تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭنىڭ «مول-ھوسۇل» مەنزىرىسى بەك قالتىس!

بىر يىل ئىچىدىكى مول ھوسۇل پەسلى يەنە يېتىپ كەلدى

 تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئۈمىدكە تولغان دالىلاردا 

گۈزەل مەنزىرىلەر بارلىققا كەلدى

 ئاقسۇنىڭ ھەر قايسى جايلىرى شاد-خۇراملىق ئىچىدە مول ھوسۇلنى كۈتۈۋالدى. مەنبە: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، جىڭ ناھىيەسى داخىيەنزى بازىرىنىڭ غاشۇنبۇلاق كەنتىدە، تولۇق ئاپتوماتىك كومبايىن ۋە توشۇش ئاپتوموبىلى سىلوس قونىقىنى ئورۇپ، قاچىلاپ توشۇماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). مۇرادىل ماناس فوتوسى

 ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان ئاشلىق دانلىرى ئامبارغا كىرگۈزۈلدى

يېڭى مېۋە-چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى تارالماقتا

ھەر خىل كۆكتاتلار بازارغا كىردى

... 

قىپقىزىل 

مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى 

    ھازىر بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى ئويمانلىقىدىكى 156 مىڭ 500 مو پىششىقلىنىدىغان شوخلىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. يەنجى ئويمانلىقى شىنجاڭنىڭ پىششىقلىنىدىغان شوخلا ئەلا سۈپەتلىك خام ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، بۇ يەردىكى شوخلىلار قىزىللىق پىگمېنتى يۇقىرى، قەنت مىقدارى يۇقىرى، تەمى ياخشى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ھوسۇل يىغىش خىزمىتى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.

8-ئاينىڭ 5-كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسى بارلۇق تېغى رايونىدىكى زاراڭزا تېرىش رايونىدا پورەكلەپ ئېچىلغان زاراڭزىلار. 

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

 8ـ ئاينىڭ 5ـ كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى چاغانتوقاي ناھىيەسى بارلۇق تېغى رايونىدىكى زاراڭزا تېرىش رايونىدا زاراڭزىلارنى ئاپتاپقا سالماقتا. ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

    8ـ ئاي كىرگەندىن بۇيان چاغانتوقاي ناھىيەسى زاراڭزا ئۈزۈش پەسلىنى كۈتۈۋالدى، بۇ ناھىيە مەملىكەت بويىچە زاراڭزا تېرىش چوڭ ناھىيەسى بولۇپ، زاراڭزا تېرىش تارىخى ئۇزۇن، زاراڭزىنىڭ سۈپىتى ياخشى. زاراڭزا بىر خىل دورا ماتېرىيالى، قوشۇمچە يەنە تەبىئىي پىگمېنتلىق بوياق ماتېرىيالى قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان ئىقتىسادىي زىرائەت بولۇپ، ئۇنىڭ چىچىكى بىر خىل قىممەتلىك جۇڭيى دورا ماتېرىيالى. 

ساپسېرىق

 مەنبە: ئونسۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

    يېقىندا، ئونسۇ ناھىيەسى كومسومول بازىرى سايكەپە كەنتىدىكى 60 مودىن ئارتۇق يەردىكى مايلىق ئاپتاپپەرەس بەس ـ بەستە ئېچىلىپ يىراقتىن قارىغاندا خۇددى سېرىق رەڭلىك گۈل بىلەن پۈركەنگەن گىلەمگە ئوخشايتتى، ئاپتاپپەرەسلەر سۇس خۇش پۇراق چېچىپ، ھەسەل ھەرىلىرىنى جەلپ قىلدى 

تېكەس ناھىيەسىدە، ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان گۈلە ئۆرۈكى ئادەمنىڭ يېگۈسىنى كەلتۈرەتتى. 

مەنبە: تېكەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

     تېكەس ناھىيەسى چولاقتېرەك بازىرى ئاقتاش كەنتىدىكى گۈلە ئۈرۈكىىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ئالتۇن رەڭلىك، سۈزۈك گۈلە ئۈرۈكى مېۋىسىنىڭ خۇش پۇرىقى تۆت ئەتراپقا تارىدى.

رەڭدار 

8ـ ئاينىڭ 9ـ كۈنى، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ زەكتى بازىرى كوك ئىيىن كەنتىدىكى شىنمېي ئۆستۈرۈش بازىسىدا بېغىر رەڭ شىنمېي شاخلىرىغا غۇچچىدە تولغانىدى. جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسى زەكتى بازىرى كوك ئىيىن كەنتىدىكى شىنمېي ئۆستۈرۈش بازىسىدا خىزمەتچىلەر شىنمېينى ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ سىرتقا توشۇشقا تەييارلىق قىلماقتا. جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

    كۈنەس ناھىيەسى زەكتى بازىرى كوك ئىيىن كەنتىدىكى شىنمېي ئۆستۈرۈش بازىسى شىنمېي ئۈزۈش پەسلىگە قەدەم قويۇپ، باغدا مول ھوسۇل مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى.

 تۇرپان ئۈزۈمى پىشىش مەزگىلىگە كىردى. مەنبە: ئىدىقۇت رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

    تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرىدىكى ئۈزۈمزارلىقتا، ئۈزۈم تاللىرى غۇچچىدە مېۋە بىلەن تولغان بولۇپ، ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەر مەرۋايىتتەك پارقىراپ تۇراتتى. بۇ يىل تۇرپان شەھىرىنىڭ ئۈزۈم مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 400 مىڭ توننىدىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئۈزۈم يىغىش خىزمىتى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. 

 قوغۇنلار ئارقا-ئارقىدىن پىشتى. مەنبە: چاقىلىق ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ​

    چاقىلىق ناھىيەسى ۋاششەرى بازىرى تۈگمەنتاشساي كەنتىدىكى قوغۇن تېرىش بازىسىدا شەكلى تەكشى، سىزىقچىلىرى ئېنىق بولغان قوغۇنلار دۆۋىلىنىپ كەتكەن بولۇپ، تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ كەنتتىن چىققان قوغۇنلارنى سودىگەرلەر تالىشىپ سېتىۋېلىپ شاڭخەي، خاڭجوۋ، نىڭبو قاتارلىق جايلارغا توشۇيدىكەن.

 شياڭجياۋ نەشپۈتىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. مەنبە: مەكىت ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى 

    مەكىت ناھىيەسىنىڭ «1ـ ماي» ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى مەتتۇرسۇن نىيازنىڭ بېغىغا كىرسىڭىز ئېغىر شياڭجياۋ نەشپۈتىنىڭ شاخلارنى ئېگىۋەتكەنلىكىنى، دەرەخ ئاستىغا شياڭجياۋ نەشپۈتى قاچىلانغان مېۋە ساندۇقلىرىنىڭ دۆۋىلىنىپ كەتكەنلىكىنى، ئىشچىلارنىڭ ئايرىش، جىڭلاش، ساندۇققا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىلىكىنى كۆرىسىز.

مەنبە: چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

    چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى «سەيۋېيشې» دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 50 مو ئورگانىك «خۇاشو» ئالمىلىق بېغىدىكى قىپقىزىل ئالمىلار شاخلىرىنى ئېگىۋەتتى، ئىشچىلار ئالما ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بۇ كوپىراتىپنىڭ ئالمىلىرى دانىسى چوڭ، رەڭگى ئوچۇق، قەنت مىقدارى يۇقىرى، ساقلاش، توشۇشقا چىداملىق بولۇشتەك ئەۋزەللىكلىرى بىلەن بازاردا ئالقىشقا ئېرىشتى.

گۈزەل شىنجاڭ سىزگە «مول -ھوسۇل» مەنزىرىسىنى ھېس قىلدۇرىدۇ

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.