□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ دۇڭلەي، رايىدە
گۈرۈلدىگەن ئاۋاز ئىچىدە، جېڭجوۋنىڭ تاۋارلىرى لىق قاچىلانغان بىر ئايروپىلان غۇيۇلداپ كۆككە كۆتۈرۈلدى، كۈمۈش رەڭلىك قاناتلىرى بۇلۇتلارنى يېرىپ ئۆتۈپ، 30 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا، يەرشارىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى نيۇيوركقا قونىدۇ؛ بۇلۇت قاتلىمى ئاستىدا، تۈپتۈز يېيىلغان جېڭجوۋ رەڭگارەڭ چىراغ نۇرلىرىغا تولدى، يىراقلارنى يورۇتقان چىراغ نۇرلىرى تېز سۈرئەتتە تەرەپ ـ تەرەپلەردىن كېلىپ بۇ شەھەرگە توپلاندى، يەنە جۇلالىق نۇر چاچقىنىچە تەرەپ ـ تەرەپلەرگە يۈرۈپ كەتتى، بۇ دەل پويىزلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تۇپرىقىغا كىرىپ چىقىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 10 يىلدىن بۇيان، جېڭجوۋ يىپەك يولى تومۇرىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە ئايلىنىپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان يېڭى ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى تىيانشان بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى تۇتاشتۇردى، ئۆچمەس چىراغ نۇرلىرىغا ھەمراھ بولغىنى بۇ شەھەرنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقان ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى.
غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش شەھەرنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى
يېقىن ئارىلىقتىن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مۇنارىغا قارىغاندا، خۇددى باش ئۈستىڭىزدىكى زور مۇنار غايەت زور ئېنېرگىيە بىلەن سىزگە ئېڭىشىپ قاراۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىپ، سىزدە ناھايىتى كۈچلۈك بېسىم تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. 8 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى خېنەن ئۆلكىلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش مەركىزىنىڭ جۇڭجوۋ تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇش پونكىتىدا، مۇخبىرلارنىڭ ھېسسىياتى دەل شۇنداق بولدى.
جۇڭجوۋ تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇش پونكىتى غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىكى بىر مۇھىم، زور تۈرنىڭ شەرقىي ئۇچى. 2014 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تيەنجۇڭ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. تيەنجۇڭ دېگەن ئىسىمدىكى «تيەن» تىيانشاندىكى «天»، «جۇڭ» جۇڭيۈەن (ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك)دىكى «中».
بۇ قۇرۇلۇش غەربتە شىنجاڭ قومۇلدىن باشلىنىپ، شەرقتە خېنەن جېڭجوۋغا بارىدۇ، 2192 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تۇپرىقىغا پەقەت يەتتە مىللىسېكۇنتتا يەتكۈزۈلىدۇ، مۇخبىرلار زىيارەت دەپتىرىنى چىقىرىۋاتقان 10 سېكۇنت ئىچىدە، 16 مىڭ 700 كىلوۋات توك جۇڭگونىڭ يېرىمىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تۇپرىقىدىكى ھەممە ئائىلىگە كىرىپ بولىدۇ.
«ھەر كۈنى، بىز بۇ يەردىن خېنەنگە 150 مىليون كىلوۋات توك يەتكۈزىمىز، خېنەندە 100 مىليونغا يېقىن ئادەم بار، بۇ، ھەربىر ئادەم ھەر كۈنى ئىشلەتكەن توكتىن 1.5 كىلوۋاتنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەنلىكىگە باراۋەر.» جۇڭجوۋ تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى لى شۇەيبىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇش پونكىتىمىز ھەر يىلى خېنەنگە يەتكۈزىدىغان توك 40 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى تامغا: توك يىراقتىن كېلىدۇ، چوڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پاكىزلىنىدۇ، دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى.
«شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئېچىش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، تيەنجۇڭنىڭ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش مىقدارىمۇ يىلدىن ـ يىلغا ئاشتى.» لى شۇەيبىڭ مۇنداق دېدى: دەسلەپتە توك يەتكۈزۈش ئۇچىدىكى ئېنېرگىيەنى ئېچىش سالمىقى ئانچە كۈچلۈك بولمىغاچقا، توك مىقدارى تەكشى ئەمەس ئىدى. تيەنجۇڭ تۈرىنىڭ ئۈنۈمى سىجىل جارى قىلدۇرۇلغان 10 يىل شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئېچىش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسكەن 10 يىل ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندىكى قومۇل تۇپرىقىدا، چاقپەلەكلەر ھەممىلا يەرگە قاتار تىزىلدى، يورۇقلۇق ۋولت ئۈسكۈنىلىرى دېڭىزدەك كەڭ يېيىلدى، زامانىۋى ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىدىن چىققان ئاق ئىس يېنىك تولغىنىپ، زۇمرەتتەك كۆك ئاسمانغا تارىدى. مۇقىم، كۈچلۈك توك ئېقىمى بىر دەقىقىمۇ توختىماي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە يەتكۈزۈلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خېنەن ھەتتا خۇاجۇڭ ئېلېكتىر تورىغا يەتكۈزگەن جەمئىي توك مىقدارى 340 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېقىنلاشتى، بۇ، 110 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى ئاز كۆيدۈرگەنگە، 340 مىليون توننا كاربونⅣ ئوكسىدىنى ئاز چىقارغانغا باراۋەر. «مەن <بىر بەلباغ، بىر يول>نىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى ھەمكارلىشىپ ئورتاق بەھرىلىنىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمەن. تيەنجۇڭ تۈرى جېڭجوۋنىڭ ئېنېرگىيەنى پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خېنەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىدىكى كۈچلۈك مۇھىم تىرەككە ئايلاندى، بۇ، ئەھمىيىتى مۇھىم، زور بولغان <ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يىپەك يولى>» دېدى لى شۇەيبىڭ.
سودىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش 10 يىللىق گۈللىنىش يولىنى بەرپا قىلدى
بۇ يىل جۇڭگو ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، جۇڭگو (خېنەن) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ جېڭجوۋ بۆلەك رايونى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جېڭجوۋ ئەركىن سودا بۆلەك رايونى» دېيىلىدۇ)غا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەرەققىي قىلغان 10 يىل ھېسابلىنىدۇ.
10 يىلدىن بۇيان، جېڭجوۋنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدە «جۈرئەت» دېگەن سۆز جۇلالىنىپ تۇردى.
جۈرئەت مەجبۇرلاشتىن كېلىدۇ. 2013 ـ يىلى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، جېڭجوۋ ئۆزىنىڭ چېگرادىن يىراق، دېڭىزدىن يىراق بولۇشتەك ئىنتايىن ئوڭايسىز ئورۇندا ئىكەنلىكىنى بايقىدى. بۇ ۋاقىتتا قانداق پوزىتسىيە بىلەن يۈزلىنىش ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم ئىدى. ئالدىنقىلارنىڭ ئۇتۇقلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، قائىدە بويىچە ئىشلەپ كونا قائىدە بويىچە قۇرۇلۇش قىلىش كېرەكمۇ ياكى پائال ئىلگىرىلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى چوڭ ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ نەتىجە يارىتىش كېرەكمۇ؟
جېڭجوۋ قەتئىيلىك بىلەن كېيىنكىسىنى تاللىدى.
ئالدى بىلەن رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. جېڭجوۋ «جۇڭگو قاتنىشىنىڭ تۆت كوچا ئېغىزى»غا جايلاشقان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى تۆمۈريول ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورىدىكى بىردىنبىر «قوش تۆت كوچا» مەركىزى، ئۇنىڭ ئىككى سائەتلىك ئاۋىياتسىيە چەمبىرىكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى %92 نوپۇس، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %94 ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى ۋە %98 تاشقى سودا ئۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىككى سائەتلىك گاۋتيې چەمبىرىكى 400 مىليون كىشىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىستېمالىنى قاپلايدۇ. 10 يىل ئىچىدە، «ھاۋا، قۇرۇقلۇق، تور، دېڭىز»دىن ئىبارەت تۆت يىپەك يولى جېڭجوۋدىن پۈتۈن يەرشارىغا ئۇزاردى.
ھەربىر «يول»دا، كارخانىلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي گەۋدە، ئۇلار نېمە ئۈچۈن جېڭجوۋنى تاللايدۇ؟
مۇخبىرلار زىيارەت جەريانىدا بىر ئىنچىكە ھالقىغا دىققەت قىلدى، جېڭجوۋ شەھىرىدىكى خېنەن باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت مەركىزىدە مېترو باغچە رايونىنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە ياسالغانىدى. كىشىلەر مېترو ئېغىزىدىن چىقىپ، سولغا بىر نەچچە قەدەم مېڭىپ، بىر ئىشىكتىن ئۆتسىلا باغچە رايونىغا كىرەلەيتتى. جېڭجوۋ جۇڭدامېن باجدىن خالىي يېڭى پارچە سېتىشنى ھېس قىلىش مەركىزى مېترو ئېغىزىغا 300 مېتىرمۇ كەلمەيتتى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىمۇ ناھايىتى كەڭرى بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ مال سېتىۋېلىشى ئىنتايىن قولايلىق ئىدى.
«بۇ 10 يىلدىن بۇيان، مېنىڭ ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتلىرىمنىڭ بىرى شۇكى، جېڭجوۋدىن ئىبارەت بۇ جايدا كارخانىلار بىلەن ھۆكۈمەت بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، تۈرلۈك چارە ـ ئاماللار بىلەن ئۈنۈمنى ئۆستۈرىدىكەن» دېدى خېنەن ئۆلكىسى ئىمپورت ماددىي ئەشيالىرى ئاممىۋى باجدىن خالىي مەركىزى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «خېنەن باجدىن خالىي گۇرۇھى» دېيىلىدۇ)نىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت دىرېكتورى ليۇ كېجېن.
«2020 ـ يىلى، مېنىڭ جېڭجوۋدا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا رەسمىيىتىنى بېجىرىشىمگە بىر سائەت ۋاقىت كەتكەنىدى. شىركىتىمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بار، ئۇزاق ئۆتمەي باشقا بىر جايدا ئوخشاش بىر رەسمىيەتنى بېجىرگەنىدىم، بۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلغانلىقىمنى پەرەز قىلىپ بېقىڭلار؟»
«بىر كۈن؟»
ليۇ كېجېن بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ: «توپتوغرا بىر ئاي» دېدى.
بۇ جېڭجوۋنىڭ يۇمشاق مۇھىت قۇرۇلۇشىدىكى ئىنتايىن كىچىك بىر كۆرۈنۈش بولسىمۇ، كارخانىنىڭ ھايات ـ ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى. جېڭجوۋ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ما جىفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىسلاھات پايدىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنىڭ ئەلالىشىشى بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى، 2017 ـ يىلىدىن بۇيان، جېڭجوۋ ئەركىن سودا تەۋەلىك رايونىدا 87 مىڭ كارخانا يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە 449ى تاشقى مەبلەغ كارخانىسى، ئەمەلىي پايدىلانغان تاشقى مەبلەغ 802 مىليون دوللار بولۇپ، جەمئىي ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى 190 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك بولدى. 200دىن ئارتۇق مۇھىم، زور تۈردە كېلىشىم ئىمزالاندى، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ ئوندىن ئارتۇق تۈرى كىرگۈزۈلدى، جەمئىي 300 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىندى.
يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىش يىپەك يولى قۇرۇلۇشىدا پۇرسەتنى قولغا كەلتۈردى
10 يىلدىن بۇيان، مەيلى قانچىلىك جاپا ـ مۇشەققەت، توسالغۇلارغا دۇچ كەلسۇن، كارخانىلار «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا نىسبەتەن تولۇق ئىشەنچكە تولدى. بۇ خىل ئىشەنچ بىر قاتار ماكرو قاتلامدىكى ئەمەلىي تەدبىرلەردىن كەلگەن.
جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ۋاسىتە بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەرەققىي قىلىشقا باشلىغاندىلا ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى.
يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى بىلەن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان قاتناش ـ تىرانسپورت كېلىشىمىنى ئىمزالاش، خەلقئارا بىرلەشمە تىرانسپورت قائىدىسىنى تۈزۈش، تۈزىتىش ۋە ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ راۋان يۈرۈشۈشىنى كۆپ تەرەپلىك، كۆپ قاتلاملىق تىرەك ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، لىنىيە بويىغا جايلاشقان دۆلەتلەردىكى شەھەرلەر ۋە كارخانىلار ئارىسىدىمۇ ھەمتۈرتكىلىك ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ياخشى ئاساس سالدى ھەم ئەلا سۈپەتلىك ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى ۋە مۇقىم مال مەنبەسى كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.
دېڭىز ئالدىمىزدىلا، بېلىقلار زۇمرەتتەك دولقۇنلار ئارىسىغا يوشۇرۇنغان، سۈرئەتنى قانداق تېزلىتىش شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلارنىڭ ئۆز كۈرىشىگە باغلىق.
جېڭجوۋ بۇنىڭغا نىسبەتەن ناھايىتى ئېنىق تونۇشقا ئىگە: كەسكىن بازار رىقابىتىدە، پۇرسەت تالىشىشتىن كېلىدۇ!
دۆلەت ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ گىرەلىشىشى، رايون ئورنى قاتنىشىنىڭ راۋانلىشىشى، كەسىپ ئاساسىنىڭ پۇختا بولۇشى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ، جېڭجوۋ مەملىكەت بويىچە باشلامچىلىق بىلەن كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت قۇرۇلۇشىنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت ئۆلچەم سىستېمىسىنى تۈزۈپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى بويىچە ئىچكى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، «ھاۋا ـ تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى» «ھاۋا قاتنىشىدا ئۇلاپ توشۇش» قاتارلىق كۆپ تۈردىكى، كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت بويىچە دۆلەت ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، قاتتىق دېتالدىن يۇمشاق دېتالغىچە، ئۇچۇر سىستېمىسىدىن ئۆلچەم قائىدىسىگىچە، كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورتنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى.
خېنەن باجدىن خالىي گۇرۇھى بارلىققا كەلتۈرگەن «1210» چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئەندىزىسى يەرشارىۋى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتى بويىچە ھەل قىلىش لايىھەسىدىكى ئاساسلىق تاللاشقا ئايلاندى. «بىزنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىمىز ئەشيا ئوبوروتى تەمىنلەش زەنجىرىدە تۆت يىل ئىچىدە پۈتۈن يەرشارى دائىرىسىدە زاكاز قوبۇل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش»، خېنەن باجدىن خالىي گۇرۇھىنىڭ لىدىرى شۈ پىڭ مۇنداق دېدى: «چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدا پۇل تاپشۇرۇشنى تېخىمۇ تېز، قولايلىق قىلىپ، يەتتە كۈن× 24 سائەتلىك يەرشارىۋى سېتىۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەتتە كۈندە پۈتۈن يەرشارى دائىرىسىدە تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى تاماملايمىز».
جېڭجوۋ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ئېچىش ـ قۇرۇش چەكلىك شىركىتى پەن ـ تېخنىكىنى نۆۋەتچى پويىز تىجارىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى ئىچىدىكى ئۇچۇرلىشىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان رەقەملىك نۆۋەتچى پويىزنى بەرپا قىلدى. ئالاقە تورى، نەرسە تورى قاتارلىق تېخنىكىلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ھۈنەر ـ سەنئەتنى قوللىنىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت يۈك ساندۇقلىرىنىڭ ئورنىنى پۈتۈن مۇساپىدە ئىز قوغلاپ بېكىتىش، خەلقئارا ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ئارىلىقتا سوغۇق ساقلاش يۈك ساندۇقلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى كونترول قىلىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلدى. «بىز يېڭى جابدۇقلاردىن پايدىلىنىپ سوغۇق ساقلاش ساندۇقىنىڭ تېمپېراتۇرىسى، نەملىكىنى دەل جايىدا كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خېرىدارلارنى ئىشىكتىن ئىشىككىچە، نۇقتىدىن نۇقتىغىچە بولغان پۈتۈن مۇساپىدە كۆرگىلى بولىدىغان سوغۇق زەنجىرلىك توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدۇق» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى گو شىننيەن.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2017 ـ يىلى ۋىۋىسكا ئېسىلىپ قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە، خېنەن ئەركىن سودا سىناق رايونى قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش جەھەتتە ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، جەمئىي 546 تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىنى شەكىللەندۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 16 تۈر دۆلەت قاتلىمىدىن قوبۇل قىلىنىپ كېڭەيتىلگەن.
«خېنەننىڭ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى ئىقتىساد، يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، دۇنيانى رەقەملەشكەن، ئۇچۇرلاشقان شارائىتتىكى خەلقئارا سودا بويىچە ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى» دېدى جۇڭگو (خېنەن) ئەركىن سودا سىناق رايونى جېڭجوۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ جاۋلۇڭ.