تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇلغان يەردە ئالقات ئۆستۈردۈم

لى شيەنخۇا:

​تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇلغان يەردە ئالقات ئۆستۈردۈم

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ

6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ماناس ناھىيەسى بېيۋۇچا بازىرى دامىياۋ كەنتىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئالقات ئۆستۈرۈش بازىسىدا، لى شيەنخۇا شاخلىرى مېۋىسىنى كۆتۈرەلمەي قالغان قىپقىزىل ئالقاتلارغا قاراپ، قەلبى ئۈمىدكە تولدى: «بۇ يىل مول ھوسۇل ئالىدىغان ھەم كۆپ كىرىم قىلىدىغان ياخشى ھوسۇل يىلى بولغۇدەك».

لى شيەنخۇا ماناس ناھىيەسى جىنگومەن باغ - ئورمانچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئېكولوگىيەلىك ئالقات بازىسىنىڭ مەسئۇلى، 2016 - يىلىدىن باشلاپ ئۇ ئارقا - ئارقىدىن 7 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، شۇ جايدا 2000 مودىن ئارتۇق يەرگە ئالقات كىرگۈزۈپ تىكتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئېكولوگىيەلىك باغۋەنچىلىكنى كەسىپلەشتۈرۈش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئالقات ئۆستۈرۈشنى كۆلەملەشتۈرۈش، پەرۋىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى يېشىل، ئورگانىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

2014 - يىلى، لى شيەنخۇا شۇ جايدىكى بىر پارچە قاقاسلىقنى ھۆددىگە ئېلىپ، تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەييارلىق قىلدى. دەسلەپكى ئىككى يىلدا، ئۇ بۇغداي تېرىشنى سىناپ باقتى، يەرنىڭ شورلىشىشى ئېغىر بولغاچقا، ھەممىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.

لى شيەنخۇا بۇغداي تېرىش ئىشىنىڭ ئەپلەشمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، يېڭى چىقىش يولى ئۈستىدە باش قاتۇردى. ئۇ تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، باغ - ئورمانچىلىق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش قارارىغا كەلدى. بۇ يەرنىڭ تۇپرىقىنىڭ ئىشقارلىقى كۈچلۈك، ھاۋاسى قۇرغاق بولۇپ، ئالقات ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى ماس كېلەتتى، ئۇنداقتا ئالقات ئۆستۈرۈشنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولامدۇ؟

ئۇ ئالقات ئۆستۈرۈلىدىغان جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ كۆرۈش قارارىغا كېلىپ، شىنجاڭدىكى جىڭ ناھىيەسىگە بېرىپلا قالماي، يەنە نىڭشيا، چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا بېرىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئالقات ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ۋە ئۈنۈمىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ ئەنئەنىۋى ئالقات ئۆستۈرىدىغان رايونلاردا ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تىجارەت قىلىشى ئاساس قىلىنىدىغانلىقى، ئىنچىكە پەرۋىش ئارقىلىق ھەرمو يەردىن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆردى. بۇ ئۇنىڭ ئالقات ئۆستۈرۈشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشەنچىنى چىڭىتتى، ئۇ نىڭشيادىن «نىڭشيا ئالقىتى 5 - نومۇر» «نىڭشيا ئالقىتى 7 - نومۇر» قاتارلىق سورتلۇق ئالقاتلارنى كىرگۈزۈپ تىكتى.

«نىڭشيادىن ئالقات كىرگۈزۈشىمدىكى سەۋەب، شۇ جاينىڭ ئالقىتىنىڭ سورتى ساپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ئالقات ئۆستۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق» دېدى لى شيەنخۇا. 2018 - يىلى، ئۇ كىرگۈزۈپ تىككەن ئالقاتلار تېخى تۆكمە مېۋىلەش مەزگىلىگە كىرمەي تۇرۇپلا 1 مىليون يۈەن پايدا ئالدى.

بۈگۈنكى كۈندە 2000 مودىن ئارتۇق يەردىكى ئالقات تۆكمە مېۋىلەش مەزگىلىگە كىردى. ھەر يىلى 6 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، شاخلىرى مېۋىسىنى كۆتۈرەلمەي قالغان دانلىق ئالقاتلار شۇ جاينىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە ئايلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى تاماشا قىلىشقا، ئۈزۈشكە جەلپ قىلىدۇ. لى شيەنخۇا تەكلىپ قىلغان 100دىن ئارتۇق ئىشچى بازىدا ئالقات ئۈزىدۇ، ھەر كۈنى يىغىۋېلىنىدىغان ئالقات ھۆل مېۋىسى 7 - 8 توننىغا يېتىدۇ. ئالقات قۇرۇتىدىغان بامبۇك يايپاڭ سېۋەتلەر ئالقات ئورمانلىقىدىكى بوش يەرگە قاتار - قاتار قويۇلغان بولۇپ، خۇددى زېمىنغا قىزىل پايانداز سېلىنغاندەك كۆرۈنىدۇ. قۇرۇتۇلغان ئالقاتلار پىششىقلاش زاۋۇتىغا ئاپىرىلىپ، مېۋىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە رەڭگىگە ئاساسەن 1 - دەرىجىلىك مېۋە ۋە 2 - دەرىجىلىك مېۋە دەپ ئايرىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق سېتىلىدۇ، قالغىنى ئوبوروت مال سۈپىتىدە سودىگەرلەرگە سېتىپ بېرىلىدۇ.

«ھەر يىلى مەن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق ساتىدىغان ئالقات 200 توننىغا يېتىدۇ.» لى شيەنخۇا مۇنداق دېدى: مەن ئۆستۈرگەن ئالقات ئۈچۈن «بېيۋۇچا» تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىپ، جۇڭگو يېشىل يېمەكلىك تەرەققىيات مەركىزى تارقاتقان يېشىل يېمەكلىك گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتىم، بۇ ئالقاتلارنى شىنجاڭ مېۋىچىلىكى داتاڭ يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ تور سۇپىسى ئارقىلىق سېتىپلا قالماي، يەنە بېيجىڭ، خاڭجوۋ، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى ئارقىلىق ساتتىم، 1 -، 2 - دەرىجىلىك ئالقاتنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 70 يۈەندىن 80 يۈەنگىچە ساتقىلى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ھەتتا ھەر كىلوگىرامىنى 100 يۈەندىن ساتقىلى بولىدۇ.

ئەمما كەڭ كۆلەمدە ئالقات ئۆستۈرۈش ئېلىپ كەلگەن ئېتىز پەرۋىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى يەنىلا لى شيەنخۇانى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. «نۆۋەتتە ئالقاتنى پەرۋىش قىلىش، يىغىۋېلىشقا ماس كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنا - ئۈسكۈنىلىرى تېخى يوق، ھەر يىلى سېلىنىدىغان ئادەم كۈچى تەننەرخى بەكلا يۇقىرى» دېدى ئۇ.

ئالقاتنىڭ ئۆسۈش خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن، ھەر يىلى 3 - ئايدا پۇتاش، 4 - ئايدا بىخنى ئېلىۋېتىش، ئۇچىنى ئۈزۈش، 6 - ئايدىن كېيىن ئالقاتنى ئۈزۈشنىڭ ھەممىسىنى ئادەم كۈچىگە تايىنىپ تاماملاشقا توغرا كېلىدۇ. «ئۈزۈشتىن ئىبارەت مۇشۇ بىر تۈردىلا ھەر كىلوگىرام ئالقاتقا كېتىدىغان ئادەم كۈچى خىراجىتى چىقىمى 13 يۈەنگە يېتىدۇ.» لى شيەنخۇا مۇنداق دېدى: 9 - ئايدىن كېيىن ئالقاتنىڭ مېۋىلەش زىچلىقى تۆۋەنلەيدۇ، ئادەم تەكلىپ قىلىپ يىغدۇرساق زىيان چىقىدۇ، شۇڭا پەقەت 6 - ئايدىن 8 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىلا ئالقات يىغىۋېلىنىدۇ.

لى شيەنخۇانىڭ تېخىمۇ بېشىنى قاتۇرغىنى ئالقات مېۋىلىگەندىن كېيىنكى قۇش قوغلاش خىزمىتى. ھەر يىلى ئالقات پىشقان مەزگىلدە، قۇش توپى ئالقاتنى يەۋېلىپ زىيان سالىدۇ. لى شيەنخۇا ھەر كۈنى سەھەر سائەت 6دىلا ئالقات بازىسىغا بېرىپ، پىكا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئالقاتلىقتا قۇشلارنى قوغلايدۇ، ھاۋا ئىسسىغاندا ئاندىن قۇش توپى تارقىلىپ كېتىدۇ. چۈشتىن كېيىن سائەت 7 - 8لەردە، قۇش توپى ئالقات بازىسىغا يەنە كېلىۋالىدۇ، ئۇ قۇشلارنى تاكى قاراڭغۇ چۈشكىچە يەنە قوغلايدۇ.

«ئالقات ئۆستۈرۈش ئۆزۈم تاللىغان كەسىپ، ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ داۋاملاشتۇرۇشۇم كېرەك.» لى شيەنخۇا مۇنداق دېدى: ئالقات ئۆستۈرۈشتە ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تېزدىن ئىشقا ئېشىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنىڭ ئۆسۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.