مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
بۇ ئىككى كۈندە
شىنجاڭنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تېما كەڭ تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى
بۈگۈن #شىنجاڭ كۆپچىلىكنىڭ كېلىپ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى يېيىشىنى قارشى ئالىدۇ# دېگەن تېما
ۋېيبو توڭچېڭدىكى ئەڭ كۆپ ئىزدەلگەن تېما بولۇپ قالدى
بىر تورداش: دېڭىزدىن چىقىدىغىنىنى «خەيشيەن» دەيدىكەنمىز، شىنجاڭدىن چىقىدىغىنىنى «شىنشيەن» دېسەك بولار، دېدى
ۋېيبودىن ئېلىنغان سۈرەت
شىنجاڭدىن چىقىدىغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازارغا سېلىندى
شىنجاڭدا بېقىلغان بۇ راك، قىسقۇچپاقىلار
سىزنىڭ كېلىپ تېتىپ بېقىشىڭىزنى كۈتمەكتە
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان
مەكىت ناھىيەسىدىكى ئاۋسترالىيە تاتلىق سۇ چوڭ راكىنى يېتىشتۈرۈش بازىسىدا بېقىلغان
ئاۋسترالىيە تاتلىق سۇ چوڭ راكى ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنىپ
سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى «يېڭى ئالقىشلىق مەھسۇلات» بولۇپ قالدى
بۇ ئاۋسترالىيە تاتلىق سۇ چوڭ راكى ئۇچىسىغا قوڭۇر يېشىل رەڭلىك «چاپان» كىيگەن
رەڭگى ئوچۇق بولۇپلا قالماستىن
يەنە دانىسى يوغان، گۆشلۈك
ئاۋسترالىيە تاتلىق سۇ چوڭ راكى قىزىل قىسقۇچ پۇتلۇق راك، دەپمۇ ئاتىلىدۇ
چوڭ راكنىڭ دانىسى بىر قەدەر يوغان بولۇپ، ئادەتتە ئېغىرلىقى 100 گىرامدىن 200 گىرامغىچە كېلىدۇ
ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى ئاۋسترالىيە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن مەكىت ناھىيەسىگە كىرگۈزۈلۈپ سىناق تەرىقىسىدە بېقىلغان
ھەم سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلغاندىن كېيىن
سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى تەجرىبىسىگە ئىگە مەكىت ناھىيەسىدىكى ئاۋسترالىيە تاتلىق سۇ چوڭ راكىنى سىناق قىلىپ بېقىش بازىسىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ جىيۇ
ئاۋسترالىيە تاتلىق سۇ چوڭ راكىنى سىناق قىلىپ بېقىشقا باشلىدى
6-ئايدىن باشلاپ كىچىك راكلارنى بېقىپ
ئىنچىكە باشقۇرۇش، ئىلمىي بېقىش ئارقىلىق
بۈگۈنكى كۈندە كىچىك راكلار يۇقىرى سۈپەتلىك ئاۋسترالىيە تاتلىق سۇ چوڭ راكىغا ئايلىنىپ
بازاردىكى ئالقىشلىق مەھسۇلات بولۇپ قالدى
ۋۇ جىيوۋ كۆلچەكتە باققان ئاۋسترالىيە تاتلىق سۇ چوڭ راكلىرى ئوبدان چوڭ بولماقتا. مەكىت ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت
يەكەن ناھىيەسىدە بېقىلىۋاتقان ئاۋسترالىيە چوڭ راكىمۇ
يېقىندا بازارغا سېلىندى
ئېغىرلىقىنى ئۆلچىگەندە ئەڭ چوڭى 150 گىرام كەلدى
راك يېيىش تىلغا ئېلىنسا
«راكلار ئىچىدىكى ئاقسۆڭەك» دەپ تەرىپلەنگەن لوشى سازلىق راكىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ
يېقىندا چاپچال ناھىيەسى كان يېزىسى كۆلتەكچى كەنتىدىكى
ئىلى يۈرەن ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتى شاللىق قىسقۇچپاقىسى باقمىچىلىق بازىسىدا
باقمىچىلار لوشى سازلىق راكىنى تۇتۇپ
ئاممىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە يېڭى، مەززىلىك تەمنى ئېلىپ چىقىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى
مەنبەسى: چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
لوشى سازلىق راكىنىڭ ئەسلىي ماكانى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا
ئۇنىڭ سۇ سۈپىتى، يەم-خەشەك، كىلىمات قاتارلىق
بېقىش شارائىتىغا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولغاچقا
«تاتلىق سۇ راك شاھى» دەپ ئاتالغان
كان يېزىسى كۆلتەكچى كەنتىنىڭ ئەۋزەل كىلىماتى ۋە سۇ سۈپىتى
ئۇنى كۆڭۈلدىكىدەك بېقىش شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى
مەنبەسى: چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
ئوخشاشلا قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەنلەردىن يەنە جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق تاغىل راكى بار
يېقىندا
ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى ياڭماۋگۇڭ بازىرى شيىبياۋ كەنتىدىكى
باقمىچىلار راكلارنى تۇتۇپ بازارغا سېلىش ئۈچۈن تور تاشلاش، ئايرىش، جىڭلاش، قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى
سۈزۈپ چىقىلغان جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق تاغىل راكلىرى توردا پىلتىڭشىپ تۇراتتى
يوغان ھەم گۆشلۈك، رەڭگى ئوچۇق راكلار قىرغاققا ئېلىپ چىقىلىشىغىلا
كەلگەن خېرىدارلار تالىشىپ سېتىۋالدى
مەنبەسى: مىدۇڭ رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
باقمىچى ۋاڭ جىڭخۇينىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە
ئۇلار بۇ يىل جەمئىي 3 مىليون 300 مىڭ تال كىچىك راك كىرگۈزگەن بولۇپ،
مو بېشى مەھسۇلات مىقدارى تەخمىنەن 650 كىلوگرامغا يەتكەن
مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 45 توننا ئەتراپىدا بولىدىكەن
بۇ راكلار ئاساسلىقى ئۈرۈمچى، سانجى، قاراماي ۋە كورلا قاتارلىق بىر قانچە شەھەرگە سېتىلىدىغان بولۇپ
دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدى كەينىگىچە سېتىلىدىكەن
مەنبەسى: مىدۇڭ رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق تاغىل راكى
شيېبياۋگۇڭ كەنتىننىڭ بىر تۈرلۈك خاس باقمىچىلىق كەسپى بولۇپ
نۆۋەتتە بۇ كەنتتە جەمئىي 10 تاتلىق سۇ راك كۆلچىكى بار
سۇ مەھسۇلاتلىرى كۆلىمى 100 مودىن ئاشىدۇ
جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق تاغىل راكىنىڭ يىللىق مەھسۇلاتى 50 توننىدىن ئارتۇق
ئەلا سۈپەتلىك تاتلىق سۇ بايلىقىغا ئىگە بولغانلىقتىن
بۇ يەردە بېقىلغان راكنىڭ تەمى مەززىلىك، سۈپىتى ياخشى
كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە
مەنبەسى: مىدۇڭ رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
«كۈز شامىلى چىقسا، قىسقۇچپاقىلارنىڭ پۇتى قىچىشىدۇ»
قىسقۇچپاقا تىلغا ئېلىنسا
چوقۇم باغراش قىسقۇچپاقىسىنى كۆرۈپ بېقىش كېرەك
8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى
باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كىچىك كۆل رايونىدىكى قىسقۇچپاقىلار مول ھوسۇل پەسلىگە كىرىدۇ
ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا
بۇ يىل ئىشلەپچىقىرىلغان قىسقۇچپاقا تېخىمۇ چوڭ
گۆشى تېخىمۇ مەززىلىك
بۇنىڭدىن باشقا يەنە
شىخەنزىدىكى قىسقۇچپاقا باقمىچىلىرى يېتىشتۈرگەن
ساپسېرىق قىسقۇچپاقىنىمۇ ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭ
«شىنجاڭنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى» ناھايىتى مول
شىنجاڭغا كېلىشىڭىزگە
يەنە بىر سەۋەب كۆپەيدى