تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، يېڭى دەۋردە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پەن ـ تېخنىكا كۈچىنى قوشۇش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى ئېچىلدى

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، يېڭى دەۋردە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پەن ـ تېخنىكا كۈچىنى قوشۇش كېرەك

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى، ۋاڭ جىگاڭ مەخسۇس تېمىدا دوكلات بەردى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى

زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى 7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا باش تېما تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش چۆرىدىلىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭنى پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش تەكىتلەندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى مۇھاكىمە ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر ۋاڭ جىگاڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مەخسۇس تېمىدا دوكلات بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى تاڭ گۇاڭفۇ، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جوۋ گاڭ، ھوشۇر ئىسلام، سۈن لۇڭدې، دېڭ مىڭجياڭ، سۈن خۇەنچۈەن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جاۋ يۈفېن، شياۋ ۋېنجياۋ قاتارلىق ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، ما شىڭرۇي بىلەن ۋاڭ جىگاڭ ئاقسۇ ئارال يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى، لى يىفېي بىلەن تاڭ گۇاڭفۇ خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.

يىغىندا 2022 ـ يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خادىملارنى مۇكاپاتلاش توغرىسىدىكى قارار ئوقۇپ ئۆتۈلدى ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى. يۈ ۋۇمىڭ، ۋاڭ چېڭ، ماينۇر نىياز، لى فېڭسېن، يىن بو ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتى بويىچە گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. «يەرشارىنىڭ ئىللىپ كېتىش ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قۇرغاق رايونلارنىڭ سۇ ـ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەم ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمى» قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك نەتىجە ئاپتونوم رايوننىڭ تەبىئىي پەن مۇكاپاتى بويىچە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «توپلاشتۇرۇپ ئىندۇكسىيەلەپ نېفىت بىلەن سۇنى ئايرىش ماتېرىيالى ۋە تېخنىكىسى» نەتىجىسى ئاپتونوم رايوننىڭ تېخنىكا كەشپىيات مۇكاپاتى بويىچە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «قوي نەسلىنى مولېكۇلىلىق يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى ۋە گېرمپلازمىدا يېڭىلىق يارىتىش» قاتارلىق 32 تۈرلۈك نەتىجە ئاپتونوم رايوننىڭ پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتى بويىچە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدە يادرولۇق ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن ـ تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك. بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق باشلاپ، مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، شىنجاڭنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىدارى بارلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى، مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار ئىرادە، جاسارەت ۋە شىجائەت بولۇشى كېرەك. ھازىر، شىنجاڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، يېتەكلەشكە ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، زىددىيەت ۋە يېتەرسىزلىكلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان شىنجاڭ قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى رايون پەن ـ تېخنىكا مەركىزىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، «ئىككى رايون» قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىم، زور پەن ـ تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى رايون يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خاس، ئەۋزەل ساھەلەرنى چۆرىدەپ، دۆلەت دەرىجىلىك پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى يېتىلدۈرۈش قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى مەكتەپلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ مۇھىم، زور پەن ـ تېخنىكا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش كېرەك. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، تېخنىكا يۆتكەش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ كارخانىلارغا توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن ـ تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلار توپىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش كېرەك. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا كۈچ قوشۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە، مۇھىم، زور ئېھتىياجنى چۆرىدەپ تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىش، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىش، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىش، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىر تۈركۈم جىددىي ئېھتىياجلىق، كەمچىل بولۇۋاتقان يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ ۋە كىرگۈزۈپ، تەمىنات قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى كاپالەتنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى شىنجاڭدا تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا توپلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر يىللىق 2 مىليارد يۈەن مالىيە پەن ـ تېخنىكا خىراجىتىنى ياخشى ئىشلىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى پەن تەتقىقات سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىشقا يېتەكلەپ، پەن ـ تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ۋاڭ جىگاڭ نەزەرىيە لوگىكىسى، تارىخىي لوگىكا، رېئال لوگىكا، قىستاش لوگىكىسى، ئىلگىرىلەش لوگىكىسىدىن ئىبارەت بەش جەھەتتىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چۈشەندۈردى، يېڭى دەۋردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى، يۈزبەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى خۇلاسىلەپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پەن ـ تېخنىكا خىزمىتىدىكى ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلىپىنى تونۇشتۇردى، پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن قوللاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئورتاق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنجاڭ جىنفېڭ پەن ـ تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ گاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ماھىنۇر نىياز، جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى غەربىي قىسىم بۇرغىلاش ـ چارلاش قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ خۇڭتاۋ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئورۇنلار، ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتى بويىچە گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر، ياش پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىر ۋۇ چاۋخۇي، پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار؛ چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، مۇقىيات جارمۇقاممەت، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، قەيسەر ئابدۇكېرىم، خا زېڭيوۋ، دۇ خۇڭيەن، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى قاتارلىق پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاپپاراتلىرى ۋە ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن ـ مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.