ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر دۇڭ شىجۈ
«پويىز بېيتۈن شەھىرى بېكىتىگە يېتىپ كەلدى، يولۇچىلار نەرسە-كېرەكلىرىڭلارنى يىغىشتۇرۇپ، پويىزدىن چۈشۈشكە تەييارلىنىڭلار». 8-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى 308 نەپەر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە 200 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئولتۇرغان تۇنجى قېتىملىق «لۇڭتەي ناملىق» شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە تەتقىقات-ئۆگىنىش مەخسۇس پويىزى ئالتايغا يېتىپ كەلدى. بۇ مەخسۇس پويىزنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسىگە 12 كۈن كېتىدىغان بولۇپ، يۈرۈش مۇساپىسى 12 مىڭ كىلومېتىرغا يېقىنلىشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تەتقىقات-ئۆگىنىش ساياھىتى ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ.
«ئىلگىرى تېلېۋىزور ۋە توردا ئالتاينىڭ گۈزەللىكىنى كۆرەتتىم، شۇڭا بۇ قېتىمقى تەتقىقات-ئۆگىنىش ساياھىتىگە بەك تەقەززا بولدۇم. بۇ قېتىمقى سەپىرىمدە ئالتاينى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ ۋە چۈشىنىپ، تەتقىق قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئۆگىنىشتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرى ئاچېڭ رايونى تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ جىنمىڭ.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئوقۇغۇچىلار كۆكتوقايدىكى ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار دۆلەتلىك كان باغچىسىغا كەلدى. بۇ يەردىكى جىلغا، دەريا، تاغ، تاشلىق، سوغۇق كۆللەر ۋە غەلىتە يەر تەۋرەش ئۈزۈلمە بەلبىغى كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇردى. كۆكتوقاي 3-نومۇرلۇق كان ياتمىسدا چۈشەندۈرگۈچىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئاڭلىغاچ سوئال سوراپ، بۇ غايەت زور كاننىڭ سىرلىقلىقىدىن ھەيران قالدى.
خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.
دۇڭ شىجۈ فوتوسى
«مەن كان ئىشچىلىرىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش روھىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ گېئولوگىيە قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ چۈشەندىم. مەن ياخشى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشىمەن»، دېدى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى نېنجياڭ شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق 4-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ليۇ يۈخاڭ.
بۇ قېتىمقى تەتقىقات-ئۆگىنىش ئالماشتۇرۇش مەخسۇس پويىزى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بەرگەندىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتىگە ئەۋەتكەن تۇنجى تەتقىقات-ئۆگىنىش ئالماشتۇرۇش مەخسۇس پويىزى بولۇپ، بۇ يىل «لۇڭتەي ناملىق» شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى مەخسۇس بەرپا قىلغان تەتقىقات-ئۆگىنىش ئالماشتۇرۇش ساياھەت مەخسۇس پويىزى، شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە تۇنجى تەتقىقات-ئۆگىنىش ئالماشتۇرۇش مەخسۇس پويىزى ھېسابلىنىدۇ، مەخسۇس پويىزنىڭ قاتنىشى تەتقىق قىلىش، تەتقىقات-ئۆگىنىش ئالماشتۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى كېڭەيتىش، خېيلۇڭجياڭ ۋە شىنجاڭدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
كېيىنكى تەتقىقات-ئۆگىنىش مۇساپىسىدە، ئوقۇغۇچىلار يەنە ئالتاي ئاسترونومىيە سارىيى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئۇلۇنگۇر كۆلى سۇ ئۈستى موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى قاتارلىق تەتقىقات-ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تەربىيە بازىسىغا بارىدۇ.
«كېيىنكى قەدەمدە، بىز <لۇڭتەي ناملىق> تەتقىقات-ئۆگىنىش ئالماشتۇرۇش مەخسۇس پويىزىنىڭ تۈرلۈك مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ كەڭ ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك سەپەرگە چىقىش تەسىراتى بىلەن تەمىنلەيمىز» دېدى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تەشۋىقات-مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى يۈەنخاۋ.