□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ دۇڭلەي، رايىدە
8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، شىئەن ئەيجۈ ئاشلىق - ياغ سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ساغلام تۇرمۇشنى ھېس قىلىش سارىيىغا كىرىپلا، مۇخبىرلار كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئاشلىق - ياغ مەھسۇلاتلىرىدىن ھەيران قالدى، ئويلاپ يەتكىلى بولىدىغانلىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى مال جازىسىدىن تاپقىلى بولاتتى.
بارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئۈستىگە، «ئەيجۈ» دېگەن خەت بېسىلغانىدى. بۇ مۇخبىرلارغا شىنجاڭ ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ مەنزىرىسىنى ئەسلەتتى، ئۇ يەردە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان زاۋۇت ئۆيلىرىدە، «ئەيجۈ» دېگەن خەت كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.
ئون يىلدىن بۇيان، شىئەن ئەيجۈ ئاشلىق - ياغ سانائىتى گۇرۇھى قازاقىستاننىڭ شىمالىي قازاقىستان ئوبلاستىنى «چېگرا سىرتىدىكى ئالدىنقى سەپ ئىشلەپچىقىرىش ئورنى تۈگۈنى» قىلغان خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەش بازىسىنى بەرپا قىلدى، ئالاتاۋنى چېگرا ئىچىدىكى ئوتتۇرا يولدا ئالماشتۇرۇش تۈگۈنى قىلغان ئەشيا ئوبوروتى بويىچە ئوتتۇرا يولدا ئالماشتۇرۇپ تارقىتىش بازىسىنى قۇردى، شىئەن خەلقئارا پورت ئىشلىرى رايونىنى چېگرا ئىچىدىكى يىغىش - تارقىتىش تۈگۈنى قىلغان ئەشيا ئوبوروتى يىغىش - تارقىتىش بازىسى قىلدى. «<ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن> ئەندىزە، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاشلىق ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىش قۇرۇقلۇق يولىنى راۋانلاشتۇردى.» ئەيجۈ گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ دۇڭمېڭ مۇنداق دېدى: «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئون يىلدىن بۇيان، بىز بۇ تەشەببۇسنىڭ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرى، ئىزدەنگۈچىلىرى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىلىرى بولدۇق».
ليۇ دۇڭمېڭ مۇخبىرلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ يېنىدىكى شىئەن خەلقئارا پورت ئىشلىرى رايونى جۇڭگو تۆمۈريولى بىرلەشمە يۈك ساندۇقى چەكلىك شىركىتى شىئەن مەركىزىي ۋوگزالىدا قاتار - قاتار پويىزلار كەينى - كەينىدىن ۋوگزالغا كىرىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىغا ئەيجۈ گۇرۇھىنىڭ ئاشلىق - ياغلىرى لىق قاچىلانغانىدى. يىراقتىن كەلگەن بۇ پويىزلار قازاقىستاندىن يولغا چىقىپ، ئالاتاۋدا چېگرادىن كىرىپ، شەرققە قاراپ مېڭىپ، شىئەنگە يېتىپ كەلدى. بۇ مەزگىلدە، بارلىق تەرتىپلەر ناھايىتى راۋان بولدى.
«دەسلەپتە بۇنداق ئاۋات ئەمەس ئىدى.» ليۇ دۇڭمېڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يولنى ئېچىشقا كۆپ كۈچ سەرپ قىلدۇق.» 2015 - يىلى ئەيجۈ گۇرۇھى 1 - قېتىم ئوتتۇرا ئاسىياغا بېرىپ ياخشى ئاشلىق مەنبەسى ئىزدىدى، قازاقىستاندا ئۇلار ئارزۇسىغا يەتتى. ئەمما ئەمەلىي مەشغۇلات باسقۇچىغا كىرگەن ھامان، مەسىلە كۆرۈلدى.
2016 - يىلى 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «چاڭئەن» ناملىق تۇنجى قايتىش مەخسۇس پويىزى يولغا چىقتى، توشۇلغىنى دەل ئەيجۈ گۇرۇھىنىڭ ئاشلىقى ئىدى. «بىزنىڭ ئاشۇ قېتىملىق مەخسۇس پويىزدىكى ماللارنى توپلىشىمىزغىلا يېرىم يىل ۋاقىت كەتتى.» تارقاق ھەم مۇقىم بولمىغان ئاشلىق تەمىناتى ئەيجۈ گۇرۇھىغا قازاقىستاندا چوقۇم ئۆزىنىڭ تەمىنلەش بازىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى تونۇتتى.
بازىنى قانداق شەكىلدە قۇرۇش ئەيجۈ گۇرۇھىنىڭ يەنىمۇ ئېھتىياتچان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى بولۇپ قالدى. ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بىر پارچە يەر سېتىۋېلىپ، تېرىشتىن يىغىۋېلىشقىچە بولغان بارلىق ھالقىلارنى تاماملاش ئىدى، بۇنداق بولغاندا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاشلىق مەنبەسىنى پۈتۈن تەمىنلەش زەنجىرىلىك كونترول قىلىش ۋە مۇقىم چىقىرىشنى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرغىلى بولاتتى. ئەيجۈ گۇرۇھىنىڭ ئەمەلىي كۈچى بىلەن بۇ نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەس ئەمەس ئىدى. لېكىن ئاخىرىدا ئەيجۈ گۇرۇھى بۇ خىل ئۇسۇلنى تاللىمىدى، چۈنكى بۇ خىل ئۇسۇل شۇ جاينىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن مۇستەسنا بولغاچقا، شۇ جايدىكى دېھقانچىلىق مەيدان ئىگىلىرى بىلەن رىقابەت مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرۈپ قوياتتى. كىچىك كۆلەمدىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى دېھقانچىلىق مەيدان ئىگىلىرى بىلەن بىر زامانىۋىلاشقان كارخانا گۇرۇھى رىقابەتلەشسە نەتىجىسىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. يىراقنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ، گۇرۇھ بىلەن شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ۋە تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئارىسىدا ياخشى بولغان، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈشكە پايدىسىز ئىدى.
«<بىر بەلباغ، بىر يول> تەشەببۇسىدىكى ئىدىيە ھەمكارلىشىش ۋە تەڭ نەپ ئېلىش. شۇ جاينىڭ مەنپەئىتىگە باغلاپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىي قىلىش دەل بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز» دېدى ليۇ دۇڭمېڭ.
ھەمكارلىشىش ئالدى بىلەن جۇڭگو سۈرئىتىنى نامايان قىلىشتىن باشلاندى. 2016 - يىلى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئەيجۈ گۇرۇھىنىڭ مەملىكەت سىرتىدىكى باغچە رايونىغا قازاقىستاننىڭ شىمالىي قازاقىستان ئوبلاستىدا ئۇل سېلىندى، يېرىم يىلدىن كېيىن، يېمەكلىك يېغى پىششىقلاش مەركىزى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. «قۇرۇلۇش قىلغۇچى كوللېكتىپتىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىن بارغان، جۇڭگو سۈرئىتى شۇ جايدىكى كىشىلەرنى ناھايىتى ھەيران قالدۇردى، ئوخشاش كۆلەمدىكى قۇرۇلۇشنى شۇ جايدىكىلەر ئۆزى قىلسا پۈتكۈزۈشكە نەچچە يىل كېتىدىكەن» دېدى ليۇ دۇڭمېڭ.
باغچە رايونى پۈتۈش بىلەن بىللە، ئەيجۈ گۇرۇھى زاكازلىق تېرىقچىلىقنى ئالغا سىلجىتىشنى باشلاپ، كارخانا ئۆلچىمى بويىچە شۇ جايدىكى دېھقانچىلىق مەيدان ئىگىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ، شۇ جايدىكى ئاشلىق زىرائەتلىرىنى «سېتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، رىقابەتنى ھەمكارلىققا ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەيجۈ گۇرۇھى قازاقىستان خادىملىرىنى جۇڭگوغا كېلىشكە تەشكىللىدى. ليۇ دۇڭمېڭ مۇنداق دېدى: «ئۇلار زامانىۋىلاشقان جۇڭگونى كۆردى، شۇنداقلا بىزنىڭ سەمىمىيىتىمىزنى ھېس قىلدى، بىزنىڭ كۆپچىلىكنى بىرلىكتە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەمەلىي كۈچىمىز بارلىقىغا چىن قەلبىدىن ئىشەندى».
خەلق رىشتى تۇتاشتۇرۇلسا، بىر قاتار ياخشى زەنجىرسىمان تەسىر تەدرىجىي شەكىللىنىدۇ. زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى ئاشلىقنىڭ سېتىلىش يولىغا كاپالەتلىك قىلغاچقا، شۇ جايدىكى بانكا دېھقانچىلىق مەيدانى ئىگىلىرىنىڭ تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشى ئۈچۈن قەرز بېرىشكە جۈرئەت قىلدى، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ئەيجۈ گۇرۇھىنىڭ شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆسۈم ياردىمى بېرىش شەكلى ئارقىلىق بانكىنى دېھقانچىلىق مەيدانى ئىگىلىرىنى قوللاشقا ئىلھاملاندۇردى. ئەيجۈ گۇرۇھى غەربىي شىمال دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق پەن - تېخنىكا داشۆسى بىلەن بىرلىشىپ، شۇ جاينىڭ تېرىقچىلىقىغا تېخنىكا جەھەتتىن مەدەت بەردى ۋە يېڭىلىق ياراتتى. ئەيجۈ گۇرۇھىنىڭ تەمىنلەش بازىسى قۇرۇلۇپ، شۇ جاينىڭ تىرانسپورت، ئامباردا ساقلاش قاتارلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى تەرەققىي قىلدى، گۇرۇھنىڭ ئاشلىق مەنبەسى ئاساسى سىجىل مۇستەھكەملەندى، ھەرقايسى تەرەپلەر تەڭ نەپ ئالىدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت شۇ سەۋەبلىك شەكىللەندى ھەم ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامغا قاراپ تەرەققىي قىلدى.
شىنجاڭ ئەيجۈ گۇرۇھىنىڭ يىپەك يولى ئىستراتېگىيەسىنى مۇستەھكەملىشىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولدى. بۇ گۇرۇھ ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا شىنجاڭدىكى تۇنجى ئاشلىق ئىمپورت قىلىش باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى كارخانىسىنى قۇرۇپ، شۇ جايدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلىدى. «مەيلى ئىمپورت قىلىشتا بولسۇن ياكى ئۆز جايىدا ئىشلەپچىقىرىشتا بولسۇن، ئاشلىق كەسپى شىنجاڭدا ئۆزگىچە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئىگە، بۇ يەرنىڭ قۇرغاق كىلىماتى ئاشلىق، ياغ مەھسۇلاتلىرىنى ساقلاش، پىششىقلاش ۋە توشۇشقا پايدىلىق» دەپ تونۇشتۇردى ليۇ دۇڭمېڭ.
بۇ يىلقى جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، «90 كۈن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يېشىل يولى، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق سىياسەت - تەدبىرلەر بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا مۇھىم، زور پايدا ھېسابلىنىدۇ.» ليۇ دۇڭمېڭ مۇنداق دېدى: گۇرۇھىمىز بۇ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ تاشقى سودا ۋە ئېچىۋېتىشتە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
«<بىر بەلباغ، بىر يول>نىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىكىنى چۈشىنىشتە، ئەڭ مۇھىمى پۇقرالارنىڭ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن - ئېرىشەلمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك.» ليۇ دۇڭمېڭ مۇنداق دېدى: 10 يىل ئىلگىرى، رۇسىيە ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەسىلى جۇڭگو بازىرىدا بىر قۇتىسى 300 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە سېتىلاتتى، ھازىر پەقەت 80 يۈەندىن 90 يۈەنگىچە سېتىلىدۇ، ئۇننىڭ بىر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى ئىلگىرىكى 20 نەچچە يۈەندىن، بۈگۈنكى كۈندە 8 - 10 يۈەنگە چۈشتى، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ سودا مىقدارى ئاشتى، تەمىنلەيدىغان جايدىكى پۇقرالار تېخىمۇ كۆپ كىرىمگە ئىگە بولدى، ئىستېمال قىلىدىغان جايدىكى پۇقرالار تېخىمۇ ئەرزان باھادىن بەھرىلىنىدىغان بولدى، «بۇ، يىپەك يولى بويىدىكى پۇقرالارنىڭ ھەممىسى مەنپەئەتكە ئېرىشكەن ئون يىل بولدى».