ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 19-كۈنى، يىۋۇ باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت باغچىسى يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشى يىغىپ توشۇش مەركىزىدە، ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى كېلىپ-كېتىپ، ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى. يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشى يىغىپ توشۇش مەركىزى يىۋۇ شەھىرى بەرپا قىلغان ياۋروپا-ئاسىياغا يۈزلەنگەن يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشى يىغىپ گۇرۇپپىلاش مەركىزى بولۇپ، يۈك تىرانسپورت لىنىيەسى دۆلەت ئىچى ۋە ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيانى قاپلايدۇ. 2022-يىلى يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشى يىغىپ توشۇش مەركىزىگە ماكانلاشقان جېجياڭ يىلۇخاڭ خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت كارخانىسىنىڭ تولۇق مەبلەغلىك بالا شىركىتى بولۇپ، بۇ شىركەت يىغىپ توشۇش مەركىزى ئىچىدىكى باشقا ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت كارخانىلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈرلۈك ماللارنى ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق جايلارغا توختىماي توشۇيدۇ.
8-ئاينىڭ 19-كۈنى، يىۋۇ باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت باغچىسى يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشى يىغىپ توشۇش مەركىزىدىكى ياۋروپاغا مېڭىشقا تەييارلىنىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىللىرى.
8-ئاينىڭ 19-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار يىۋۇ باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت باغچىسى يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشى يىغىپ توشۇش مەركىزىنىڭ يىغىپ توشۇش ئىسكىلاتىدا ماللارنىڭ سانىنى ئالماقتا.
8-ئاينىڭ 19-كۈنى، جېجياڭ يىلۇخاڭ خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى مال توشۇماقتا.
8-ئاينىڭ 19-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار يىۋۇ باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت باغچىسى يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشى يىغىپ توشۇش مەركىزىدە يۈك توشۇماقتا.
8-ئاينىڭ 19-كۈنى، جېجياڭ يىلۇخاڭ خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى شىنجاڭ باقتۇ پورتى ئارقىلىق ياۋروپاغا توشۇلىدىغان ماللارنى توشۇماقتا.
8-ئاينىڭ 19-كۈنى، جېجياڭ يىلۇخاڭ خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى شىنجاڭ باقتۇ پورتى ئارقىلىق ياۋروپاغا توشۇلىدىغان ماللارنى توشۇماقتا.
8-ئاينىڭ 19-كۈنى، يىۋۇ يىلۇخاڭ يىغىپ توشۇش مەركىزىگە كىرگەن يۈك ئاپتوموبىلى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى