□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي، شىنخۇا گېزىتى مۇخبىرى چېڭ چاڭچۇن
گۇگۇم ۋاقتى، ئايروپىلان بۇلۇتلار ئارىسىدىن ئاستا - ئاستا تۆۋەنلىگەندە، دېرىزە سىرتىدىكى كۆرۈش دائىرىسى ئىنتايىن كېڭىيىدۇ ھەم ئېنىق بولىدۇ. قۇياش نۇرى سۆيۈپ ئۆتكەن زېمىندا، بىر ئالتۇن رەڭلىك بەلباغ يىراقتا غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئۇ دەل خۇاڭخەي دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى. چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز - ئوكياننىڭ بىرىكىش نۇقتىسىدا، ليەنيۈنگاڭ شەھىرى گۈللەپ ياشناپ تۇرىدۇ. ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى جۇڭگونى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، بۇ شەھەرنى شىنجاڭ بىلەن زىچ باغلاپ تۇرىدۇ، ليەنيۈنگاڭ شىنجاڭلىقلارغا ئەڭ تونۇش بولغان دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. چوڭ قۇرۇقلۇق دېڭىز - ئوكيان بىلەن ئۇچراشقاندا، يەنە بىر ئۇلۇغ «بىرىكىش»مۇ شۇ سەۋەبتىن بارلىققا كەلدى، ئۇ يىللارنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا يىلتىز تارتىپ، ليەنيۈنگاڭنى دەۋر دولقۇنىدا تېخىمۇ پارلاق نۇر چاچقۇزدى.
يالقۇنتاغدىن خۇاگوشەن تېغىغىچە
«غەربكە ساياھەت» ناملىق ئەسەر ئانچە ئېگىز بولمىغان ئىككى كىچىك تاغنى كىشىلەرگە تونۇتتى. 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرىدە، پىژغىرىم ئىسسىقتا يالقۇنتاغ ئېتىكىدە تۇرغان ساياھەتچى شۈ چۇنماۋ چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمگەن بولسىمۇ، كىيىملىرى يەنە ئاپتاپتا تېزلا قۇرۇپ كەتتى، تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان بۇنداق ھالەتكە يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىنىڭ خىزمەتچى خادىمى چېن شۆمىنمۇ ئوخشاشلا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئىككىيلەننىڭ بىرى ساياھەتچى، يەنە بىرى ئۇزاقتىن بۇيان بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئەسلا تونۇشمايدىغان بۇ ئىككى كىشىدە كېلىشىۋالغاندەكلا ئورتاق بىر ئوي پەيدا بولدى: يالقۇنتاغنى «بارلىققا كەلتۈرگەن» سۈن ۋۇكۇڭنىڭ يۇرتى قەيەردە؟
خۇاگوشەن تېغى دەل ليەنيۈنگاڭ شەھىرىدە. ئوخشاش بىر كۈن، ئوخشاش بىر دەقىقىدە دېگۈدەك، «ئەۋلىيا ئەزەمنىڭ يۇرتى» دەپ داڭقى چىققان ليەنيۈنگاڭ شەھىرىدىكى خۇاگوشەن تېغى مەنزىرە رايونىمۇ ئوخشاشلا ئادەملەر بىلەن لىق تولدى. قومۇللۇق يىگىت فۇ چېڭجيې مىغ - مىغ ئادەملەر توپى ئارىسىدا قىستىلىپ يۈرۈپ، چاقچاق قىلىپ مۇنداق دېدى: «رىۋايەتتىن رېئاللىققىچە، مايمۇن شاھنىڭ ئۆيى چۆلدەرەپ قالماپتۇ!»
400 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئەزەلدىن شىنجاڭغا كېلىپ باقمىغان ۋۇ چېڭئېن يۈكسەك بەدىئىي ماھارەت ئارقىلىق شىنجاڭ بىلەن خەيجوۋ (ھازىرقى ليەنيۈنگاڭ شەھىرى)نى باغلىغانىدى. ئۇ جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات تارىخىدىكى كىشىلەر تەرىپلەيدىغان ئىككى داڭلىق تاغنى يارىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ ئىككى تاغ جايلاشقان جايلاردىكى خەلققە چەكسىز بايلىق قالدۇردى.
بۈگۈنكى كۈندە، مەيلى يالقۇنتاغدا ياكى خۇاگوشەن تېغىدا بولسۇن، داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. «غەربكە ساياھەت» ناملىق ئەسەر دۇنياغا كەلگەندىن كېيىنكى 400 نەچچە يىل مابەينىدە، ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە، نېمىسچە، ئىتاليانچە، رۇسچە، ياپونچە قاتارلىق كۆپ خىل تىلغا تەرجىمە قىلىندى، يىپەك يولىنى بويلاپ پۈتكۈل ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تارقالدى ھەم دۇنياغا يۈزلەندى.
«غەربكە ساياھەت» سەۋەبىدىن مەدەنىيەت جەھەتتە چوڭقۇر تۇتاشقان شىنجاڭ بىلەن ليەنيۈنگاڭ بۈگۈنكى كۈندە كېلىشىۋالغاندەكلا ساياھەتچىلىكنى نۇقتىلىق كەسىپ قىلىپ يېتىشتۈرمەكتە. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا، خۇاگوشەن تېغى مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 2 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بېلەت كىرىمى 110 مىليون يۈەن بولدى.
ئەمما سۇ غارىدىن مېھرىنى ئۈزەلمىگەن ناھايىتى نۇرغۇن كىشى ليەنيۈنگاڭنىڭ «غەربكە ساياھەت»تىن سىرت، يەنە باشقا بىر تەڭداشسىز ئەسەر «جىڭخۇايۈەن»نىڭ دۇنياغا كەلگەن جايى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. بۇ ئەسەردە تاڭ ئاۋ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ چەت ئەلدە ساياھەت قىلىش كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن. «غەربكە ساياھەت»تە ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىي رايونىغىچە بولغان جايلار يېزىلغان؛ «جىڭخۇايۈەن»دە بولسا، دېڭىز - ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ مەنزىرىسى تولۇق نامايان قىلىنغان. مەدەنىيەت جۇغلانمىسى چوڭقۇر بولغان ليەنيۈنگاڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىلا، ئەدەبىيات جەھەتتە شەرق - غەرب يۆنىلىشىگە كېڭىيىش كۈچىنى ھازىرلىغان.
2009 - يىلى، شۇ چاغدىكى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ليەنيۈنگاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتكەن: «ئەگەر سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ھېكايىسىنىڭ رېئال تەسۋىرى بار دېيىلسە، ئۇ دەل بىزنىڭ ليەنيۈنگاڭنىڭ يېڭى ئەسىردە كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئالدىغا ئۆتۈپ، يېڭى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋرىمىزدىكى <غەربكە ساياھەت>نى تاماملىغانلىقىدىن ئىبارەت».
دەۋر قوڭغۇرىقى ئورتاق ساداسى توختىماي ياڭرىدى
2013 - يىلى 9 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇزاق ئۆتمەي يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا 21 - ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇشۇ بىر يىلدا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ليەنيۈنگاڭ ئەدەبىيات جەھەتتە شەرق - غەربكە كېڭىيىش كۈچىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تىنچ ئوكيان ئارىسىغا جايلاشقان بۇ شەھەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بىلەن «21 - ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى»نىڭ كېسىشىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى.
ليەنيۈنگاڭ پورت رايونىدا، بىر رېلىس پورت رايونىنىڭ سىرتىغا تۈپتۈز سوزۇلغانىدى، سان - ساناقسىز يۈك ساندۇقلىرى ئىككى تەرەپكە ئېگىز تىزىلغانىدى. بۇ جاي يېڭى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 10 مىڭ 900 كىلومېتىر كېلىدىغان تۆمۈريول ليەنيۈنگاڭ پورتىدىن باشلىنىپ، ھەيۋەتلىك تىيانشاننى بويلاپ غەربكە سوزۇلۇپ چېگرادىن چىقىپ، بىپايان ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتۈپ، بىۋاسىتە گوللاندىيەنىڭ روتتېردامغا تۇتىشىدۇ.
بەلگە خاراكتېرلىك بۇ باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جاي دەل جۇڭگو - قازاقىستان ليەنيۈنگاڭ ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىق بازىسى بولۇپ، بۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ ماكانلاشقان ئەمەلىي گەۋدە تۈرى. «ئەينى چاغدا تۆمۈريول لىنىيەسى يوق بولۇپ، 100 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق مال مەيدانىلا بار ئىدى، بىر گەۋدىلەشكەن ئەشيا ئوبوروتى ھالىتى تېخى شەكىللەنمىگەنىدى.» ليەنيۈنگاڭ جۇڭگو - قازاقىستان خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى زو شۆمېي 10 يىل بۇرۇنقى كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ: «ھازىر ئۆزگىرىش بەك چوڭ» دېدى.
2017 - يىلى 6 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - قازاقىستان ئاسىيا - ياۋروپا چېگرا ھالقىغان تىرانسپورت سىنلىق ئۇلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «ليەنيۈنگاڭ بىلەن قورغاس تۇتاشتۇرۇلغان يېڭى ئاسىيا - ياۋروپا قۇرۇقلۇق - دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورت يولىنى <بىر بەلباغ، بىر يول> ھەمكارلىق تەشەببۇسىدىكى نەمۇنە ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك». بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو - قازاقىستان ليەنيۈنگاڭ ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىق بازىسىدا 220 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق يۈك ساندۇقى قويۇلىدىغان مال مەيدانى، 1763 يۈك ساندۇقى ئورنى، 3.8 كىلومېتىرلىق تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى بار، كۈنلۈك ئوتتۇرىچە قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئىقتىدارى 10.2 نۆۋەتچى پويىز، يىللىق ئەڭ چوڭ قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئىقتىدارى 410 مىڭ ئۆلچەملىك ساندۇق بولۇپ، ئاساسلىقى خەلقئارا كۆپ خىل شەكىلدە بىرلىشىپ توشۇش، چۇۋۇپ قۇراشتۇرۇلىدىغان ساندۇقنى ھاۋالىلىك توشۇش، ئامباردا ساقلاش قاتارلىق خەلقئارا يۈك تىرانسپورتى كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تۆمۈريول سىستېمىسى بىلەن پورت سىستېمىسى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇلۇپ، تۆمۈريول، پىرىستان، مال مەيدانى ئارىسىدا يوچۇقسىز ئۇدۇللىشىش تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈلۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى مۇقىم ئۆستۈرۈلدى.
10 يىل ئىچىدە، ليەنيۈنگاڭدىن قاتنىغان جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئاساسلىق ۋوگزاللارنى تولۇق قاپلىدى، تۈركىيە، پولشا، گېرمانىيە ۋە ياپونىيە - جۇڭگو - موڭغۇلىيە قاتارلىق نۆۋەتچى پويىز لىنىيەلىرى مۇقىم يۈرۈشتى، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ يۈك قاچىلاش نىسبىتى ئاساسىي جەھەتتىن %100كە يېتىش، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە توشۇش سۈرئىتى 900 كىلومېتىردىن ئېشىش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەر توپلاشتۇرۇلدى، ھەمدە «دېڭىز - تۆمۈريول - ئاۋىياتسىيە» بىرلەشمە تىرانسپورتى، «باجدىن خالىي رايون + ئېكسپورت» ئارىلاشما تىرانسپورتى، «ئىچكى قۇرۇقلۇق − ئوتتۇرا ئاسىيا − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا − ئوتتۇرا ئاسىيا» ئايلانما پايدىلىنىش، «مەركەزلىك توشۇشنى تارقاق توشۇشقا ئۆزگەرتىش، تارقاق توشۇشنى مەركەزلىك توشۇشقا ئۆزگەرتىش» قاتارلىق يېڭى ئەندىزىلەر خېرىدارلار تەرىپىدىن دۆلىتىمىزدىكى سىستېمىسى ئەڭ مۇكەممەل، ئۈنۈمى ئەڭ تېز، سۈپىتى ئەڭ ياخشى نۆۋەتچى پويىز تىرانسپورت ئۈلگىسى دەپ تەرىپلەندى.
تۆمۈريولنىڭ ئاخىرقى ئۇچى دېڭىز - ئوكيان. ليەنيۈنگاڭ پورتىنىڭ چىتەي مەشغۇلات رايونىدا 400 مىڭ توننىلىق رۇدا پىرىستانىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى جىددىي ئالغا سىلجىتىلماقتا. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، پورتنىڭ لايىھەدىكى يىللىق يېڭىدىن ئاشىدىغان مال ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى 18 مىليون توننا بولۇپ، لۇڭخەي تۆمۈريولى لىنىيەسى بويىدىكى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلار ۋە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى رايونلارغا بولغان فۇنكسىيەلىك تەسىرى كۈچىيىدۇ. ليەنيۈنگاڭ پورتىمۇ جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى 400 مىڭ توننىلىق پاراخوت قاتنايدىغان تۇنجى دۇنياۋى دەرىجىلىك چوڭقۇر سۇ پورتى بولۇپ قالىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ كۈچلۈك تايانچ نۇقتىسى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان ليەنيۈنگاڭ پورتى قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئىككى ئۇچتا قوش يۆنىلىشتە كۈچىدى، 2022 - يىلى پورتنىڭ مال كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى 300 مىليون توننىدىن ئاشتى، يۈك ساندۇقى توشۇش مىقدارى 5 مىليون 500 مىڭ ئۆلچەملىك ساندۇققا يەتتى.
شەرق - غەرب ئىككى ئۇچتا قوش يۆنىلىشتە ئاتلاندى
بىپايان جۇڭگونىڭ بىر ئۇچىدا قورغاس شەھىرى، يەنە بىر ئۇچىدا ليەنيۈنگاڭ شەھىرى بار. 10 يىلدىن بۇيان، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى يىپەك يولى لىنىيەسىدە چەكسىز پۇرسەتلەرنى ياراتتى. 2022 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىياغا زىيارەتكە چىقىش ھارپىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ «قازاقىستان ھەقىقەت گېزىتى»دە ئېلان قىلغان ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق تىلغا ئالدى: «جۇڭگو - قازاقىستان ليەنيۈنگاڭ ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىق بازىسى قازاقىستان مەھسۇلاتلىرىنى تىنچ ئوكياندىن يەلكەن چىقىرىپ يىراققا يۈرۈش قىلىشتىكى دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى بىلەن تەمىنلىدى».
«قازاقىستان تىنچ ئوكيانغا بىۋاسىتە يېتىپ بارىدىغان دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىغا ئېرىشتى، بۇ، يېپيېڭى ئىقتىسادىي يوشۇرۇن ئىقتىداردىن دېرەك بېرىدۇ.» قازاقىستاننىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى تۆمۈر شايىمېرگىنوف بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. قورغاس شەھىرى بولسا دەل بۇ لىنىيەدىكى يادرولۇق تۈگۈن.
دەل مۇشۇ 10 يىلدا، ليەنيۈنگاڭلىق ئەن شۇچىڭ شىنجاڭدا ئىشنى باقمىچىلىقتىن باشلاپ، قەدەممۇقەدەم تەرەققىي قىلىپ كۆپ ساھەدە تىجارەت قىلىدىغان كارخانىچىغا ئايلاندى. 2018 - يىلى، ئۇ قورغاس شەھىرىدە «ليەنيۈنگاڭ سارىيى» سېلىشقا باشلىدى. «ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈپ قالدى.» ئەن شۇچىڭ مۇنداق دېدى: «<بىر بەلباغ، بىر يول> تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، مەن شىنجاڭنىڭ ئاۋاتلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈنەرلىك ھېس قىلدىم، قورغاستىكى ليەنيۈنگاڭ سارىيىدىن دۆلەت دەرۋازىسىغا ئاپتوموبىل بىلەن ماڭسا بەش مىنۇتمۇ كەتمەيدۇ. يېقىندا جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلدى، مەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ بەس - بەستە شىنجاڭغا كېلىۋاتقانلىقىنى، ساياھەت، سودا، مەبلەغ سېلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم».
«دېڭىز پورتى دېڭىز تىرانسپورتى بىلەن قۇرۇقلۇق تىرانسپورتى ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش تۈگۈنى، يېڭى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ ئىككى ئۇچىدا پىشىپ يېتىلگەن قوشۇنىمىز بار، بىز ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا ئورتاق ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، پۇرسەت ئىككى تەرەپنىڭ، شۇنداقلا لىنىيە بويىدىكىلەرنىڭ» دېدى جياڭسۇ ليەنيۈنگاڭ پورتى ئەشيا ئوبوروتى پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى گې خېڭشۆ. ئىلگىرى شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن بۇ كادىر تېخى يېقىندىلا شىنجاڭدىن قايتىپ كەلگەنىدى، ئۇنىڭ ئۆمەك باشلاپ جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان نۆۋەتچى پويىزىنى تەكشۈرۈش سەپىرى ناھايىتى مول ھوسۇللۇق بولدى.
قورغاس شەھىرى مۇخۇر تەۋەلىك رايونى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يەن شياڭنىڭ شۈيۈ يېڭى رايونىدا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىپ ئۆگىنىۋاتقىنىغا ئىككى ئايدىن ئاشتى. ليەنيۈنگاڭ قورغاس شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىدۇ، بۇ، ئىككى جاي بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ئىقتىساد ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش تۈرى. «بۇ جاينىڭ يىرىك پىلاننى ئالدىن يولغا قويۇش، سىياسەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۇسۇلى كارخانىلارنى خاتىرجەم قىپتۇ، سودىگەر چاقىرىشتا چاقىرىپ قويۇپلا بولدى قىلمايدىكەن، بەلكى كارخانا ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، باغچە رايونى بىلەن كارخانىنى ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپتۇ، بۇ، كارخانىلارنى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتكە قارىتا ئىنتايىن يۇقىرى ئىشەنچكە ئىگە قىلىپتۇ. مەن بۇ جايدا نۇرغۇن تەجرىبە ۋە بىلىمگە ئىگە بولدۇم» دېدى يەن شياڭ.