9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) «بۇ يىل 1 ـ ئايدىن 7 ـ ئايغىچە، قۇرۇقلۇق پورت رايونىدا جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 772 قېتىم قاتناپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58.7 ئاشتى.» كۈز كۈنلىرىدىكى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ كەسىپ بېجىرىش زالىدا، چۈشەندۈرگۈچى گۈلنىگار قۇربان تەكشۈرۈشكە كەلگەن خېرىدارلارغا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىنتايىن ئېنىق تونۇشتۇردى.
«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىق پەيتىدە، مۇخبىر شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)نىڭ «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى − <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» زىيارەت تارماق ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە، ئەترەت ئەزالىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ، قولىدىكى قەلەم ۋە كامېرا ئارقىلىق، بۇ ئون يىلدىن بۇيانقى، ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جۇغراپىيەلىك مەركىزىگە جايلاشقان ئۈرۈمچىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش داۋامىدا يۈز بەرگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەردىن خاتىرە قالدۇردى.
بوغدا چوققىسىنىڭ ئىتىكىدە ئاپتوموبىللار توختىماي ئىلگىرىلىمەكتە، قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا «كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت»، جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزلىرى خۇددى «پولات كارۋان»لاردەك «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدە ئۈزۈلمەي قاتنىماقتا؛ يىلۇتۇڭ چېگرا ھالقىغان سودىسىدا ماللار «بىر بەلباغ، بىر يول»نى قاپلىدى، ئەشيا ئوبوروتى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ئاسىيا ـ ياۋروپاغا مۇلازىمەت قىلىندى؛ لۈگۇ خەلقئارا سودا رايونىدا مۇنارسىمان كىرانلار قەد كۆتۈرۈپ، ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ياڭراپ، توم پولات چىۋىقلاردىن ئۇل سېلىنىپ، پۇل مۇئامىلە بىناسى قەد كۆتۈردى؛ لياڭخې يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق پەن ـ تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىدا، كوئىنلۇن شۆباۋ ئالاھىدە ئاپتوموبىللىرى ئارقا ـ ئارقىدىن ئىشلەپچىقىرىلدى؛ تيەنشەن مىڭيۆ شەھەرچىسىدە ناخشا ـ ئۇسسۇللار قاينىدى، ئادەملەر ئېقىمى ئۈزۈلمىدى، خۇشال ـ خۇراملىق، ئىناقلىق مىلودىيەسى ياڭراپ، يىپەك يولىنىڭ ئاۋاتلىقى قايتا نامايان بولدى.
ئۈرۈمچى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە، تۆت چوڭ ئىقتىساد كارىدورى تۇتاشقان جايغا جايلاشقان بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىققا ئىگە. «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ۋە گاۋتيې ۋوگزالىنى «قوش يادرو»، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى توشۇشنى ئاساسلىق تىرەك قىلىپ، شەرقتىن كەلگەننى غەربكە يەتكۈزىدىغان، دۆلەت ئىچى بىلەن دۆلەت سىرتى تۇتاشتۇرۇلغان ھاۋا يولى ـ تۆمۈريول ـ قۇرۇقلۇق يولى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە رولى كۈنسېرى گەۋدىلىنىپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق يادرولۇق رايون، تۈگۈن بەلبېغىغا ئايلاندى.
8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) دا، بىر ئوق پويىز جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ يولۇچىلار پويىزىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش بازىسىدىن چىقىپ، يېڭى مۇساپىنى باشلىماقتا.
8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئىشچىلار ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) غا جايلاشقان لۈگۇ خەلقئارا سودا رايونىدىكى پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ 1 - نومۇرلۇق بىناسىنىڭ قۇرۇلۇش ئىش ئورنىدا داۋاملىق پولات چىۋىق ئۇلىماقتا، بۇ بىنا جەمئىي 23 قەۋەت بولۇپ، 9 - ئاينىڭ باشلىرىدا ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان نەچچە سودىگەر شىنجاڭ خەلقئارا -يىغىن كۆرگەزمە مەركىزىدە 2023 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى ئىمپورت تاۋارلىرى كۆرگەزمە رايونىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.
8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، شىنجاڭ سىلۇتۇڭ ئۇچۇر پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى − <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» زىيارەت تارماق ئەترىتىنىڭ مۇخبىرىغا يىلۇتۇڭ چېگرا ھالقىغان سودا كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا.
8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، تاڭ سۇلالىسى ئۇسلۇبىدىكى قەدىمىي پۇراققا ئىگە قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئاساس قىلىنغان، شىنجاڭنىڭ خاس مەدەنىيەت ئامىللىرى يۇغۇرۇلغان تيەنشەن مىڭيۆ شەھەرچىسى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى، شادلىققا چۆمدى.
8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە 2023 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ ئۈرۈمچى كۆرگەزمە زالىدا ئېكسكۇرسىيە قىلىپ مەسلىھەت سورىماقتا.
8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، بىر جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىن ئۆتتى، يۈك پويىزى بىلەن يولۇچىلار پويىزى تەڭ قاتناپ، يېشىل دەرەخلەر، تۆمۈريول، شەھەرلەر گىرەلىشىپ جۇلالىنىپ، يېڭى يىپەك يولىنىڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلدى.
8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) دا سۈرەتكە تارتىلغان ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدا، تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن ماللار بۇ يەرگە توپلىنىپ، ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەۋەتىلىدۇ.