئۈرۈمچىنى سودا ھەمكارلىق ھەمراھى قىلىپ تاللاپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. ئۈرۈمچى شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى چوڭ ئەندىزىسىگە سىڭىشىشى، غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە مەزمۇت تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.