7-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 13تىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە، 544 ساياھەتچى ئولتۇرغان «لۇڭتەي ناملىق» ساياھەت مەخسۇس پويىزى خاربىن شەرقىي ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى، بۇ، بۇ يىل شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان تۇنجى ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ساياھەتچىلەر «لۇڭتەي ناملىق» ساياھەت مەخسۇس پويىزى يولغا چىقىشتىن بۇرۇن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
يې ۋېنچۈن فوتوسى
«لۇڭتەي ناملىق» ساياھەت مەخسۇس پويىزى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان نۇقتىلىق تۈرى. جۇڭگو تۆمۈريولى خاربىن تۆمۈريول ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىغا، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىگە زىچ ماسلىشىپ، ساياھەت كەسپى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى. 2017-يىلىدىن بۇيان «لۇڭتەي ناملىق» مەخسۇس پويىزىدىن جەمئىي 28ى قاتناپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، ئىككى جاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلدى.
بۇ يىلقى تۇنجى «لۇڭتەي ناملىق» مەخسۇس پويىز توققۇز ئۆلكىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ئومۇمىي مۇساپە 18 كۈن بولۇپ، چىسەي دەنشيا گېئولوگىيە باغچىسى، موگاۋ غارى، كۆكتوقاي، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى قاپلايدۇ. «مەخسۇس پويىزنىڭ ئوڭۇشلۇق قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز يېرىم يىلغا يېقىن يېڭىدىن پىلانلاش ئارقىلىق، قاتناش ۋاقتى، مەھسۇلات لايىھەسىدىن تارتىپ مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىغىچە كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىدۇق» دېدى خاربىن تۆمۈريول مەدەنىيەت-ساياھەت گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى دۇڭ.
ساياھەتچىلەر بوغدا كۆلىگە يىراقتىن نەزەر سېلىپ، بۇ دۇنيادىكى گۈزەل ماكان قاناس كۆلىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىللە، يەنە قوغۇن، كورلا نەشپۈتى، تونۇر كاۋىپى، داپەنجى قاتارلىقلارنى تېتىپ، سەپەر جەريانىدا ئېسىل تائاملار بىلەن گۈزەل مەنزىرىدىن تەڭ ھۇزۇرلىنالايدۇ.
«لۇڭتەي ناملىق» مەخسۇس پويىزنىڭ مۇساپىسىدە سەرخىل مەنزىرە نۇقتىلىرى بىلەن يول بويىدىكى مەنزىرىلەر بىر گەۋدە قىلىنىپ، بىر لىنىيەدە كۆپ ساياھەت، ئاپتوموبىل ئادەمگە ئەگىشىپ مېڭىش، مەنزىرىلەرنى ئاپتوموبىلنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ ساياھەت قىلىشتىن ئىبارەت يېڭى تەسىرات ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ يىل «لۇڭتەي ناملىق» مەخسۇس پويىزدىن 10نى قاتنىتىش پىلانلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەتقىقات-ئۆگىنىش مەخسۇس پويىزى كۆپەيتىلىپ، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە يولۇچىلارنىڭ ساياھەتكە چىقىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ.
(مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى مۇخبىرى ما جۈنۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىر يې ۋېنچۈن)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى