تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

14 كۈن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدىغان بولدى! قازاقىستانغا بېرىپ ساياھەت قىلىش قولايلاشتى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر قۇۋانىش نەسىخەت

    7-ئاينىڭ 20-كۈنى، 41 نەپەر جۇڭگولۇق ساياھەتچى جۇڭگو-قازاقىستان خەلقئارا يول يولۇچىلار(ساياھەت) نۆۋەتچى ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ جېمىنەي پورتىدىن يولغا چىقىپ، قازاقىستاننىڭ شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستى زايساڭ ناھىيەسىگە سەيلە-ساياھەت، ساغلاملىق-كۈتۈنۈش-دەم ئېلىشقا ماڭدى.

     «مەن تور سۇپىسىدىن جېمىنەي پورتىدا يولۇچىلارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. ھازىر قازاقىستان بىز جۇڭگو پۇقرالىرىدىن شەخسىي ئىش، سودا پائالىيىتى ۋە ساياھەت قاتارلىق ئىشلار بىلەن چېگرادىن كىرگەنلەرگە قارىتا 14 كۈن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپتۇ، پاسپورتنى ئېلىپ خالىغان ۋاقىتتا تاموژنىدىن ئۆتسە بولىدىكەن، ئىنتايىن قولايلىق» دېدى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ فېي.

7-ئاينىڭ 20-كۈنى، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر جۇڭگو-قازاقىستان خەلقئارا يول يولۇچىلار(ساياھەت) نۆۋەتچى ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ جېمىنەي پورتىدىن يولغا چىقىپ، قازاقىستاننىڭ شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستى زايساڭ ناھىيەسىگە سەيلە-ساياھەت، ساغلاملىق-كۈتۈنۈش-دەم ئېلىشقا بېرىشقا تەييارلانماقتا.

قۇۋانىش نەسىخەت فوتوسى

      7-ئاينىڭ 17-كۈنى، جېمىنەي پورتىدا يولۇچىلارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، جېمىنەي ناھىيەسى بۇنىڭغا ئەگىشىپ جۇڭگو-قازاقىستان-رۇسىيە-موڭغۇلىيە ئالتاي تېغىنى ئايلىنىش 12 كۈنلۈك چېگرا ھالقىغان ساياھەت لىنىيەسى، شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستىنىڭ چەت دۆلەت ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلىش بەش كۈنلۈك ئېسىل ساياھەت لىنىيەسى، جېمىنەي پورتىدىن قازاقىستان شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستىنىڭ زايساڭ ناھىيەسىگىچە بولغان ئۈچ كۈنلۈك ساياھەت لىنىيەسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تۈزۈپ چىقتى.

     يېقىندا، دۆلەت ئىچىدىكى بىر قانچە ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ قازاقىستانغا بېرىپ ساياھەت لىنىيە مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈپ، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەر، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ، كېيىنكى ئۆمەك تەشكىللەپ چېگرادىن چىقىشقا تەييارلىق قىلدى.

     «مەن ئالايىتەن جېمىنەي پورتىغا بېرىپ ساياھەت لىنىيەسىنى تەكشۈردۈم، جېمىنەي پورتىنىڭ چېگرا ھالقىغان ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىگە تەۋسىيە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جېمىنەي پورتىدىن چېگرا ھالقىپ چەت دۆلەت مەنزىرىسىنى ھېس قىلىشقا تەشكىللەشنى ئويلاشتۇق» دېدى شىنجاڭ جۇڭلۈ ئىستىراھەت خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چېگرادىن چىقىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى چېن جېنخۇا.

    جېمىنەي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپى تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شۇرۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى ئىككى بازارنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ تۆت پەسىل ساياھىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز».

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.