تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . ئوبراز | جۇڭگو بىلەن قازاقىستان قول تۇتۇشۇپ «مەملىكەت سىرتىدىكى ئاشلىق ئامبىرى»نى بەرپا قىلدى

8-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىئەن ئەيجۈ ئاشلىق ـ ياغ سانائىتى گۇرۇھىدا، خىزمەتچى خادىملار يۆتكەش ـ توشۇش ماشىنىسىنى ھەيدەپ، يېڭى چىققان يېمەكلىك ياغلىرىنى ئامباردا ساقلاشقا ئېلىپ ماڭماقتا.

8-ئاينىڭ 25-كۈنى، شەنشى شىئەن ئەيجۈ ئاشلىق-ياغ سانائىتى گۇرۇھىنىڭ يېمەكلىك يېغى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، مېخانىكىلىق بىلەك تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىپ، تۇڭغا قاچىلانغان يېمەكلىك ياغلىرىنى رەتلىك قويدى. بۇ يېمەكلىك ياغلىرى باشقا مەھسۇلاتلار بىلەن بىللە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىلىدۇ.

2013 ـ يىلى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ماشىنا زاپچاسلىرى، بارىي سۇلفات پاراشوكى قاتارلىق ماللارنى ئېلىپ شىئەندىن ئاستا-ئاستا يولغا چىقتى... شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو شىئەننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئالاقىسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. ئىككى يىلدىن كېيىن، شىئەن ئەيجۈ ئاشلىق-ياغ سانائىتى گۇرۇھى چەت ئەلگە چىقىپ ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق-ياغ ئىزدەش يولىغا قەدەم قويدى، 2016-يىلىدىن باشلاپ، قازاقىستان ئەيجۈ گۇرۇھىنى ئاشلىق-ياغ خام ئەشياسى بىلەن تەمىنلەيدىغان جايغا ئايلاندى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئەيجۈ گۇرۇھى قازاقىستاندا 1 مىليون 500 مىڭ مو ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق زاكاز تېرىقچىلىق بازىسى قۇرۇپ، قازاقىستاننىڭ شىمالىي قازاقىستان ئوبلاستى ئىشلەپچىقىرىش رايونىنى يىغىلىش مەركىزى، شىنجاڭ ئالاتاۋ رايونىنى ئوتتۇرا يولدا ئالماشتۇرۇپ تارقىتىش مەركىزى، شىئەن خەلقئارا پورت ئىشلىرى رايونىنى يىغىش-تارقىتىش مەركىزى قىلغان «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» دۆلەت ھالقىغان چوڭ ئەشيا ئوبوروتى، چوڭ پىششىقلاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال ئاشلىق-ياغ گۇرۇھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەيجۈ گۇرۇھى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن تېخىمۇ پۇختا قەدەم تاشلىدى.

تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى، خەۋىرى

8-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىئەن ئەيجۈ ئاشلىق ـ ياغ سانائىتى گۇرۇھىنىڭ يېمەكلىك ياغ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، مېخانىكىلىق بىلەك تۇڭغا قاچىلانغان يېمەكلىك ياغلىرىنى تىزماقتا.

8-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىئەن ئەيجۈ ئاشلىق-ياغ سانائىتى گۇرۇھىدا، خىزمەتچى خادىملار يۆتكەش-توشۇش ماشىنىسىنى ھەيدەپ، گۈرۈچنى ئامبارغا توشۇماقتا.

8-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىئەن ئەيجۈ ئاشلىق-ياغ سانائىتى گۇرۇھىنىڭ ئۇن پىششىقلاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، خىزمەتچى خادىم ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.

8-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىئەن ئەيجۈ ئاشلىق-ياغ سانائىتى گۇرۇھىنىڭ تۇرمۇش، ساغلاملىقنى ھېس قىلىش مەركىزىدە، بالىلار پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇشنى ئۆگەنمەكتە.

8-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىئەن ئەيجۈ ئاشلىق-ياغ سانائىتى گۇرۇھىنىڭ تۇرمۇش، ساغلاملىقنى ھېس قىلىش مەركىزىدە، ساياھەتچىلەر تاۋار سېتىۋالماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.