تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پىكىر بېسىپ تارقاتتى

ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، پۈتۈن ئارمىيەدىن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، دىققەت ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ پۈتۈن ئارمىيە «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا يېتەكلەندى.

«پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى كۆزلەپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكى، كوللېكتىپ رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تاكتىكا ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئەمەلىي جەڭ قىلىشنى چوڭقۇر تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى چىڭىتىپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۇتۇش، ئاساسنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تاۋلاپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى سىستېمىسىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، «تۆت خاھىش»نى، بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى چوڭقۇر تۈزەپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.