تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنىڭ باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىگە بەرگەن باھاسىنى يۈزتۇرا ئاڭلىدى

باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز 15 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنىڭ باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىگە بەرگەن باھاسىنى يۈزتۇرا ئاڭلىدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە، باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز 15 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئارقا - ئارقىدىن سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئامما، پارتىيە ۋەكىللىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ 1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئەمەلىي تەسىراتى ۋە پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. مەركەز 15 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ گوشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا، كارخانا، ئالىي مەكتەپ، مەھەللىلەردىن كەلگەن ئالتە نەپەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزاسى، ئامما ۋە ئالتە نەپەر «ئىككى ۋەكىل، بىر ئەزا» ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن يېڭى كەيپىيات، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇق، رەھبىرىي كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ كۆپ چوڭقۇر چۆكتى، پىكىر - تەكلىپلەرنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئاڭلىدى، ئىستىلى تېخىمۇ ئەمەلىي بولدى، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى بېجىرىش سالمىقى تېخىمۇ زورايدى ھەمدە ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپچىلىك ئاممىغا تېخىمۇ يېقىن بولغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، خەلق ئاممىسىغا باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى ئۈنۈمنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى ھەم 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بولغان يېڭى ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ۋاڭ گوشېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، بىزنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىمىزنى ئىلمىي يېتەكچىلىك ۋە تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش» بولۇپ، بۇ ئومۇمىي تەلەپ باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈلگەن ئاساسىي لىنىيە، بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىشتىكى مەقسەت، ئاساسلىقى كۆپچىلىكنىڭ باش تېما تەربىيەسىگە بولغان بىۋاسىتە تەسىراتىنى ئاڭلاپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە باھا بېرىشتىن ئىبارەت. كۆپچىلىكنىڭ سۆزىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشى ئۆستى، سىياسىي ئاڭلىقلىقى كۈچەيدى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئىشەنچى چىڭىدى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، رازى بولۇش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. كۆپچىلىك ھەقىقىي، سەمىمىي سۆزلەپ، نۇرغۇن ياخشى پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى، مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەستايىدىل رەتلەپ تەتقىق قىلىدۇ.

ۋاڭ گوشېڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كۆپچىلىكنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى چۈشەندۈرۈپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ياخشى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆز خىزمەت ئورنىدا تېخىمۇ ياخشى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.