جۇڭگو ئالتۇن جەمئىيىتىنىڭ 7- ئاينىڭ 25- كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە
2023- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا
دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى خام ئەشيا ئالتۇن مەھسۇلات مىقدارى 178.598 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.24 ئاشقان
مەملىكەت بويىچە ئالتۇن كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ئەسلىگە كېلىپ نورماللاشقان، ئاساسلىق كانلاردا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغان
ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىپ يۇقۇمدىن ئىلگىرىكى سەۋىيەگە يەتكەن
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا
مەملىكەت بويىچە ئالتۇن ئىستېمال مىقدارى 554.88 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.37 ئاشقان
بۇنىڭ ئىچىدە، ئالتۇن زىبۇزىننەت ئىستېمالى 368.26 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.82 ئاشقان
زىخچە ئالتۇن ۋە تىللا ئىستېمالى 146.31 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.12 ئاشقان
سانائەت ۋە باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلگەن ئالتۇن 40.31 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.65 تۆۋەنلىگەن
مەملىكەت بويىچە ئالتۇن ئىستېمالى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر تېز ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلتۈرگەن
پايدىلانغان مەنبە: «جۇڭگو ئاكسىيە گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى