يىۋۇ باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت باغچىسى
ئۈچ قېتىم تىپ ئۆزگەرتىش بۇ شىنجاڭ كارخانىسىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى چېن چياڭۋېي، لۇ فېڭباۋ
8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى − <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» زىيارەت تارماق ئەترىتى يىۋۇ باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت باغچىسىدىكى يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشى يىغىپ توشۇش مەركىزىگە كېلىپ، شىنجاڭ بىلەن ئالاقىسى قويۇق بولغان بىر كارخانىنى ئۇچراتتى.
مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، جېجياڭ يىلۇخاڭ خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى رېن جېنجېن ئۇدۇللا قىلىپ رىشتىمىز بار ئىكەن، دېدى، «كارخانىمىز شىنجاڭ كارخانىسىنىڭ تولۇق مەبلەغلىك بالا شىركىتى، يىۋۇ شەھىرى شىنجاڭدىن سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىپ ماكانلاشتۇرغان».
بۇ تاسادىپىي ئۇچۇرنى ئاڭلاپ مۇخبىرلار قىزىقىپ قالدى. قانداق پۇرسەت شىنجاڭدىكى بىر كارخانىنى يىۋۇغا ماكانلاشتۇردى؟
لېكىن رېن جېنجېن ئەپسۇسلانغان ھالدا مۇخبىرلارغا ئىشنىڭ ئالدى - كەينىنى پىششىق بىلىدىغان باش دىرېكتورنىڭ سىرتقا كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاندىن زىيارەت قىلىشنى ئېيتتى.
قىزىقىش ئىچىدە، 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، مۇخبىرلار يىلۇخاڭ شىركىتىگە يەنە بىر قېتىم كېلىپ، بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى شېڭ ياۋفېڭ بىلەن كۆرۈشتى.
شېڭ ياۋفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2021 - يىلى، يىۋۇ شەھىرى يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشى يىغىپ توشۇش مەركىزىگە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلدى. ئەينى چاغدا شىنجاڭ شېڭدا يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشى تەمىنلەش زەنجىرى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت كارخانىسى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا تاشيول تىرانسپورتىدا ئىنتايىن مول تەجرىبىگە ئىگە ئىدى.
«يىۋۇ مال مەنبەسى توپلاشقان جاي، شىنجاڭدا نۇرغۇن پورت بار، بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىزنى تېز ۋە ئاسانلا پۈتتى دېيىشكە بولىدۇ.» شېڭ ياۋفېڭ مۇنداق دېدى: 2022 - يىلى شېڭدا يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشى شىركىتى يىۋۇ باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت باغچىسىغا ماكانلىشىپ، جېجياڭ يىلۇخاڭ خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇردى، يىۋۇ مەركىزىي يىغىپ توشۇش ئامبىرىنى قۇردى. ماللار يىۋۇدا يىغىپ گۇرۇپپىلىنىپ، يىغىپ توشۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ پورتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق جايلارغا يەتكۈزۈلۈپ، مال مەنبەسى جايىدىن ئىمپورت سودىگەرلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە بولغان پۈتۈن مۇساپىلىك توشۇش مۇلازىمىتى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشى يىغىپ توشۇش مەركىزى يىۋۇ شەھىرى بەرپا قىلغان، دىققەت ياۋروپا - ئاسىيا يۆنىلىشىگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن يىغىپ گۇرۇپپىلاش، يىغىپ توشۇش مەركىزى بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 34 مىڭ 200 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، مەركەز 2022 - يىلى 3 - ئايدا رەسمىي ماكانلىشىپ تىجارەت باشلىدى، ھازىر ئالتە كارخانا كىرىپ ماكانلاشتى، يۈك تىرانسپورت لىنىيەسى جۇڭگو - ياۋروپا، جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا، جۇڭگو - كورېيەنى قاپلىدى.
«يىۋۇغا ماكانلىشىش شېڭدا يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشى شىركىتىنىڭ شىنجاڭ پورتىدا مال مەنبەسىنى ساقلاشتەك كەمتۈكلۈكنى ئۆزگەرتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كارخانىنىڭ مۇلازىمەت لىنىيەسىنى ئۇزارتتى.» شېڭ ياۋفېڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭ بىلەن شېڭدا يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشى شىركىتى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى كۈتۈۋالدى.
شېڭ ياۋفېڭنىڭ قارىشىچە، شېڭدا يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشى شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىشى كارخانىنىڭ 3 - قېتىم تىپ ئۆزگەرتىشىدىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر ئىكەن. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇلارنىڭ كارخانىسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
1998 - يىلى، شېڭ ياۋفېڭنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى ئۈرۈمچى چېگرا رايون مېھمانخانىسى سودا بازىرىغا كېلىپ، تاشقى سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان، بۇ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ جانلىنىش مەزگىلىگە توغرا كەلگەن.
«ئەمما بىرنەچچە يىلدىن كېيىن، بازاردىكى چەت ئەللىك سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنىڭ بارغانسېرى ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، كارخانا تىپ ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى.» شېڭ ياۋفېڭ مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان توپلىغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خېرىدارلار ۋە يول ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، 2010 - يىلى بىز خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىكى كەسپىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتتۇق، بۇ، كارخانىنىڭ 1 - قېتىم تىپ ئۆزگەرتىشى ھېسابلىنىدۇ.
خېرىدارلارنىڭ چېگرا ھالقىغان تىرانسپورتقا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، 2015 - يىلى، شېڭ ياۋفېڭ ئائىلىسىنىڭ كارخانىسى باقتۇ پورتىدا ئۆزىنىڭ تاموژنا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئامبىرىنى قۇردى، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 50 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشتى.
«<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن، كارخانىمىزنىڭ خەلقئارا يۈك تىرانسىپورت ۋاكالەتچىلىكى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن ياخشى بولدى، ئىجارىگە بېرىلىدىغان ئامبارلار تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى.» شېڭ ياۋفېڭ مۇنداق دېدى: قاتتىق ماتېرىيال شارائىتى ياخشىلانسا، مال سېتىپ چىقىرىش ۋاقىت چېكى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، بۇ، كارخانىنىڭ 2 - قېتىم تىپ ئۆزگەرتىشى.
«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت كەسپىدە رىقابەت كەسكىنلەشتى، تېخىمۇ ئىنچىكىلەشكەن مۇلازىمەت كارخانىلارنىڭ غەلىبە قازىنىشىدىكى ئەڭگۈشتەرگە ئايلاندى، جېجياڭ يىلۇخاڭ خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى.
«ئىلگىرى بىز شىنجاڭ پورتىدا مال ساقلايتتۇق، ھازىر بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن مال توپلاش ئامبىرىنى مال مەنبەسى جايىغا يۆتكىدۇق.» شېڭ ياۋفېڭ مۇنداق دېدى: بۇنداق بولغاندا يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.
يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشى يۇقىرى ئىقتىدارلىق يۈك ئاپتوموبىلى ئارقىلىق دۆلەت ھالقىپ يۈك توشۇيدىغان يېڭىدىن گۈللەنگەن ئەشيا ئوبوروت شەكلى. ئوخشاش مەنزىلدە، يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشىنىڭ توشۇش ۋاقتى تۆمۈر يولدىن بىر ھەسسە، دېڭىز تىرانسپورتىدىن ئىككى ھەسسىدىن ئارتۇق تېز بولىدۇ، باھاسى بولسا پەقەت ھاۋا تىرانسپورتىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ، يۈك توشۇش چەكلىمىسىمۇ بىرقەدەر ئاز.
«بىزنىڭ يىۋۇدىن گېرمانىيەگە قاتنايدىغان ئەڭ تېز نۆۋەتچى يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشىمىزنىڭ پۈتۈن مۇساپىسىگە 13 كۈنلا كېتىدۇ» دېدى رېن جېنجېن.
بۈگۈنكى كۈندە، تېخىمۇ تېز ۋاقىت ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، شېڭ ياۋفېڭ ئائىلىسىنىڭ كارخانىسى يەنە يېڭى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئىگە بولدى. «بىز قازاقىستاندا تاموژنا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئامبىرى قۇرۇۋاتىمىز، شۇ چاغدا ئەشيا ئوبوروتى سۈرئىتىمىز يەنە ئاشىدۇ» دېدى شېڭ ياۋفېڭ.
شىنجاڭ پورتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، پورت ئەتراپىدا ئالدىن ساقلاش ئامبىرى قۇرۇش ۋاقىت ئۈنۈمىگە بولغان تەلىپى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان كارخانىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە.
بۇ مەزگىلدە شېڭ ياۋفېڭ كۆپ قېتىم كاماندىروپكىغا چىقتى، بىرىنچىدىن مال مەنبەسى ئىزدىدى، ئىككىنچىدىن ھەمكارلىق ئۈستىدە كېڭىشىپ، يەنە بىرنەچچە مەركىزىي ئامبار قۇرۇشقا تەييارلىق قىلدى.
«بىز يېقىندا يەنە بىر قىسىم خېرىدارلارنى ئېلىپ شىنجاڭ پورتىغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىدۇق، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى شىنجاڭدا قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.» شېڭ ياۋفېڭ مۇنداق دېدى: مەن خېرىدارلارغا ئەگەر شىنجاڭ پورتىدا ئىشلەپچىقىرىش، ئېكسپورت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرسا، مال تەننەرخىنى %30تىن %40كىچە تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھېساباتنى چىقىرىپ بەردىم.
كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەسلەپ، شېڭ ياۋفېڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق خۇلاسىلىدى: «بىز چېگرا سودىسى ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلىدۇق، مەۋقەنى شىنجاڭغا قويۇپ، شىنجاڭدىن چىقىپ تەرەققىي قىلدۇق، بۈگۈنكى كۈندە چەت ئەلگە مەبلەغ سالدۇق، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ».