
9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۈزۈملەرنى قاچىلاپ توشۇماقتا. نۆۋەتتە، تۇرپان ئويمانلىقىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12ـ شىسى 221 ـ تۇەنىدىكى 10 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى ئۈزۈملەر پىشتى، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈزۈپ، ئايرىپ، يەشىككە قاچىلاپ بازارغا سېلىپ ساتتى، بۇ تۇەننىڭ يېڭى ئۈزۈملىرى ۋېيتنام، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىپ، چەت ئەلدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ( ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ليۇ جيەن )

خىزمەتچى خادىملار ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا ئۈزۈمنىڭ قەنت مىقدارىنى تەكشۈرۈپ، ئۈزۈم ئېكسپورت قىلىش سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتى.

ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئۈزۈمنى سوغۇق توشۇش ئاپتوموبىلىغا قاچىلىماقتا.