تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچقۇرۇن، يىۋۇ شەھىرى چوۋجوۋ شىمالىي يولىغا جايلاشقان ياسىنجان ئاشخانىسىنىڭ چىراغلىرى يوپيورۇق بولۇپ، ئاشخانىنىڭ ئىچى-سىرتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلار بىلەن لىق تولغانىدى، ئاشخانا مەسئۇلى ياسىن ئىبراھىم ۋە خىزمەتچىلەر ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.
ياسىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدىن، 2004-يىلى ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ يىۋۇغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىغان، دەسلەپتە ئىشنى يايما يېيىپ كاۋاپ سېتىشتىن باشلىغان. 20 يىلغا يېقىن تىرىشىش ئارقىلىق، ھازىر ياسىننىڭ ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمەك شىركىتى بار بولدى، شىنجاڭ ئۆزگىچە ئاشخانىسىدىن ئۈچنى ئېچىۋاتىدۇ، 50 نەچچە ئىشچى-خىزمەتچىسى بار. «يىۋۇ مېنىڭ ئىككىنچى ئائىلەم، مەن بۇ يەردە تېخىمۇ كۆپ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، زەنجىرسىمان ئاشخانىدىن 30نى ئاچىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە تاشقى سودا تىجارىتىمۇ قىلىمەن.» ياسىننىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشقانىدى.
8-ئاينىڭ 20-كۈنى، ياسىن ئىبراھىم مېھمانلارغا تاماق ۋە قورۇمىلارنى ئېلىپ چىقماقتا.
8-ئاينىڭ 20-كۈنى، ياسىن ئىبراھىم مېھمانلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا.
8-ئاينىڭ 20-كۈنى، مېھمانلار كاۋاپ تاللىماقتا.
8-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاشخانا خىزمەتچىلىرى مېھمانلارغا كاۋاپ پىشۇرۇپ بەرمەكتە.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى