تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شەرقتىكى چوڭ پورت بىر مىنۇتمۇ توختىماي ئىلگىرىلىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ دۇڭلەي، رايىدە

8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، پويىز رېلىسى تىترەپ، لىق يۈك ساندۇقى قاچىلانغان پويىزلار جۇڭگو - قازاقىستان (ليەنيۈنگاڭ) ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىق بازىسىغا ئارقا - ئارقىدىن ئاستا كىرىپ كەلدى. بوشلۇقتىن قارىغاندا، تاغ بىلەن دېڭىز ئارىسىدا قاتناۋاتقان پويىزلاردىن تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ھەيۋەتلىك تۇيغۇ چىقىپ تۇراتتى.

ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدىن كەلگەن، رۇسىيەنىڭ ئاليۇمىن نۆكچىلىرى قاچىلانغان بۇ پويىز ناھايىتى تېزلا رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ پورتتىن چىقىپ، 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى شاڭخەيگە يېتىپ بارىدۇ. بۇ خىل راۋان، تەكشى يۆتكىلىش ليەنيۈنگاڭ پورتىدىكى ئادەتتىكى بىر كۆرۈنۈش ھېسابلىنىدۇ.

ليەنيۈنگاڭ پورتى رايونىدا ماڭغاندا، مەيلى كېچە ياكى كۈندۈز بولسۇن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىش دېگەن سۆزنى ھەر دائىم ھېس قىلغىلى بولىدۇ. كۆكتىكى قۇياش نۇرى بىلەن يوپيورۇق چىراغ نۇرلىرى يوچۇقسىز جىپسىلاشقان، يىراقتىكى دېڭىز يۈزىدە، غايەت زور پاراخوتلار لەڭگەر تاشلاپ پورتقا كىرىشنى كۈتۈپ تۇراتتى، يېقىنلا يەردىكى دېڭىز قولتۇقىدا، ھەر خىل ئاپتوموبىللار قاچىلانغان ئايلانما مال قاچىلاش پاراخوتلىرى تەرتىپ بويىچە پورتقا كىرىۋاتاتتى، پورت رايونى ئىچىدىكى تۆمۈر يول لىنىيەسىدە پويىزلار ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، توق قىزىل رەڭلىك قىرغاق كۆۋرۈكى كىرانى، كۆك رەڭلىك يول كۆۋرۈكى كىرانى مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي يۈك ساندۇقلىرىنى قاچىلايتتى، چۈشۈرەتتى... تاغ بىلەن دېڭىز ئارىسىدا زامانىۋىلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان بىر پورت كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى.

8-ئاينىڭ 7-كۈنى، يۈك ساندۇقى قاچىلانغان بىر يۈك پاراخوتى ليەنيۈنگاڭ پورتى رايونى پىرىستانىدىن يولغا چىقىشقا تەييارلاندى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى  شيې لۇڭ فوتوسى 

«10 يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ھازىر پاراخوتلارنىڭ سانى كۆپەيدى، بىزنىڭ خىزمەت سىجىللىقىمىزمۇ خېلىلا ئاشتى.» ليۇ ياڭ «يۈنيىن 1 - نومۇر»لۇق يول باشلاش پاراخوتىنى ھەيدەپ پىرىستاندىن ئاستا - ئاستا چىقىپ، دولقۇن يېرىپ ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز يۈزىدىكى لەڭگەر نۇقتىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى، بىر غايەت زور يۈك پاراخوتى ئۇ يەردە ئۇنىڭ ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ يول باشلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىنى كۈتۈۋاتاتتى. يول باشلىغۇچى پاراخوت ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىگەندە، پاراخوت گەۋدىسى توختىماي سىلكىنەتتى، ليۇ ياڭ ئىككى قولىدا كومپاسنى تۇتۇپ، كەينىدىكى ئورۇندۇققا چىڭ يۆلەندى.

«بۇ ئورۇندۇقتا ئاساسەن ئولتۇرۇپ باقمىدىم، پۈتۈنلەي ئۆرە تۇرۇپ يۆلەنچۈك ئورنىدا ئىشلىتىمەن، دولقۇن ئۇرۇپ سىلكىنگەندە، ئولتۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.» ليۇ ياڭنىڭ كەينىدىكى ئورۇندۇقنىڭ ئالدىدىكى تېرە سېلىنچا ئۇنىڭ بېلىگە سۈركىلىۋەرگەنلىكتىن يېرىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئىچىدىكى بۇلۇتى كۆرۈنۈپ قالغانىدى.

«ئاستىراق ھەيدىسىڭىز بولمامدۇ!» دېدى مۇخبىر.

«بولمايدۇ، ئالدىراش تۇرسام، بەزىدە بىر كۈندە تۆت - بەش قېتىم قاترايمەن. ليەنيۈنگاڭ پورتى پورتلار توپى، ئاساسلىق پورت رايونىلا ئەمەس، شىمال تەرەپتىكى گەنيۈ پورت رايونى، جەنۇب تەرەپتىكى شۈۋېي پورت رايونىمۇ بىزنىڭ يول باشلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىمىزغا ئېھتىياجلىق، شۇڭا بىز بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتىدە، ئۈنۈمنى ئەڭ زور چەكتە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.» ليۇ ياڭ مۇنداق دېدى: «بىخەتەر يول يۈرۈش بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېرىپ كېلىش ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسى بىز ئىنتىلىدىغان نىشان».

پاراخوتقا ئولتۇرۇپ قىرغاققا چىقىپ بۇ ئالدىراشلىققا تولغان پورتتا ماڭغىنىمىزدا، ھەممىلا يەردە ئادەملەرنى كۆرگىلى بولسىمۇ، لېكىن قەدىمىنى توختىتىپ بىزگە گەپ قىلغۇدەك ئادەمنى ئاساسەن تاپقىلى بولمايتتى. 42 ياشلىق قىرغاق كۆۋرۈك كىرانى شوپۇرى چېن فېڭياڭنىڭ كۆزى مەشغۇلات سۇپىسىدىن بىر سېكۇنتمۇ ئايرىلمايتتى. ئۇ كونترول دەستىسىنى يېنىك ئىتتىرگەندە، كابىنكا كىراننىڭ ئوتتۇرا ئۇچىدىن قوزغىلىپ، پاراخوت توختىتىش ئورنىنىڭ ئۈستىدىكى نەچچە ئون مېتىر بوشلۇققا سىيرىلىپ چۈشەتتى. ئۇ ئاشۇ يەردە ئاسما يەلكە بىلەن يۈك ساندۇقىنى قاچىلاش - چۈشۈرۈش مەشغۇلاتى قىلاتتى، ئۇنىڭ ئالدىدا كۆپكۆك دېڭىز، ئاستىدا 10 مىڭ توننىلىق چوڭ پاراخوت بار ئىدى، كونترول دەستىسىنى كۈچلۈك ئالىقىنىدا قاماللاپ تۇتقانىدى، قۇلاق تۈۋىدە ئاسما ئارغامچىنىڭ يۆگەلگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

چېن فېڭياڭ 2005 - يىلى پورتقا كەلگەن، 2016 - يىلىدىن باشلاپ غايەت زور بولغان قىرغاق كۆۋرۈك كىرانى شوپۇرى بولغان ئىكەن. كىران شوپۇرلىرى يۈك ساندۇقىنى بىر قېتىم قاچىلاش - چۈشۈرۈشنى «بىرلا تارتىپ چۈشۈرۈش» دەپ ئاتايدىكەن. «ئەڭ ئالدىراش بولغاندا بىر كۈندە 300 قېتىم تارتىپ چۈشۈرىمەن، ئەڭ جىددىي بولغاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى مىنۇتتا بىر قېتىم تارتىپ چۈشۈرۈشنى تاماملايمەن.» چېن فېڭياڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قىرغاقتا توختايدىغان ئەڭ چوڭ پاراخوتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 366 مېتىر كېلىدۇ، بۇ ئوتتۇرا تىپتىكى ئاۋىياماتكىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا باراۋەر بولۇپ، تارتىپ چۈشۈرۈش مىقدارى 4000 دىن 6000 قېتىمغىچە بولىدۇ، بىز 24 سائەت ئىچىدە ئىشنى تاماملىشىمىز كېرەك، شۇڭا نۇرغۇن كىران بىرلىكتە مەشغۇلات قىلمىسا بولمايدۇ».

مۇخبىرلار زىيارەت قىلغان كۈنى، ھاۋا نورمال بولۇپ، سوغۇقمۇ ئەمەس، ئىسسىقمۇ ئەمەس ئىدى، لېكىن ليەنيۈنگاڭ پورتىدا يازدا ھاۋا قاتتىق ئىسسىق بولاتتى، قىشتا قار ياغاتتى، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مەشغۇلات مۇھىتى ئىنتايىن جاپالىق ئىدى، چېن فېڭياڭ قاتارلىقلار بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ كەتكەنىدى. «بىزنىڭ شوپۇرلىرىمىز ناھايىتى تىرىشچان، دائىم بىر پاراخوت كەلسىلا، كەسپىي جەھەتتە بەسلىشىشنى باشلايدۇ. دۇنيادىكى ھەرقانداق پورتتا، پاراخوت پورتتا توختىغان ھەربىر سېكۇنتتىمۇ چىقىم بولىدۇ، ئۈنۈم يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، مال ئىگىسى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تەننەرخنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.» چېن فېڭياڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ مال ئىگىلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بىزمۇ ئىش مىقدارىمىزغا قاراپ مائاش ئالىمىز، بۇ 10 يىلدا پورتقا كىرىدىغان پاراخوتلار ناھايىتى كۆپەيدى، مال مىقدارى ئاشتى، بىزنىڭ كىرىمىمىزمۇ خېلىلا كۆپەيدى».

2022 - يىلى ليەنيۈنگاڭ پورتىدا تەخمىنەن 300 مىليون توننا مال كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى تاماملىنىپ، 2021 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %8.3 ئاشتى. پۈتۈن يەرشارى سۇ تىرانسپورتىدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇ «لويد گېزىتى» ئېلان قىلغان 2022 - يىللىق يەرشارى بويىچە 100 چوڭ يۈك ساندۇقى پورتى رەت تەرتىپىدە ليەنيۈنگاڭ پورتى 33 - ئورۇندا تۇردى.

كەچكى شەپەق غەربكە ئولتۇرغاندا، پۈتكۈل دېڭىز پورتىغا بىر قەۋەت ئىللىق ئالتۇن رەڭ يېيىلىپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولدى. كەلگۈسىدە ليەنيۈنگاڭ پورتى نۆۋەتچى پاراخوت لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي سانىنى 120گە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە توشۇش مىقدارىنى 1 مىليون 500 مىڭ ئۆلچەملىك ساندۇقتىن ئاشۇرۇپ، 2025 - يىلىغا بارغاندا مال كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى 400 مىليون توننىدىن ئاشىدىغان شەرقتىكى چوڭ پورتنى قۇرۇپ چىقىدۇ. بىز شەرقتە تىنچ ئوكيانغا تۇتاشقان، غەربتە ئاسىيا - ياۋروپا ئىچكى قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان، دېڭىز بويىدا جەنۇب - شىمال پورتلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان، ئىچكى دەريادا جياڭسۇ، شەندۇڭ، خېنەن، ئەنخۇيغا تۇتىشىدىغان ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى بەرپا قىلىمىز» دېدى ليەنيۈنگاڭ پورتى پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ياڭ لۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.