9-ئاينىڭ 2-كۈنى، بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن كۆتۈرۈلمەكتە.
8-ئايدا، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئېشىپ، بىر كۈنلۈك يولۇچى توشۇش مىقدارى 100 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، يۈك ۋە پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇش مىقدارى 10 مىڭ توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 16 مىڭ 600 توننىغا يەتتى. بۇ سانلارنىڭ يېڭىلىنىشى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتمەكتە.
8-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا، ئايروپىلان بىلەن تاكسى بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشتى.
8-ئاينىڭ 12-كۈنى، بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى.
8-ئاينىڭ 13-كۈنى، شەھەر ئاھالىسى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ سىرتىدا ئايروپىلاننىڭ قونۇشىنى كۆرمەكتە.
8-ئاينىڭ 13-كۈنى، بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى.
8-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچكى شەپەق قىزاردى، بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى.
«شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش-چىقىشنى تېزلىتىش، جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭنى راۋانلاشتۇرۇش، چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى تۇتاشتۇرۇش» نىشانى تېز سۈرئەتتە رېئاللىققا ئايلانماقتا. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تەشەببۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاسىيا-ياۋروپا ئاۋىياتسىيە يولىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ رايون ئەۋزەللىكى كۈنسېرى گەۋدىلەندى، «بوشلۇق يىپەك يولى» ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ سانى تېز ئاشتى، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى بارغانسېرى زىچلىشىپ، «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرقتىن ئېلىپ كېلىش»نىڭ بوشلۇق كۆۋرۈكى ۋاسىتىسىگە ئايلاندى.
8-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىشقا تەييارلانماقتا.
9-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن يولۇچىلار ئاپتوبۇسقا ئالمىشىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشقا تەييارلانماقتا.
8-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئايروپىلان توختىتىش سۇپىسىدا يولۇچىلار ئايروپىلانغا چىقماقتا.
8-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ چىراغلار كۈندۈزدەك يورۇتۇپ تۇرغان ئالدىراشچىلىققا تولغان مەنزىرىسى.
8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى ئۇچۇش، قونۇشقا كاپالەتلىك قىلغان نۆۋەتچى ئايروپىلان جەمئىي 110 مىڭ قېتىمدىن ئاشتى، يولۇچى توشۇش مىقدارى جەمئىي 16 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، يۈك ۋە پوچتا يوللانمىلىىرىنى توشۇش مىقدارى 100 مىڭ توننىغا يېقىنلاشتى. (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې خەۋىرى، فوتوسى)