ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې لۇڭ فوتوسى، خەۋىرى) شىئەن خەلقئارا پورتى ۋوگزالى جۇڭگو تۆمۈريولى شىئەن ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك ۋوگزال بولۇپ، شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى خەلقئارا پورت ئىشلىرى رايونى ئىچىگە جايلاشقان، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (شىئەن)نىڭ باش بېكىتى ۋە قايتىدىغان نۆۋەتچى پويىزنىڭ مەنزىلى، ئاساسلىقى پۈتۈن ئاپتوموبىل، بىر ۋوگزالدىن بىۋاسىتە بېرىش، زاپچاس قۇراشتۇرۇش ۋە يۈك ساندۇقى قاتارلىق يۈك قاچىلاش-چۈشۈرۈش كەسپىنى بېجىرىدۇ. نۆۋەتتە، شىئەن مەملىكەت بويىچە جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغان شەھەرلەر ئىچىدە يىللىق قاتناش مىقدارى 4600 نۆۋەتچى پويىزدىن ئاشىدىغان تۇنجى شەھەر بولۇپ قالدى.
شىئەن خەلقئارا پورتى ۋوگزالىدىن يولغا چىقىش، شىنجاڭدىن ئۆتىدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ قاتناش مىقدارى، يۈك ساندۇقى نىسبىتى، يۈك تىرانسپورت مىقدارى قاتارلىقلار جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشنى سىجىل ساقلىدى، مال تۈرلىرى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق 50 نەچچە تۈر، 50 مىڭ خىلدىن ئارتۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەقەت يەتتە لىنىيەلا بار 4-دەرىجىلىك كىچىك ۋوگزالدىن بۈگۈنكى كۈندىكى 58 لىنىيەلىك مەيدان كۆلىمىگە ئىگە بولغان 1-دەرىجىلىك ۋوگزالغىچە، شىئەن خەلقئارا پورتى ۋوگزالى تەرەققىي قىلىپ، غەربىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى مەركىزىي ۋوگزالىغا ئايلاندى.
8-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىئەن خەلقئارا پورتى ۋوگزالىدا، كىرانلار تۈرلۈك يۈك ساندۇقلىرىنى يۆتكەش بىلەن ئالدىراش بولماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى