«...Hello everyone, welcome to my live broadcast room, I will introduce you an amethyst ring»
(كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، كۆپچىلىكنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيۈمگە كەلگەنلىكىڭلارنى قارشى ئالىمەن، تۆۋەندە مەن كۆپچىلىككە بىنەپشە رەڭلىك خىرۇستال ئۈزۈكنى تونۇشتۇرماقچى...) راۋان ئىنگلىز تىلى، ياڭراق ئاۋازدىن مۇخبىرلار ئەينەك كۆرگەزمە ئىشكاپى ئالدىدا توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرغان نەچچە ئون رىياسەتچى ئىچىدىن جاۋ شياڭنى تېزلا بايقىدى. 8 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى سائەت 12دە، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ليەنيۈنگاڭ شەھىرى دۇڭخەي ناھىيەسىدىكى دۇڭخەي خىرۇستال شەھەرچىسىدە، 28 ياشلىق شىنجاڭلىق بۇ قىزچاق يان تېلېفون تىرىكىنى كۆتۈرۈپ، ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى تورداشلارغا شۇ جاينىڭ خاس مەھسۇلاتى − خىرۇستالنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى.
دۇڭخەي − «دۇنيا خىرۇستال شەھىرى». دۇڭخەي خىرۇستال شەھەرچىسىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 450 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئىقتىدارى ئەڭ تولۇق بۇ خىرۇستال سودىسى كەسپى بازىرىدا، 5000دىن ئارتۇق خىرۇستال سودىگىرى بار ئىدى، نەزەر سالغاندا، سۈزۈك، بىنەپشە، سېرىق، ھال رەڭ... ھەر خىل رەڭدىكى خىرۇستال مارجان، ئۈزۈك قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى. ئۇ بىر تەرەپتىن مەھسۇلاتنى تونۇشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن تورداشلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب قايتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە پوكەينىڭ كەينىدىكى مال ئىگىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ھەم يەنە بىر ياخشى مەھسۇلاتنى ئىزدىدى، جاۋ شياڭ پەقەت ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن پۇرسەت تېپىپ مۇخبىرلارغا قول پۇلاڭلاتتى.
سائەت 13 ئەتراپىغا كەلگەندە، جاۋ شياڭ ئاخىر بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋېلىپ، چوڭ بىر يۇتۇم سۇ ئىچتى. «شىنجاڭدىن كەلگەن دوستلارنى كۆرسەملا، يېقىملىق ھېس قىلىمەن!» جاۋ شياڭ خۇش خۇيلۇق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاتا ـ ئانام شىنجاڭلىق، مەن خېلى بۇرۇنلا ليەنيۈنگاڭغا كېلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمەن، لېكىن نوپۇسۇم ئىزچىل شىنجاڭدا.
«كىچىك ۋاقتىمدا شىنجاڭ ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغان يۇرت ئىدى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، تەۋەلىك تۇيغۇسىنى تېپىش ئۈچۈن، ئاتا ـ ئانام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، شىنجاڭنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە قايتىپ كېلىپ ئوقۇدۇم، ئاندىن شىنجاڭ مالىيە ـ ئىقتىساد داشۆسىنىڭ ئىنگلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇدۇم، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مېنىڭ ياشلىق باھارىمنىڭ ئەڭ گۈزەل يەتتە يىلى شىنجاڭدا ئۆتتى.» جاۋ شياڭنىڭ خىيالى ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا قايتتى.
ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ شەرقىي ئۇچىدىن يېڭى ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنى بويلاپ ئەڭ غەربىي ئۇچىغا قاراپ ماڭغاندا، ئەينى چاغدا ئاران ئون نەچچە ياشلىق جاۋ شياڭنىڭ كۆڭلىدە دەككە ـ دۈككىمۇ، قىزىقىشمۇ بار ئىدى. «شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەر بەك كۆپ، مەن خەنزۇ مىللىتى، شۇ جاينىڭ تىلنى بىلمىسەم قانداق قىلىمەن؟ سىڭىشەلمىسەم قانداق قىلىمەن؟» بارلىق تەشۋىشلەر غايىبانە مەنىۋى دوستلۇق ئورناتقانلىقىغا ئۇزاق بولغان بۇ تۇپراققا قەدەم باسقاندا ھەممىسى ھەم ھەيرانلىققا ھەم خۇشاللىققا ئايلاندى. كۆپكۆك ئاسمان، بىپايان ئوتلاق، ساددا، قىزغىن، مېھماندوست ساۋاقداشلار... «مەن قازاق مىللىتىدىن، خۇيزۇ مىللىتىدىن، ئۇيغۇر مىللىتىدىن دوست تۇتتۇم، ھەممىسى بىلەن ناھايىتى ياخشى چىقىشىپ ئۆتتۈم، قۇربان ھېيتتا، ئۇلار مېنى بىللە بايرام ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى.» جاۋ شياڭنىڭ ھېس قىلىشىچە، شىنجاڭدىكى تۇرمۇشىدا ئۇنىڭ خاتىرىسىدە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى سىغدۇرۇشچانلىق ئىدى.
داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاتا ـ ئانىسىدىن بەك يىراقلاپ كېتىشنى خالىمىغان جاۋ شياڭ بىر قېتىملىق ئىدىيەۋى كۈرەشتىن كېيىن، يەنىلا ليەنيۈنگاڭغا قايتىشنى تاللىدى. ئىگىلىك تىكلەش ئاسان ئەمەس، لېكىن مەلۇم بىر كۈنى بۇ قىزچاقنى دوستى دۇڭخەيدىكى خىرۇستال بازىرىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ ھەيران قالدى: «50 ـ 60 ياشلىق نۇرغۇن ئوتتۇرا ياشلىقلار راۋان بولمىغان ئىنگلىز تىلىدا مەملىكەت سىرتىغا يۈزلىنىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىۋاتاتتى. ئۇلار ئەتىگىنى بارساممۇ كۆرسىتىۋاتاتتى، كەچتە بارساممۇ يەنە كۆرسىتىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ ھالىتى مېنى ناھايىتى ئىلھاملاندۇردى. كېيىن دۇڭخەيدە 300 مىڭ ئادەمنىڭ خىرۇستال كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلىپ، بۇنىڭ چوڭ بازار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، مەن تىل ئەۋزەللىكىمدىن پايدىلىنىپ، تىرىشىشقا بەل باغلىدىم!» شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل 3 ـ ئايدا، جاۋ شياڭ دۇڭخەيگە رەسمىي كېلىپ، چېگرا ھالقىغان خىرۇستال رىياسەتچىسى بولدى.
بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە كۈلكىگە قالماسلىق ئۈچۈن، جاۋ شياڭ بىر ئاي جاپالىق ئەجىر سىڭدۈردى. گەرچە ئىنگلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇغان بولسىمۇ، لېكىن خىرۇستال ساھەسىدە ھەممىنى باشتىن باشلاشقا توغرا كېلەتتى. جاۋ شياڭ ھەر كۈنى خىرۇستال شەھەرچىسىدە يۈرۈپ، ھەربىر خىل خىرۇستالنى سۈرەتكە تارتىپ، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئىنگلىزچە، خەنزۇچە بەلگە قويۇپ، كېچە ـ كۈندۈز يادلىدى؛ باشقىلارنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىشىنى كۆرۈپ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىدى؛ خىرۇستال كەسپىگە ئائىت تۈرلۈك كىتابلارنى سېتىۋېلىپ، خىرۇستالنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى، ئويمىچىلىق ماھارىتىنى ئىگىلىدى؛ چەت ئەللىكلەرنىڭ خىرۇستال مەدەنىيىتىنى ئۆگەندى...
«چېگرا ھالقىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە مۇھىمى رىتىمنى كونترول قىلىش كېرەك، ئىككىلىنىپ قىلىپ ئىشلارغا پىششىق ئەمەستەك كۆرىنىپ قېلىشقا بولمايدۇ، يەنە مۇناسىپ سۆز ماھارىتى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، چەت ئەللىكلەرنىڭ ئېستېتىك يۈزلىنىشىگە پىششىق بولۇش كېرەك.» ھازىر، چېگرا ھالقىغان بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى تىلغا ئالغاندا جاۋ شياڭ ناھايىتى ئورۇنلۇق سۆزلەيدۇ، بەئەينى پىشقان ماھىرنىڭ ئۆزى.
ھەر كۈنى سائەت 8دە، جاۋ شياڭ خىرۇستال شەھەرچىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا بالدۇرلا كېلىپ، سائەت 9دا ئىشىك ئېچىلىشىغىلا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى باشلايدۇ، چۈشكىچە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئالدىراپ ـ تېنەپ بىر نەچچە قوشۇق تاماق يەپلا، يەنە مال ئەۋەتىش، خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئالدىرايدۇ. مۇخبىرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، جاۋ شياڭ پات ـ پات مۈرىسىنى ئۇۋۇلاپ قوياتتى. ئۇ سومكىسىغا ھەر ۋاقىت ئىككى ـ ئۈچ يان تېلېفون، ئېغىر توكدان، يورۇتۇش چىرىغى، سۇ ئىستاكانى سېلىۋالاتتى، «ھازىر سومكامنى ئېلىۋەتسەممۇ، مۈرەمدە ئېغىر نەرسە باردەك ھېس قىلىمەن.» ھەر كۈنى يان تېلېفون تىرىكىنى كۆتۈرۈپ، جاۋ شياڭ چوڭ بازاردا ئون مىڭ قەدەمچە ماڭاتتى.
«مېنىڭ نومۇرۇم ھازىر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا 10 مىڭ دوللارلىق سېتىش سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، ياخشى بولغان ۋاقىتلاردا، بىر سائەت بىۋاسىتە كۆرسەتسەم، نەچچە مىڭ ئادەم كۆرىدۇ» دېدى جاۋ شياڭ ھاياجانلانغان ھالدا.
«بىر بەلباغ، بىر يول» شەرق شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە، دۇڭخەي خىرۇستالىنىڭ چەت ئەلدىكى «دوستلار چەمبىرىكى» بارغانسېرى كېڭەيدى، پاكىستان، بىرما، تايلاند، ۋىيېتنام، رۇسىيە، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بەس ـ بەستە «ماكانلاشتى». بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، دۇڭخەي خىرۇستال كەسپىنىڭ سودا سوممىسى 23 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىدىلا 2 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئاشتى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان دۇڭخەي خىرۇستال كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى جاۋ شياڭغا ئوخشاش ياشلارغا كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى.
مۇخبىرلار بىلەن پاراڭلىشىش ئارىلىقىدا، جاۋ شياڭ توختىماي ئۇچۇر قايتۇردى. «مەن دوستۇم بىلەن بىر دۇكان سېتىۋالدۇق، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىشخانىسى قۇرماقچى، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ مۇستەقىل بولغىلى، پۈتۈن كۈن بىۋاسىتە كۆرسەتكىلى، مەھسۇلاتنى ئۆزىمىز تاللىغىلى بولىدۇ، سۈپەتنى كونترول قىلىشقا تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ. قاراڭلار، چۈشتىن كېيىن كەڭ بەلباغلىق تور، ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىمىز.» بۇ شىنجاڭلىق قىزچاقنىڭ ۋۇجۇدىدىن چەكسىز ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى، خۇددى ئۇ ئېيتقاندەك، ياشلار ئەلۋەتتە تىرىشىپ بېقىشى كېرەك.
«ئالدى بىلەن ھازىرقى يولۇمنى قەدەممۇقەدەم پۇختا ئېلىپ، كېيىن يەنە شىنجاڭغا قايتىپ، شىنجاڭنىڭ خوتەن قاشتېشىنىمۇ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق دۇنياغا يۈزلەندۈرىمەن!» دېدى جاۋ شياڭ.