تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . ئوبراز | خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ئاسىيا-ياۋروپانى تۇتاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»غا مۇلازىمەت قىلدى

8-ئاينىڭ 18-كۈنى، يۈك ئاپتوموبىلى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىن يولغا چىقتى.

    ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا جۇڭگو-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 21گە يېتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق، شەرقىي ياۋروپا قاتارلىق 19 دۆلەت، 26 شەھەرگە تۇتاشتى، جەمئىي يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىز 7000دىن ئاشتى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى «كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسىپورت»نى يادرو قىلغان تۈگۈن ئىقتىساد چەمبىرىكىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، «يىغىپ گۇرۇپپىلاش، يىغىپ توشۇش»تىن ئىبارەت ئەشيا ئوبوروتىنى تەشكىللەش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، جۇڭگو-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزلىرىنى ئۈرۈمچىدە «يولدىن ئۆتۈش»تىن «يىغىلىش»قا ئۆزگەرتىپ، كۆپ نۇقتىلىق، كۆپ يۆنىلىشلىك نۆۋەتچى پويىز قاتناش شەكلىنى شەكىللەندۈرۈپ، «سودا يىپەك يولى»نى تۇتاشتۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتى «موتورى»نى قوزغىتىپ، تۈگۈنلۈك ئورنىنى كۈنسېرى گەۋدىلەندۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى

8-ئاينىڭ 18-كۈنى، «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى − <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» زىيارەت تارماق ئەترىتىنىڭ مۇخبىرى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا كۆرگەزمە تاختىسىنى كۆرمەكتە.

8-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىكى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىشنى تاماملاپ يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.

8-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسىپورت مەركىزىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى.

8-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئىشچىلار ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا ماللارنى قاچىلاپ توشۇماقتا.

8-ئاينىڭ 18-كۈنى، بىر يۈك پويىزى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىن ئۆتمەكتە.

8-ئاينىڭ 18-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىن بىر كۆرۈنۈش.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.