□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، پۈتۈن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىۋاتقان، تەشۋىق قىلىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى سايلاپ چىقىلىپ، كېيىنكى بەش يىللىق شىنجاڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى پىلانلاندى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان بىر قېتىملىق كاتتا قۇرۇلتاي بولۇپ، ھەر مىللەت ياشلارنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىشقا يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ياشلار دۆلەتنىڭ روھى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ياش ـ ئۆسمۈرلەر خىزمىتىگە باشتىن ـ ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، پارتىيە ئىشلىرىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى كۆزلەپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاپ ۋە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى نۇقتىئىنەزەر، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
بەش يىللىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، بەش يىللىق ناخشا كەبى ئۆتكەن ياشلىق. جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، سىياسىي مەسئۇلىيىتى، خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، ياش ـ ئۆسمۈرلەرگە بولغان ئىدىيەۋى ـ سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە زور مىقداردا ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يېتەكلەش كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، مۇلازىمەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلار بىز قىلمىساق كىم قىلىدۇ دەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى سەپتە باتۇرلۇق بىلەن مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، ئاتاكىدا ئالدىدا مېڭىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ياشلىرى ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان، زور ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان بىر ئەۋلاد يېڭى كىشىلەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ سادىق ياردەمچىسى ۋە ئىشەنچلىك زاپاس قوشۇنى بولۇشقا مۇناسىپ.
ياشلار روناق تاپسا دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى بىزگە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ بەردى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا شىنجاڭنىڭ قوشۇندىن ئايرىلىپ قالماسلىقى، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا كەڭ ياشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ، شۇنداقلا كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلار ئۈچۈن تالانتىنى نامايان قىلىدىغان تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ۋە سۇپا بىلەن تەمىنلىدى. كەڭ ياشلار قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تىرىشىپ ئېتىقادى مۇستەھكەم ياش ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى؛ باتۇرلۇق بىلەن دەۋر ئېقىمىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، تىرىشىپ زور ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان ياش ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى؛ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، تىرىشىپ جاپا ـ مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان ياش ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى؛ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ياش ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى، ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق باھارى، كۈرەش قىلىش جاسارىتى ئارقىلىق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى كېرەك.
يېڭى مۇساپىدە، ياشلارنى قانداق قىلىپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، تەشكىللەش ۋە سەپەرۋەر قىلىش نۆۋەتتە ياشلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن جاۋاب بېرىشىمىزگە تېگىشلىك مۇھىم، زور تېما. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ ياشلارغا بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ياشلارنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ياشلارنى باشقۇرۇش خىزمەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىتتىپاق قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش تۈزۈم ـ مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ۋە قوللاشنى كۈچەيتىپ، كەڭ ياشلارنىڭ ياشلىق ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇشىنى ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسى ياش ئەۋلادلارغا مەنسۇپ، ھەر مىللەت ياشلار ئەڭ ياخشى دەۋردە ياشىماقتا، ئۇلار تالانتىنى نامايان قىلىدىغان چەكسىز كەڭ سەھنىگە، ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىغان مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئارزۇنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، پۇختا ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، ئويلىغان ئىشنى دادىل قىلىپ، ئىش قىلىشقا، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا تالانتىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ۋە تەر ئاققۇزۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ياشلىق مەسئۇلىيىتىمىزنى نامايان قىلايلى.