تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

«يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، شىنجاڭ يېڭى پۇرسەتكە توغرا كەلدى، يېڭى نەتىجە يارىتىشى كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدا «شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش كېرەك» دەپ ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپەت مەسىلىسىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا شىنجاڭنىڭ قوشۇندىن ئايرىلىپ قالماسلىقى، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن ياخشى جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك دەۋر تېمىسى.

ھازىر شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئىلگىرىلىمىسەك چېكىنىپ كېتىمىز، ئاستا ئىلگىرىلىسەكمۇ چېكىنىپ كېتىمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ دەۋر پۇرسىتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ھەرىكەت لايىھەسى(2023 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە) ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت - تەدبىرنى چىقىرىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ بۇرچنى زىممىگە ئالىدىغان، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە تولۇق غەيرەتنى ئۇرغۇتتى. خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا سۈپەت بىلەن ئۈنۈمگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلدى، سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمى پۇختا بولدى، تىجارەت سۇبيېكتلىرى ھاياتىي كۈچكە تولدى، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈنۈملۈك قوزغىتىلدى... بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمى ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىنىڭ «مۇقىملىق» ئاساسىنى پۇختىلىدى، «ئىلگىرىلەش»كە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا شىنجاڭنىڭ قوشۇندىن ئايرىلىپ قالماسلىقى، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا، جەزمەن ئۈزلۈكسىز تۈردە تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملەش، تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى پۇختىلاش كېرەك.

مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، كۈچەپ زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، زەنجىرنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، كەسىپ ئەۋزەللىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

قەتئىي تەۋرەنمەي ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك. تېخىمۇ تەشەببۇسكار بولغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەتراپتىكى ئۆلكىلەر ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، ھەر تەرەپلىمە بولغان ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك.

قەتئىي تەۋرەنمەي خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار ئەمەلىي ئىشلارنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ھالدا يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد، گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان شەھەر ۋە يېزا - كەنتلەر، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

دولقۇن ئۆرلەپ دەريا يۈزى قىرغاق بىلەن تەڭلەشتى بۇندا، ئوڭ شامالدا كېمىلەر ئېگىز يەلكەن ئېسىپ يۈردى ئۇندا. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە، بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى جەزمەن سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدار - قابىلىيىتىمىزنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي پىلانلاپ، سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.