شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزى:
ئۈرۈمچىدە «پۈتۈن يەر شارىدىكى تاۋارلارنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ»
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى فەن چيۇڭيەن، گو لىڭ
8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى لۇشەن كوچىسىغا جايلاشقان شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزىگە كىرگەندە، دەرۋازا ئۇدۇلىدىكى مال جازىسىغا تىزىلغان داڭلىق ماركىلىق ھەر خىل سومكىلارنى كۆرگەن شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى − <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» زىيارەت تارماق ئەترىتىنىڭ مۇخبىرلىرى كۆزىنى ئۈزەلمىدى.
شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزى 2022 - يىلى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تىجارەت باشلىغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش ئۇقۇمى ئاساس قىلىنغان يېڭىچە پارچە سېتىش سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى، شۇنداقلا تور سىرتىدىكى ئۇنىۋېرسال گەۋدە + توردىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى + باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش زەنجىرسىمان دۇكىنىدىن ئىبارەت كۆپ خىل ئەندىزە، كۆپ كەسىپ ھالىتى قوللىنىلغان سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى.
شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى چېگرا ھالقىغان باجدىن خالىي تاۋارلارنى ھېس قىلىش مەركىزى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
«بۇ يىل بىز ساتقان چېگرا ھالقىغان ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى 10 مىڭ خىلدىن ئاشتى، بۇلار رۇسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق 30 نەچچە دۆلەتتىن كەلتۈرۈلگەن.» شىنجاڭ يىپەك يولى شىدامېن پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى جۈن بىر تەرەپتىن تونۇشتۇرغاچ، مۇخبىرلارنى باشلاپ بىر ياندىكى چېگرا ھالقىغان باجدىن خالىي تاۋارلارنى ھېس قىلىش مەركىزىگە كەلدى، لەنكوۋ، ياشى لەندەي، جىفەنشى، خېليەننا... خانىم - قىزلار ياقتۇرىدىغان داڭلىق ماركىلىق ھەرخىل گىرىم بۇيۇملىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى.
«ھېس قىلىش مەركىزىگە پۈتۈن يەرشارىدىن كەلتۈرۈلگەن 1000 خىلغا يېقىن تاللانغان تاۋارلار توپلانغان بولۇپ، ئاساسلىقى گىرىم بۇيۇملىرى، ساقلىق ساقلاش بۇيۇملىرى ۋە ئائىلە بۇيۇملىرىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە گىرىم بۇيۇملىرى تۈرىدىكىلەر تاۋار ئومۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن %70ىنى ئىگىلەيدۇ» دېدى لى جۈن.
مەملىكەت سىرتىدا مەنبەدىن مەركەزلىك سېتىۋېلىش، دۆلەت ئىچىدىكى باجدىن خالىي ئامباردا مەركەزلىك مال تەييارلاش، تاموژنىدا پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش... شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزى «ئالدى دۇكان، كەينى ئامبار + ئۆزى تېز سۈرئەتتە تەقسىملەپ يەتكۈزۈش» تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللانغان بولۇپ، تاۋارلار «ھەقىقىيلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغان بولۇش، باھاسى ئەرزان بولۇش، ۋاقىت ئۈنۈمى تېز بولۇش»تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە. تاۋارلار دۆلەت سىرتىدىن سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئامبىرىغا بىۋاسىتە كىرگۈزۈلىدۇ، ئەشيا ئوبوروتى ئۇچۇرلىرى پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئاشكارا بولىدۇ، بىر تاۋارغا بىر كود ئىشلىتىلىپ، ھەقىقىيلىقىغا مەنبەدىن كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ ئىمپورت قىلىنغان چېگرا ھالقىغان باجدىن خالىي تاۋارلاردىن تاموژنا بېجى ئېلىنمايدۇ، ئىستېمال بېجى ۋە قوشۇلما قىممەت بېجىدا %30 ئېتىبار قىلىنىدۇ، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، باھاسى ئادەتتە بازار باھاسىدىن %15تىن %30كىچە ئەرزان بولىدۇ؛ شۇ جايدىكى باجدىن خالىي ئامبارلار مالنى بىۋاسىتە ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تەقسىملەپ يەتكۈزىدۇ، ئۈرۈمچىدە مال تاپشۇرۇۋېلىش ۋاقىت ئۈنۈمى 24 سائەت ئىچىدە بولىدۇ، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە 48 سائەت ئەتراپىدا بولىدۇ.
ئىمپورت تاۋارلار تىزىلغان بىر قاتار كۆرگەزمە ئىشكاپى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، مۇخبىرلار بۇنىڭ ئاپتوماتىك مال سېتىش ماشىنىسى ئىكەنلىكىنى، ئىچىدىكى ئىمپورت گىرىم بۇيۇملىرىنى ئېكراننى چېكىپلا سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى، سېتىۋېلىپلا مالنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى، توردا زاكاز قىلمىسىمۇ، ئىشىك ئالدىغىچە تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىشنى كۈتمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. «بۇ، ئەتراپتىكى تۆمۈريول تۈگۈنى، خىزمەت بىناسى ۋە بىر قىسىم ئاھالىلەر رايونىدىكى خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قويۇلغان تۈرلۈك ئىمپورت تاۋارلارنى ئاپتوماتىك سېتىش ماشىنىسى» دېدى لى جۈن.
مۇخبىرلار يەر شارىۋى دۆلەت كۆرگەزمە سارىيىغا كىرمەي تۇرۇپلا، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ «پۈتۈن يەر شارىدىكى تاۋارلارنى سېتىۋېلىش» قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدى، بولۇپمۇ رۇسىيە سارىيىدا ئادەملەر مىغ - مىغ ئىدى، كەمپۈت، شاكىلات، ئۇششاق يېمەكلىك، زەمبۇرۇغ تۈرىدىكىلەر... مال سېتىۋالىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سېتىۋالغان نەرسىلەرنى چوڭ - كىچىك سومكىلارغا لىق قاچىلاپ قايتىۋاتاتتى. تېخى ناشتا قىلمىغان مۇخبىرمۇ قىزىقچىلىقتا 12 يۈەن خەجلەپ رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان بىر قاپ تۇخۇم تۈرمىلىنى سېتىۋېلىپ، ھەمراھلىرى بىلەن ھەمبەھرىلەندى.
لى جۈن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: بۇ جايدىكى ماللار ئاساسلىقى رۇسىيە بىلەن تۇتىشىدىغان پورتلار ۋە جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىدىن ئىبارەت ئىككى يول ئارقىلىق كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، تۈرى جەمئىي 500 خىلدىن ئاشىدۇ، سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى.
پەلەمپەي لىفىت بىلەن 2 - قەۋەتكە چىققاندا، بۇ جاي 1 - قەۋەت بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بولۇپ، تۈرلۈك ئىمپورت تاۋارلار تۈرلەر بويىچە رايونلارغا ئايرىلغانىدى، پەرغانە ئىمپورت يېمەكلىكلەر توپلانما سارىيىدا سېتىلىدىغان كەمپۈت، پېچىنە، شاكىلاتنىڭ ھەممىسى توردا ئىنتايىن ئالقىشلانغان ئۇششاق يېمەكلىكلەر ئىدى؛ گېرمانىيە داڭلىق ئاياغ سارىيىدا گېرمانىيەدىكى زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان ئاياغلار سېتىلاتتى؛ جىنليۇدىڭ توپلانما دۇكىنى خۇددى ئىمپورت تاۋارلار تاللا بازىرىغا ئوخشايتتى.
«ئىمپورت قىلىنغان بەش كىلوگىراملىق كانا يوقىتىش خۇشپۇراقلىق كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى 19.9 يۈەنگە ئالاھىدە باھادا سېتىلىپتۇ، بەك ئەرزان ئىكەن.» شەھەر ئاھالىسى لى لى بىر قېتىمدىلا بۇنىڭدىن ئۈچ قۇتا سېتىۋالدى، بۇ باھا تاللا بازارلاردىكى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئوخشاش تۈردىكى تاۋارلارنىڭ باھاسى بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، ھەقىقەتەن بەك ئەرزان ئىدى.
مورى ئۇنى، قارا ئاشلىق، تېرىق ھارىقى، ئۈستىقۇددۇس جەۋھەر مېيى، قۇرۇق مېۋە، سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئۇزۇن تالالىق پاختا مەھسۇلاتلىرى... بۇ جايدا ئىمپورت تاۋارلار بار بولۇپلا قالماي، يەنە يەرلىك مەھسۇلاتلارمۇ سېتىلاتتى. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سارىيىغا كىرگەندە، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان تۈرلۈك خاس تاۋارلار كۆرگەزمە قىلىنىۋاتاتتى. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سارىيىنى تەسىس قىلىشتىكى نىشان − ئۈرۈمچىنى يادرو قىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەت ھەم رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، «شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەت ئەلگە چىقىرىش» يېڭى يولىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى دۇنياغا سېتىشتىن ئىبارەت.
لى جۈن مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز يەنە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى داڭلىق ساياھەت شىركەتلىرى، مەدەنىيەت شىركەتلىرى، كەسىپ شىركەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بايلىقتىن تەڭ بەھرىلىنىش، ئۆزئارا ئالاقىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدا، توردا ۋە تور سىرتىدا ھەمتۈرتكە بولۇپ سېتىش، دەل جايىدا سېتىشقا تۈرتكە بولۇپ، سىجىل تۈردە خەلقئارا جەمئىيەتكە «شىنجاڭ ياخشى جاي» داڭلىق ماركا ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ.