تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تور يىپەك يولى» بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، ليۇ دۇڭلەي

«توردىن مال سېتىۋېلىش دارېنلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جايغا كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز.» 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، جېڭجوۋ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا كەلگەندە، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغىنى خېنەن ئۆلكىسى ئىمپورت ماددىي ئەشيالىرى ئاممىۋى باجدىن خالىي مەركىزى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «خېنەن باجدىن خالىي گۇرۇھى» دېيىلىدۇ)نىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت دىرېكتورى ليۇ كېجېن ئىدى.

بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن ليۇ كېجېن ھەقىقىي خېنەنلىك قىز ئىدى. 2015 - يىلى، شاڭخەيدىكى بىر تور شىركىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولغان ئۇ خېنەنگە قايتىپ كەلدى. «ئەينى چاغدا تور بېكىتى لايىھەلەش بىلەن شۇغۇللىناتتىم، ھەركۈنى كومپيۇتېردا خىزمەت قىلىپ زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ، خىزمەت مۇھىتىنى ئالماشتۇرۇشنى ئويلىدىم.» ليۇ كېجېن مۇنداق دېدى: توردا خېنەن ئۆلكىسى جۇڭدامېن تور پەن - تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىم.

جۇڭدامېن خېنەن باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنىڭ تارماق شىركىتى، خېنەن باجدىن خالىي گۇرۇھى بولسا خېنەن باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنىڭ سۇپا تىجارىتىنى باشقۇرۇش شىركىتى بولۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى تاموژنا ئىشلىرىنى ئىلتىماس قىلىش، باج ئېلىش - باشقۇرۇش، سۈپەتنى نازارەت قىلىش، ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان «1210» چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى دەل خېنەن باجدىن خالىي گۇرۇھى بارلىققا كەلتۈرگەن... ليۇ كېجېن شىركەتنىڭ ئالاقىدار تۈرلۈك ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، سىناپ بېقىش ئويىدا قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يوللىدى. بۇ كىچىككىنە كۆرۈنۈش − ئېچىۋېتىش دولقۇنىدىكى بىر تامچە سۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدا، سانسىزلىغان ياشلار «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مانا مۇشۇنداق ئۈن - تىنسىز سىڭىپ كىردى.

«مەن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا، مۇئەللىمدىن چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئىستىقبالى چەكسىز ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم. ئەينى چاغدا خېنەننىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىسى ئاز - تولا نەتىجىگە ئېرىشكەن بولۇپ، مەن بۇنىڭغا قوشۇلۇشنى ئارزۇ قىلغانىدىم.» ليۇ كېجېن مۇنداق دېدى: مېنىڭ بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە ئىشەنچىم كامىل.

ليۇ كېجېن قوبۇل قىلىنغان ئىش ئورنى تور بېكىتى لايىھەلەش بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى خىزمەت تەجرىبىسىگە ئاساسەن، تور بېكىتى لايىھەلەش خىزمىتىنى كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ باش چۆكۈرۈپ ئىشلىسىلا بولىدۇ، دەپ قارايتتى. لېكىن ئىش ئۇنداق ئاددىي ئەمەس ئىدى.

2014 - يىلى، خېنەن ئۆلكىسى جۇڭدامېن تور پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى. 2015 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭدامېن چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تور سىرتى ھېس قىلىش مەركىزى ئېچىلدى. «يېڭى كەلگەن ۋاقتىمدا شىركەتتىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن ھېس قىلىش مەركىزىنىڭ تىجارەت باشلىشىغا تەييارلىق كۆرۈش خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتقان بولۇپ، مېنىڭ ۋەزىپەم توردا مال سېتىۋېلىش سۇپىسى قۇرۇش ئىدى. تاۋارلارنى تاللاش، سۈرەتكە تارتىش، سۈرەتنى بىر تەرەپ قىلىش، تور بەت لايىھەلەش، ئارقا سۇپىدا پىروگرامما تۈزۈش، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىز ئىشلەيتتۇق، بېسىم ئىنتايىن زور ئىدى.» ليۇ كېجېن مۇنداق دېدى: ماڭا نىسبەتلا ئەمەس، ئەينى چاغدا شىركەت ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ، بۇ بىر قېتىملىق مىسلى كۆرۈلمىگەن بۆسۈش ئىدى.

شۇنداق قىلىپ، ليۇ كېجېن بۇ يەردە ئۆزىنىڭ «دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» جەريانىنى باشلىدى. «بۇ يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ ھېس قىلىش مەركىزىمىز چېگرا ھالقىغان تاۋارلارنى پەقەت ھېس قىلغىلى بولۇپ سېتىۋالالغىلى بولماسلىقتىن، ھېس قىلغاندىن كېيىن توردا سېتىۋېلىپ پوچتىدىن ئۆيىگە ئەۋەتىشكىچە، ئاندىن ھازىرقى دەرھال سېتىۋېلىپ، دەرھال ئېلىپ كېتىش، ئەمەلىي ۋاقىت ئىستېمال قىلىشقىچە، ئۈچ قېتىم دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، مېنىڭ ئىقتىدارىممۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆستى» دېدى ليۇ كېجېن.

جېڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك يەرشارىۋى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش، خېنەن باجدىن خالىي گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزىنى قۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش... ليۇ كېجېن كومپيۇتېر ئالدىدىن بىرىنچى سەپكە ئۆتتى، خۇددى خېنەن چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى تەمتىلەپ مېڭىشتىن، بۈگۈنكى كۈندە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈشكىچە، ئۇ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتى بىلەن بىرلىكتە «دەرىجىسىنى ئۆستۈردى».

«<بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، خېنەننىڭ <تور يىپەك يولى> بارغانسېرى قولايلاشتى، <يەرشارىۋى سېتىۋېلىش، يەرشارىۋى سېتىش> دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلدى. مەنمۇ قاتناشقۇچى بولۇش، گۇۋاھچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىمەن» دېدى ليۇ كېجېن.

زىيارەت ئاخىرلاشقاندا، ليۇ كېجېن مۇخبىرنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ سەل قىيالماي قالدى.

«مەندە كىچىككىنە بىر ئەپسۇسلىنىش بار.»

«نېمىگە ئەپسۇسلىنىسىز؟»

«ئۈرۈمچىدە شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزى قۇرۇلغاندا، كۆپچىلىك بىر مەقسەتتە مەركەزنى ياخشى قۇرۇشنى ئويلاپ، شىنجاڭنى ياخشى بىر ئايلىنىپ بېقىشقا ئۈلگۈرەلمىدۇق. بۇ ئىككى يىلدا، خېنەندىن شىنجاڭغا بېرىپ سودا قىلىدىغان، ساياھەت قىلىدىغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ بولدى، ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدا ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىساملا بەك ھەۋەس قىلىمەن».

«سىزنى شىنجاڭغا كېلىشكە سەمىمىي تەكلىپ قىلىمەن، مەن سىزنى ئۈرۈمچىدە ساقلايمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.