تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى يەتتە ئايدا شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرغان ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 200 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يەتتە ئايدا، شىنجاڭ ئىستېمال بازىرىنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى داۋاملىشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 205 مىليارد 617 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. ئاپتونوم رايون بويىچە نورمىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى ئورۇنلار ئىشقا ئاشۇرغان ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 107 مىليارد 646 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.7 ئاشقان.

تىجارەت ئورنى تۇرۇشلۇق جاي بويىچە ئايرىغاندا، 1 ـ ئايدىن 7 ـ ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە نورمىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى شەھەر، بازار ئورۇنلىرى ئىشقا ئاشۇرغان ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 101 مىليارد 363 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.7 ئاشقان؛ نورمىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى يېزا، كەنت ئورۇنلىرى ئىشقا ئاشۇرغان ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 6 مىليارد 283 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشقان.

ئىستېمال تۈرى بويىچە ئايرىغاندا، 1 ـ ئايدىن 7 ـ ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە نورمىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى ئورۇنلار ئىشقا ئاشۇرغان تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 101 مىليارد 708 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشقان؛ نورمىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى ئورۇنلار ئىشقا ئاشۇرغان يېمەك ـ ئىچمەك كىرىمى 5 مىليارد 938 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.3 ئاشقان.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئاپتونوم رايون سودا ساھەسىنىڭ «14 ـ بەش يىل»دا ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزدى ھەم سىستېمىلىق تەشكىللەپ يولغا قويدى؛ ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىستېمالنىڭ تېز ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلار ئاپتوموبىل ئارقىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېمەك ـ ئىچمەك ئارقىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساياھەت ئارقىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، چەكنى ئۆستۈرۈپ ئىستاتىستىكىغا كىرگۈزۈش، كېچىلىك ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى قاتارلىق جايلار دىققەتنى «كېچىلىك مال سېتىۋېلىش، كېچىلىك كۆڭۈل ئېچىش، كېچىلىك غىزالىنىش، كېچىلىك قونالغۇ» قاتارلىق تۆت چوڭ ساھەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى چوڭ سودا چەمبىرەكلىرى، كوچا رايونلىرىنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك خاس مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە رايونى، ئۇششاق تاۋارلار كەچلىك بازىرى قاتارلىقلارنى پىلانلاپ، سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىلىرىنىڭ تىجارەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال قولايلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

ئاپتونوم رايونىمىز يەنە «2023 ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ھەر ھەپتىدە كۆرۈنۈش بولۇش، ھەر ئايدا پائالىيەت بولۇش، ھەر پەسىلدە باش تېما بولۇش» ئارقىلىق، دولقۇنسىمان ئىستېمال قىزغىن دولقۇنىنى شەكىللەندۈردى. يىل بېشىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك سودا تارماقلىرى پۈتۈن ساھە بويىچە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىدىن 300 نەچچە مەيدان قېتىمغا يېتەكچىلىك قىلدى ياكى قاتناشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى سودىگەرلەرنى 1500 مەيداندىن ئارتۇق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى، يېتەكلىدى. ھەرقايسى جايلار ئاز بولغاندىمۇ ئاۋاتلىق ئۈنۈمى مۇجەسسەملەنگەن ئىككى ـ ئۈچ ئىستېمال كۆرۈنۈشى بەرپا قىلىپ، ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بەردى، تۇرپان، خوتەن، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلار مۇزىكا بايرىمى، چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى، ئاپتوموبىل كېچىلىك كۆرگەزمىسى، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئويۇنى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق خېرىدارلارنى جەلپ قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر خې گوچىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئائىلە بۇيۇملىرى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە تەدبىرنى يولغا قويۇش لايىھەسى، كونا داڭلىق ماركىلارنى بېكىتىش، باشقۇرۇش چارىسى قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئېلان قىلىدۇ؛ «2023 ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى» پائالىيىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يەرلىك خاسلىققا ئىگە بىر تۈركۈم داڭلىق بايرام ـ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.