8-ئاينىڭ 23-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان قەشقەر كوزىچى يار بېشى مەھەللىسىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى.
تىيانشان تورى \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى − <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» زىيارەت تارماق ئەترىتىنىڭ مۇخبىرلىرى قەشقەر كوزىچى ياربېشى مەھەللىسىدىكى تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىغا كىرىپ، يىپەك يولىدىكى بۇ تۇرالغۇنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.
8-ئاينىڭ 24-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر كوزىچى ياربېشى مەھەللىسى مەنزىرە رايونىنى ئېكسكۇرسىيە ۋە سەيلە-ساياھەت قىلماقتا.
8-ئاينىڭ 24-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر كوزىچى ياربېشى مەھەللىسى مەنزىرە رايونىنى ئېكسكۇرسىيە ۋە سەيلە-ساياھەت قىلماقتا.
كوزىچى ياربېشى مەھەللىسى يەنە كوزىچى ياربېشى كونا شەھەر رايونى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تۈمەن دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئېگىزلىكى تەخمىنەن 30 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى تەخمىنەن 400 مېتىر كېلىدىغان سېرىق توپىلىق ئېگىزلىككە جايلاشقان، كۆلىمى تەخمىنەن 57 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ قەشقەر شەھىرىدە ساقلىنىپ قالغان ئۆزگىچە خام كېسەك قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەر توپى بولۇپ، ئىزچىل كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە. كىرىش ئېغىزىدىكى شەكلى ئۆزگىچە بولغان ئىشىك ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە، سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى، ئىشىك بېشىدىكى بېزەك نەقىشلەر ۋە يېزىقلار نىيە خارابىسىدىن قېزىپ چىقىلغان دۆلەت بىرىنچى دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى − «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن كىمخاب يەڭلىكتىن كەلگەن.
8-ئاينىڭ 24-كۈنى، قەشقەر كوزىچى ياربېشى مەھەللىسى مەنزىرە رايونىدىكى يار بېشىدىكى كۇلالچى ئائىلىسى.
«كوزىچى ياربېشى» سۆزىنىڭ دۆڭدىكى كۇلال دېگەن مەنىسى بار، بۇ يەردىكى كۇلال دۇكانلىرى 800 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە بولۇپ، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان تۆت، بەش يۈز يىل بۇرۇنقى بىر كۇلال دۇكىنىمۇ بار. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرۈشى، كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۆيلەرمۇ قەۋەتمۇقەۋەت سېلىنىپ، بارغانسېرى ئېگىزلەپ، «كوچىدىن ھالقىغان بىنا» «يېرىم بىنا» «ئاسما بىنا» قاتارلىقلار بۇ يەردىكى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە تۇرالغۇ ئىمارەت مەنزىرىسىگە ئايلانغان.
كوزىچى ياربېشى مەھەللىسى مەنزىرە رايونى ئۇيغۇرلار تۇرالغۇسى ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەت ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتكە ئىگە ئېسىل مەدەنىيەت-ساياھەت تۈرى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىدا، مەدەنىيەت-ساياھەت كەسىپ ھالىتى كىرگۈزۈلۈپ، قەدىمىي ئىمارەتلەرنى جانلاندۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. 2021-يىلى، قەشقەر كوزىچى ياربېشى مەھەللىسى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئېچىش تۈرى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ تۈردە ئاساسلىقى قەشقەر شەھىرى كوزىچى ياربېشى مەھەللىسىدىكى خارابىلەرنى رېمونت قىلىش، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى، سۇ، توك يولى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى. 2023-يىلى 6-ئايدا، كوزىچى ياربېشى مەھەللىسى يېڭىچە قىياپەت بىلەن سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلىپ، يېڭى ساياھەت داكا نۇقتىسىغا ئايلاندى.