تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . ئوبراز | يىۋۇدىن ئۈرۈمچىگە يەتكۈزۈلىدىغان تېز يوللانمىلار 72 سائەتتىلا يېتىپ كېلىدۇ

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى، خەۋىرى)

8-ئاينىڭ 21-كۈنى، يىۋۇ شەھىرى شېنتۇڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ يۆتكەپ توشۇش مەركىزىدە، ئاپتوموبىلدىن چۈشۈرۈلگەن پوسۇلكا ۋە تېز يوللانمىلار ئايرىش سىستېمىسىغا تىزىلىپ، بىر مەيدان ئايرىش «سەپىرى»نى باشلىدى.

2022-يىلى، يىۋۇ شەھىرى شېنتۇڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتى شىنجاڭغا مەخسۇس لىنىيە ئاچتى، ھازىر، كۈندە شىنجاڭغا يەتكۈزۈلىدىغان تېز يوللانمىلار 30 مىڭغا يېتىدىغان بولۇپ، توشۇش ۋاقتىنىڭمۇ يېرىمى قىسقاردى، يىۋۇدىن ئۈرۈمچىگە يەتكۈزۈلىدىغان تېز يوللانمىلار 72 سائەتتە يېتىپ كېلىدۇ. دۆلەت پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا، دۆلىتىمىزنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپىنىڭ جەمئىي تاماملىنىش مىقدارى (پوچتا گۇرۇھىنىڭ پوسۇلكا كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 70 مىليارد 300 مىليون پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.5 ئاشقان. تېز يەتكۈزۈش كەسپى مىقدارى ئالدىنقى 50 ئورۇندا تۇرىدىغان شەھەر ئىچىدە جىنخۇا (يىۋۇ) شەھىرى بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

8-ئاينىڭ 21-كۈنى، يىۋۇ شەھىرى شېنتۇڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى شىنجاڭغا ئەۋەتىلىدىغان تېز يوللانمىلارنى ئايرىماقتا.
8-ئاينىڭ 21-كۈنى، يىۋۇ شەھىرى شېنتۇڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى تېز يوللانمىلارنى ئايرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا.
8-ئاينىڭ 21-كۈنى، يىۋۇ شەھىرى شېنتۇڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەرقايسى جايلارغا بېرىشقا تەييارلانغان ئاپتوموبىللىرى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.