زەنجىردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئەۋزەل بايلىقتىن جانلىق پايدىلىنىش
شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مېۋە ـ كۆكتاتلىرى تېز سۈرئەتتە دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقتى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا
شاخلىرى كۆتۈرەلمەي قالغان شېرىن مېۋە ـ چېۋىلەر، ياپيېشىل ئۆسكەن كۆكتاتلار كىشىنى خۇشال قىلاتتى. باش كۈز مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ يېشىل ئورگانىك مېۋە ـ كۆكتات كەسپى مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، كىشىلەر مېۋىلىك باغ، كۆكتاتلىقلاردا تەر ئاققۇزۇپ، مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى.
يېشىل ئورگانىك مېۋە ـ كۆكتات كەسپى شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ دىققەتنى مېۋە ـ كۆكتات كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېرىش، توشۇش، پىششىقلاش، باشقۇرۇش قاتارلىق ھالقىلارغىچە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، مېۋە ـ كۆكتات كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، شىنجاڭنىڭ بارغانسېرى كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مېۋە ـ كۆكتات مەھسۇلاتلىرى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقتى.
خاس مېۋە ـ كۆكتات مەھسۇلاتلىرى چەت ئەللەرگە سېتىلدى
8 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، باي جياشۈن ياڭيۇ كەسپى پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونى ھەر كۈنى ئالدىراشلىققا تولدى، ئىشچىلار ياڭيۇنى ئاپتوموبىلغا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ ياڭيۇلار تورغات پورتى ئارقىلىق قىرغىزىستانغا ئېكسپورت قىلىنىدۇ.
«بىز 8 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تۇنجى تۈركۈمدە 200 توننا ياڭيۇ ئېكسپورت قىلدۇق.» بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جوۋ چياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز بۇ يىل 20 مىڭ توننا ياڭيۇ ئېكسپورت قىلىشنى پىلانلىدى.
باي ناھىيەسىنىڭ ھاۋاسى سالقىن بولغاچقا، ياڭيۇ تېرىشقا ماس كېلىدۇ. بۇ يەردىن چىقىدىغان ياڭيۇنىڭ تەمى ياخشى، سۈپىتى ئەلا بولۇپ، سودىگەرلەر ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ناھايىتى ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. 2023 ـ يىلى، باي ناھىيەسىنىڭ ياڭيۇ تېرىلغۇ كۆلىمى 46 مىڭ 200 موغا يېتىپ، كەسىپ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولدى.
«بۇ يىل ياڭيۇنىڭ مو بېشى ھوسۇلى تۆت توننا ئەتراپىغا يېتىدۇ، سېتىشتىن ئاساسەن غەم قىلمايمىز» دېدى باي ناھىيەسى ياقائېرىق بازىرىدىكى ياڭيۇ تېرىش چوڭ ئائىلىسى لى خۈيخۇا.
8 ـ ئاي شىنجاڭنىڭ مېۋە ـ كۆكتاتلىرى مەي باغلاپ پىشىدىغان مەزگىل، شۇنداقلا قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىراش مەزگىلى. «بىز ھەر كۈنى ئاپتوموبىل تەشكىللەپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە مال ئەۋەتىمىز، ئاساسلىقى ئالما، شىنمېي، توغاچ، ئۈزۈم، شوخلا، خاڭگا، لازا قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىمىز» دېدى شىركەتنىڭ باش مۇدىرى يۈ چېڭجۇڭ.
ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى 2022 ـ يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە جەمئىي 150 مىڭ توننا مېۋە ـ كۆكتات مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلدى. «بۇ يىل بىزنىڭ نىشانىمىز ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە 200 مىڭ توننا مېۋە ـ كۆكتات مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلىش» دېدى يۈ چېڭجۇڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.
قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى پۈتۈن مەملىكەتتە 150 مىڭ مو مېۋە ـ كۆكتات ئېكسپورت بازىسى قۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدا 80 مىڭ مو بار بولۇپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە تارقالغان. «شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، سانائەت بۇلغىمىسى ئاز، يەنە مول يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ۋە پورت رايون ئورنى ئەۋزەللىكى بار، يېشىل، ئورگانىك مېۋە ـ كۆكتات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ» دېدى يۈ چېڭجۇڭ.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ مېۋە ـ كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت كۆلىمى تەدرىجىي كېڭەيدى، تۈرى كۆپەيدى. شىنجاڭنىڭ شوخلا، خاڭگا، رەڭلىك لازا، ياڭيۇ، لازا ھەمدە ئالاقىدار ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا بازارلىرىغا سېتىلدى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئالما شەربىتى رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىندى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ياڭاق، چىلانلىرى جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق ياۋروپاغا سېتىلدى، كورلا نەشپۈتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازارلىرىغا ئېكسپورت قىلىندى...
قورغاس تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، قورغاس تاشيول ۋە تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنغان مېۋە ـ كۆكتات 40 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61.6 ئاشقان.
مېۋە ـ كۆكتات كەسىپ زەنجىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلاندى
شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى بولغاچقا، بۇ يەردە ئۆستۈرۈلگەن مېۋە ـ كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمى تاتلىق، سۈپىتى ئەلا.
بىراق، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ مېۋە ـ كۆكتات كەسىپ زەنجىرى نىسبەتەن ئاجىز ئىدى. ھالبۇكى، ئېكسپورت سودىسىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە بولغان تەلىپى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، پەقەت تېرىش، پىششىقلاش، توشۇش قاتارلىق كەسىپ زەنجىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىغاندىلا، شىنجاڭنىڭ مېۋە ـ كۆكتات مەھسۇلاتلىرى ئاندىن بايلىق ئەۋزەللىكىدىن كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلىنىپ، چەت ئەلدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيتتى.
شىنجاڭ خاۋتيەن يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پىششىقلاش سېخىدا، ئۈزۈم يوپۇرمىقى يۇيۇش، تۇڭغا قاچىلاپ چىلاش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرى ئارقىلىق، ھەر خىل شەكىلدە ئوراپ قاچىلىنىپ چەت ئەلگە سېتىلىدۇ. بۇ يىل 5 ـ ئايدا پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بۇ كارخانا شۇ جاينىڭ ئۈزۈمچىلىك كەسپى ئۈچۈن يېڭى تەرەققىيات بوشلۇقى ئېچىپ بېرىپ، ئۈزۈم ئۆستۈرگۈچى ئائىلىلەرگە ئارتۇق كىرىم ئېلىپ كەلدى.
«ئائىلىمىزنىڭ 12 مو ئۈزۈملۈكى بار، 5 ـ ئايدىن ھازىرغىچە 13 مىڭ يۈەنلىك ئۈزۈم يوپۇرمىقى ساتتۇق» دېدى كېرىيە ناھىيەسى لەڭگەر بوز يەر دېھقانچىلىق مەيدانى ئىسلىق بوز يەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھەنىپەمخان بارات.
ئىلگىرى كالا، قوي بېقىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۈزۈم يوپۇرمىقى ھازىر كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىكى گۆھەرگە ئايلاندى. كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۇزارتىلىشى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ خاۋتيەن يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يەنە ئۈسكۈنە كىرگۈزۈپ، ئۈزۈم يوپۇرمىقىنى پىششىقلاپ «دولما» دەپ ئاتىلىدىغان گۈرۈچ ئورالغان كونسېرۋا يېمەكلىكى تەييارلايدۇ، بۇ مەھسۇلات چەت ئەل ئىستېمال بازىرىدا ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. نۆۋەتتە، كېرىيە ناھىيەسىدە 100 مىڭ موغا يېقىن ئۈزۈم ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئۈزۈمچىلىك كەسپىنىڭ كۆپ مەنبەلەشكەن، ئىنچىكىلەشكەن تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۈزۈمچىلىك كەسپى يېزا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى، كەسىپ سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىدىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندى.
ئەلا سۈپەت كاپالىتى شىنجاڭ مېۋە ـ كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىشىدىكى ئاچقۇچ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مېۋە ـ كۆكتات كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، باغ ـ ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئۆلچەملەشكەن باغ قۇرۇلۇشى، يۇقىرى ئۆلچەملىك پارنىك قۇرۇلۇشى، ساقلاش، يېڭى پېتى ساقلاش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، پەن ـ تېخنىكا تىرىكى ۋە پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپ زەنجىرىنى پۇختىلاش ئارقىلىق، مېۋە ـ كۆكتات كەسپىنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، باغ ـ ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ باغ ـ ئورمان تاۋار مېۋە نىسبىتى 2017 ـ يىلىدىكى %60تىن ئېشىپ 2022 ـ يىلىدىكى %86كە يېتىپ، مېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆسكەن. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار يەنە سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى، سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇش قۇرۇلۇشىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، مېۋە ـ كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنى ۋاقتىدا يىغىپ، ئالدىن سوۋۇتۇپ ھەمدە سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇش ئارقىلىق مەنزىلگە تېز يەتكۈزۈپ، شىنجاڭ مېۋە ـ كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىلگىرىكى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىپ ئۆزى سېتىشتىن سىرتقا سېتىشقا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، ھەر يىلى شىنجاڭ مېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ %80ى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازارغا سېتىلىۋاتىدۇ.
ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى ئەۋزەل رايونغا توپلاندى
ئەڭ مۇۋاپىق جايدا ئەڭ ماس كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلدى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، مېۋە ـ كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا توپلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
نۆۋەتتە، شىنجاڭدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنى بويلىغان باغ ـ ئورمان ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى ۋە تۇرپان ـ قومۇل ئويمانلىقى، ئىلى دەرياسى جىلغىسى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئۈچ باغ ـ ئورمان كەسىپ بەلبېغىدىن ئىبارەت «بىر رايون، ئۈچ بەلباغ» تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.
بۇنىڭ ئىچىدە، چىلان، ئۈزۈم، ئۆرۈك، شىنمېينىڭ كۆلىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا، ياڭاق مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە 2 ـ ئورۇندا تۇرىدۇ، ئالما، نەشپۈت، بادام، ئانار قاتارلىق داڭلىق، ئەلا، خاس، يېڭى سورتلار ئەلا سۈپىتى بىلەن بازاردا ئالقىشقا ئېرىشىپ، كۈچلۈك بولغان سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى نامايان قىلدى.
بۇ يىل، شىنجاڭ «بىر رايون، ئۈچ بەلباغ» باغ ـ ئورمان كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، باغ ـ ئورمانچىلىقنى رايونلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش، تەڭشەش ۋە سورتنى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئوخشاش بولمىغان خاس باغ ـ ئورمانچىلىقنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نۇقتىلىق ئەۋزەل رايونلارغا مەركەزلىشىشىنى تېزلىتىپ، «شىنيۈ» ئۈزۈمى، «شا 01 ـ نومۇر» نەشپۈتى، «يەنفۇ 8 ـ نومۇر» ئالمىسى قاتارلىق ئەلا سورتلارنىڭ كۆلىمىنى تەرتىپلىك كېڭەيتتى.
شوخلا، لازا قاتارلىق قىزىل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭنىڭ مېۋە ـ كۆكتات كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. شىنجاڭنىڭ شوخلا مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت ئىچىدە %80تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ، تارباغاتاي ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلار شوخلا پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلار. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2022 ـ يىلى شىنجاڭنىڭ شوخلا قىيامى ئېكسپورت مىقدارى 475 مىڭ توننىغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %51ىنى ئىگىلىگەن. شوخلا شەربىتى، شوخلا ئۇرۇقى مېيى، لىكوپېن قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلار ياۋروپا، ئامېرىكا، ئافرىقا، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا سېتىلغان. لازا ئاساسلىقى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى يەنجى ئويمانلىقى ئەتراپىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، نۆۋەتتە يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان پىگمېنت، لازا قىيامى قاتارلىق كۆپ خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلارغا سېتىلماقتا.
2020 ـ يىلى، شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەسلىھەلىك كۆكتاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، قەھرىتان قىشتا ئۆلچەملىك كۈن نۇرى پارنىكىدا ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان، ئەتىياز بىلەن كۈز پەسلىدە چوڭ ـ كىچىك قوش يوپۇقلۇق ئەگمە پارنىكتا ئىشلەپچىقىرىشنى قوشۇمچە قىلغان ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئەسلىھەلىك كۆكتات تېرىلغۇ كۆلىمى پۈتۈن شىنجاڭ كۆكتات تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %80ىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئەسلىھەلىك كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ قالدى.
شىنجاڭ مېۋە ـ كۆكتات كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قىياس قىلىشقا بولىدۇكى، كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ يېشىل ئورگانىك مېۋە ـ كۆكتات كەسپىنىڭ تەرەققىيات زاپاس كۈچى تېخىمۇ يېتەرلىك بولىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مېۋە ـ كۆكتات مەھسۇلاتلىرى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىدۇ ھەم خەلقارا بازاردا بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ.