تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

ئالتاي شەھىرى: مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل، كۈزلۈك يىغىم پەيتى يېتىپ كەلدى

  

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، دېھقانلار ماشىنا ھەيدەپ سىلوس قونىقى ئورماقتا. ھازىر ئالتاي شەھىرىنىڭ چىمىرچەك يېزىسىدا تېرىلغان 23 مىڭ 500 مو سىلوس قونىقى ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، دېھقانلار ئورۇشنى تېزلىتىپ، سىلوس يەم –خەشىكى ياساپ، چارۋىلارنىڭ قىشتىن ئۆتۈشى ئۈچۈن يېتەرلىك «قۇۋۋەتلىك تاماق» تەييارلىدى.

(ئىختىيارىي مۇخبىر ئارداق بېيىسقان فوتوسى)

9-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئالتاي شەھىرىنىڭ چىمىرچەك يېزىسى ئاقچاپۇبا كەنتىدىكى دېھقانلار رەڭلىك يېپىشقاق كۆممىقوناقنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي شەھىرى چىمىرچەك يېزىسى يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، دېھقانلارنى خاس ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىقچىلىقىنى كېڭەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل بۇ يېزىدا 216 مىڭ مو يەرگە زىرائەت تېرىلدى.

ئالتاي شەھىرىنىڭ چىمىرچەك يېزىسى ئاقچاپۇبا كەنتىدىكىلەر گازىر تاۋۇزى يىغماقتا.

ئالتاي شەھىرىنىڭ چىمىرچەك يېزىسى ئاقچاپۇبا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئاپتاپقا سېلىش مەيدانىدا گازىر تاۋۇزىنى ئاپتاپقا سالماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.