تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سەنئەتكارلار يىپەك يولىدا ئۇچراشتى، ئۇسسۇللار تىيانشاندا جەم بولدى

− 6 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى باشلىنىش پەيتىدە

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

ئۇزۇنغا سوزۇلغان يىپەك يولىدا، ناخشا ياڭرىتىپ چۈشتۇق ئۇسسۇلغا. 7 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى 6 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى داغدۇغىلىق باشلىنىدۇ. يۆتكىلىۋاتقان ئۇسسۇل قەدەملىرى، يەلپۈنۈپ تۇرغان كۆڭلەكلەر، ئىپادىلىنىۋاتقان قىزغىنلىق، ئۇسسۇلدا نامايان قىلىنغان دەۋر تۇيغۇسى، ئۇسسۇلدا ئىپادىلەنگەن ئىناقلىق گۈزەللىكى مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇشنىڭ جەلپكارلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپى سىجىل گۈللىنىپ راۋاجلاندى. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىلىرى قىزغىن ئەمەلىيەت جەريانىدا ئارقا ـ ئارقىدىن نادىر سەھنە سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇرغۇن كاتتا سەنئەت يىغىلىشى شىنجاڭدا ئارقا ـ ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا بولغان يېڭى ئارزۇسى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇلدى. بولۇپمۇ بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى 27 سەنئەت ئۆمىكىنىڭ 28 نادىر تىياتىر(نومۇر)ى مەركەزلىك كۆرسىتىلىدۇ، 60 مەيدان ئېسىل ئويۇن ۋە تۆت تۈرلۈك يۈرۈشلۈك پائالىيەت ئارقىلىق بۇ كاتتا سەنئەت يىغىلىشىنىڭ «پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش»تەك ھەيۋەتلىك قىياپىتى ۋە رەڭدار تۈسى داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. ئۇسسۇل بايرىمى ئېچىۋېتىش قىياپىتى، سىغدۇرۇشچان ھالىتى ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتىكى يارقىن ئىسىم كارتىسىغا ئايلىنىپ، دۇنياغا ئىتتىپاق ـ ئىناق، مەدەنىيىتى گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان جۇڭگو شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلماقتا.

مەدەنىيەت ـ سەنئەت ئالماشتۇرۇش جەھەتتىكى ئۇچرىشىش

بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا رۇسىيە، ئۇكرائىنا، گېرمانىيە، قازاقىستان، تاجىكىستان، مىسىر، سىنگاپور، ئاۋسترالىيە قاتارلىق 30غا يېقىن دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئۇسسۇل سەنئەتكارلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن كۈتۈۋېلىندى، ئۇلار كامالەتكە يەتكەن ئۇسسۇل ماھارىتى، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت پۇرىقى، مول ئادىمىيەت ھېكايىلىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدى ھەم بۇ سەھنىدىن پايدىلىنىپ ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇچرىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«شۇ يىلى ئىسپانىيە خۇلىيا گرېكو بالېت ئۆمىكى ئېلىپ كەلگەن فىلامىنگو مەندە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغانىدى. ئۇلارنىڭ قالتىس ئىپادىسىدىن مەن دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇسسۇلچىلارنىڭ سەۋىيەسىنى كۆردۈم، شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىنىمۇ كۆردۈم.» شىنجاڭ سەنئەت تىياتىر ئورنى ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇل ئارتىسى ماھىرە ئەمەتجان ئەسلەپ مۇنداق دېدى: مەن ئۇدا ئالتە نۆۋەت ئۇسسۇل بايرىمىغا قاتناشتىم، خەلقئارا ئۇسسۇل سەنئىتى چوڭقۇر ئالماشتۇرۇلىدىغان بۇ سەھنىدە نەزەر دائىرەم كېڭىيىپ، ئۆزۈمنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈردۈم. تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىكى ئويۇندا مەن «چىنە ئۇسسۇلى»دىكى باش ئۇسسۇلچى بولغان، بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىش تىياتىرى «جاڭ چيەن»دە مەن دايۈەن ئايال پادىشاھىنىڭ رولىنى ئالىمەن.

تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا ئاجايىپ قالتىس بىر مەنزىرە كۆرۈلگەنىدى − شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىنىڭ ئارقا سەھنىسىدە، ئېفىيوپىيەدىن كەلگەن داپچىلار مەشىق قىلىۋاتقاندا، بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان جۇڭگو شىنجاڭلىق ئىككى داپچىمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ داپ چېلىپ، بىردەمدىلا ئارقا سەھنىنى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدۈرگەنىدى. ھەر نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن سەنئەتكارلارنىڭ بۇ سەھنىدە جەم بولۇپ دوستلارغا ئايلانغانلىقىدەك ھېكايىلەر ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا چىقتى.

چۆرگىلىسە دىيامېتىرى ئۈچ مېتىر كەڭلىكتە يېيىلىدىغان كەڭ ئېتەكلىك كۆڭلەكنى كىيىپ ئوينىلىدىغان مىسىر كەڭ ئېتەكلىك كۆڭلەك ئۇسسۇلى، بىر تەرەپتىن دۇمباق چېلىپ، بىر تەرەپتىن ئۇدا 30 قېتىم پىرقىرىيالايدىغان چاۋشيەن ئۇزۇن دۇمباق ئۇسسۇلى، كۈندىلىك تۇرمۇشنى ئۇسسۇل شەكلىگە ئايلاندۇرالايدىغان ماۋرىتىئۇس سېيكا ئۇسسۇلى... تارىخى ئۇزاق، ئىچكى خاس مەزمۇنى چوڭقۇر بولغان بۇ ئۇسسۇللار ئۇسسۇل بايرىمى سەھنىسى ئارقىلىق مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان تاماشىبىننى ھەيران قالدۇرۇپ، دۇنيا ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ گۈزەللىكى ۋە كۆركەملىكىنى نامايان قىلدى.

خىيالىي تۇيغۇغا ئېلىپ كىرىدىغان «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، جۇشقۇن، مەردانە بولغان «كۇڭزى»، ۋەقەلىكى ئۆزگىرىشچان بولغان «جاۋ فامىلىلىك يېتىم بالا»، كۆزنى چاقنىتىدىغان «يىپەك يولىدىكى باھار يامغۇرى»، ئىنتايىن تەسىرلىك بولغان «خۇڭ گاۋلياڭ»... ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا، جۇڭگو ئوپېرا ـ ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئورنى، مەركەز بالېت ئۆمىكى، شاڭخەي ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى، لياۋنىڭ بالېت ئۆمىكى، گەنسۇ ئۆلكىلىك ناخشا ـ ئۇسسۇل تىياتىر ئورنى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سەنئەت ئورنى ـ ئۆمەكلىرى ئۇسسۇل بايرىمى ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەنئەت سەۋىيەسى ۋە ئەڭ ياخشى جەمئىيەت ئىنكاسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۇسسۇللۇق تىياتىرلارنى ئېلىپ كەلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سەنئەت تىياتىر ئورنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سەي شياۋرۇڭ مۇنداق دېدى: ئۇسسۇل بايرىمى جۇڭگونىڭ تاشقى مەدەنىيەت ئالاقىسىدىكى مۇھىم ماركىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئېچىۋېتىشچانلىقى، كۆپ خىللىقى، يۇغۇرۇلۇشچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلماقتا ھەم سىجىل تۈردە سەنئەت نادىر ئەسەرلىرىنى يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق، سەھنە ئىجادىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقتا.

دۇنياغا شىنجاڭنىڭ قالتىسلىقىنى نامايان قىلىش

7 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، «جاڭ چيەن» ناملىق تىياتىرنىڭ سەھنە گۈزەل سەنئەت خادىملىرى شىنجاڭ خەلق سارىيىنىڭ سەھنىسىگە ئۈسكۈنىلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئويۇن قويۇش ئەترىتى ئىچكى موڭغۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئۇسسۇل كۆرىكىنى ئەمدىلا تاماملاپ، ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا كۆرسىتىلىدىغان ئويۇننى رېپېتىتسىيە قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى.

«جاڭ چيەن» ناملىق تىياتىرنىڭ ئىجرائىيە رېژىسسورى، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى جەسۇر تۇرسۇن ئالتە نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن، ئۇ بىر ياش ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىسىدىن ئۆسۈپ يېتىلىپ، چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىرنىڭ ئاساسلىق ئىجادىيەتچىسى ۋە نەق مەيدان قوماندانىغا ئايلاندى. «ئۇسسۇل بايرىمىدا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ئۇسسۇللۇق تىياتىرلار ماڭا نۇرغۇن ئىلھام بەردى، نادىر ئۇسسۇللۇق تىياتىرلارنى ئىجاد قىلىش ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىمىزدىكى بارلىق ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىلىرىمىزنىڭ كۆپ يىللىق ئارزۇسى. <جاڭ چيەن> ناملىق تىياتىر بىز قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، ئۈن ـ تىنسىز ماھارەت توپلىغاندىن كېيىن ياراتقان ئەڭ ياخشى ئەسىرىمىز.» جەسۇر مۇنداق دېدى: ھەر نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇسسۇللۇق تىياتىرلار شىنجاڭدىكى ئىجادىيەتچىلەر، ئارتىسلارنى جانلىق ھېكايە، تەسىرلىك كۆرۈنۈش، كۆپ مەنبەلىك ئۇسسۇل تۈرى، كامالەتكە يەتكەن ئۇسسۇل ماھارىتى، يېقىملىق ئادىمىيەت ئىنچىكە ھالقىلىرىدىن ئىبارەت نادىر ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئىجادىيىتى «چۈشەندۈرۈشى» بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا كۆرسىتىلىدىغان «جاڭ چيەن» ناملىق تىياتىر جەمئىيەتتە بىر يىلدىن كۆپرەك ئاشكارا ئورۇنلانغاندىن كېيىنكى بۇ تىياتىرنىڭ «دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلگەن» نۇسخىسى ھېسابلىنىدۇ. «تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش ئۈچۈن ھەربىر مەيدان ئويۇندا تۈزەتتۇق، تەڭشىدۇق، ياخشىلىدۇق» دېدى جەسۇر.

2013 ـ يىلى 3 ـ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك ناخشا ـ ئۇسسۇل كېچىلىكىنىڭ باشلىنىش شەكلى ئۆزگەرتىلىپ، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى ئىجاد قىلغان ناخشا ـ ئۇسسۇللۇق تىياتىر «مېھىر ـ مۇھەببەت تىيانشاننى ئىللىتتى» باشلىنىش تىياتىرى قىلىندى. بۇ تىياتىرغا شىڭ شىمياۋ رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، ناخشا ـ ئۇسسۇللار ئارقىلىق ھەنىپە ئالىماخۇن ئانىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان 19 بالىنى بېقىپ تەربىيەلىگەنلىكىدەك تەسىرلىك ھېكايىسى بايان قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجادىيەت داۋامىدا بەلگىلىك ھەجىمدىكى ناخشا، تىياتىر، مۇزىكا ئورۇنلاش قاتارلىق بەدىئىي ئىپادىلەش شەكىللىرى قوشۇلغان. ئۇنىڭدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەنلىكىدەك ئالاھىدىلىكى چوڭقۇر ئىپادىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاق ـ دوستانە ئۆتۈشى، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇشى نامايان قىلىنغان.

يېڭى دەۋردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ سەھنە سەنئىتىدە توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئىختىساسلىقلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدىغان خۇشاللىنارلىق مەنزىرە بارلىققا كەلدى. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئۆمەكلىرى بەس ـ بەستە «چوڭ ھەجىملىك» تىياتىرلارنى ئىجاد قىلدى، ئىجادىيەت ئىدىيەسى ئۈزلۈكسىز ئىلغارلىشىپ، ئىجادىيەت سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل، قوش كىشىلىك ئۇسسۇل، كوللېكتىپ ئۇسسۇل قاتارلىق سەنئەت شەكىللىرى، كىلاسسىك ئۇسسۇل، مىللەتلەر خەلق ئۇسسۇلى، ھازىرقى زامان ئۇسسۇلى قاتارلىق ئۇسسۇل تۈرلىرى ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئىجادىيىتىدە تولۇق قوللىنىلدى.

4 ـ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا، «ئالمىخان ھەققىدە رىۋايەت» «چۆل ـ باياۋاندىكى ياشلىق» «ئۇنىڭ ناخشا ساداسىدا» «قەھرىمان . ماناس» «يېڭىشەھەرگە مۇھەببەت» «غەربىي يۇرتقا قايتىش» «يىپەك يولى كۆرگەزمىسى» قاتارلىق تىياتىرلار تاماشىبىنلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە دىققەت قىلىشى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى، شىنجاڭ «ناخشا ـ ئۇسسۇل ماكانى» بولۇش سۈپىتىدە مول ئادىمىيەت بايلىقى ھەم سەنئەت ئىجادىيەت ئېنېرگىيەسى تولۇق نامايان قىلىندى، بىر قىسىم تىياتىرلار يەنە بازارلاشتۇرۇش يولىدا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

«ئۇسسۇل بايرىمى ئەدەبىيات ـ سەنئەت كاتتا مەرىكىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنياغا شىنجاڭنىڭ قالتىسلىقىنى نامايان قىلىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى سەنئەت باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ياۋ تاۋ.

خەلقئارا نەزەر ۋە جۇڭگو سالاپىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش

بالېت تىياتىرى، مىللەتلەر ئۇسسۇل تىياتىرى، تارىخىي تېمىدىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر، ناخشا ـ ئۇسسۇللۇق تىياتىر، ناخشا ـ ئۇسسۇل كېچىلىكى... بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا تىياتىرلارنى لايىھىلەشتە خەلقئارا نەزەر ۋە جۇڭگو سالاپىتى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

7 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ 2 ـ تۈركۈم تىياتىرلارنىڭ بېلىتىنى سېتىش باشلىنىپ نەچچە ئون سېكۇنتتىلا «ياپيېشىل تاغ ـ دەريالار − ئۇسسۇل ئارقىلىق <مىڭ چاقىرىملىق تاغ ـ دەريالار مەنزىرىسى>نى نامايان قىلىش» «مەڭگۈ ئۈزۈلمەس ئېلېكتىر دولقۇنى» «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» قاتارلىق ئۈچ تىياتىرنىڭ بېلىتى توردا سېتىلىپ تۈگىدى. كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بۇ نادىر ئەسەرلەرنى تاماشىبىنلارنىڭ كۈتكىنىگە ئۇزاق بولغان بولۇپ، ئۇلار ناھايىتى زور قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىدى.

«ئويغىنىش . شىر» «ئەزىم دەريانىڭ مەنبەسى» «شىلدىرلاپ ئاققان سۈپسۈزۈك سۇ» «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز»... بۇلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەينى ـ كەينىدىن دۆلەت ئىچىدىكى مۇھىم ئەدەبىيات ـ سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تىياتىرلار، شۇنداقلا توردا ئالقىشلانغان تىياتىرلار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەييارە قويۇلۇش جەريانىدا سانسىزلىغان قوللىغۇچىلارغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا تولۇق ماھارەت بىلەن نامايان قىلىنىدۇ.

«ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىجادىيەت، ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك ئىجادىيەتچىلەر ۋە سەنئەتچىلەر قوشۇنى، ئۇلار بىر يەرگە جەم بولسا ھەقىقىي يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئۇسسۇل كاتتا يىغىلىشى بولىدۇ.» شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى گاۋ شەنجۈن مۇنداق قارىدى: بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدىكى دۆلەت ئىچىدىكى سەنئەت ئورنى ـ ئۆمەكلىرى ئېلىپ كەلگەن تىياتىرلارنىڭ ھەممىسى بىر قەدەر يۇقىرى ئىدىيەۋىلىككە، بەدىئىيلىككە، دەۋرچانلىققا ئىگە بولۇپ، تارىخىي مۇساپە ۋە دەۋر چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق غايەت زور ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان جۇڭگو ئۇسسۇل سەنئىتىدىكى زور سالماققا ئىگە ئەسەرلەردۇر.

چەت ئەل سەنئەت ئورنى ـ ئۆمەكلىرى تەقدىم قىلغان 11 تىياتىر(نومۇر)نىڭ ھەرقايسىسى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ «ئۇبانتۇ روھى» ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىرىدا تەبىئەت سەپىرى ئارقىلىق جەنۇبىي ئافرىقا زېمىنىنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى مەنزىرىسى نامايان قىلىنغان؛ كورېيەنىڭ «Korea دىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىش» ناملىق مەخسۇس مەيدان مىللەت ئۇسسۇلىدا تۇرنا ئۇسسۇلى، يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى، دۇمباق ئۇسسۇلى ئارقىلىق ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشى نامايان قىلىنغان؛ قازاقىستاننىڭ «باياشات يۇرت» ناملىق ناخشا ـ ئۇسسۇل كېچىلىكىگە بۇ دۆلەتتىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇللىرى مۇجەسسەملەنگەن؛ بېلارۇسىيەنىڭ «ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال» ناملىق بالېت تىياتىرىدا نادىر كىلاسسىك بالېت سەنئىتى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىنغان.

«مەدەنىيلىكنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭدارلىقى ئېچىۋېتىشتىن كېلىدۇ، مەدەنىيلىكنىڭ تەرەققىياتى ئالماشتۇرۇشتىن كېلىدۇ، ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ ئارقىسىدا <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايون خەلقلىرى بار، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، تونۇشنى ئۆستۈرۈش، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر شۈ رۈيجۈن مۇنداق دېدى: ئۇسسۇل سەنئىتى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇسسۇل بايرىمى پۈتۈن دۇنيادا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى كىشىلەر توپىغا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئىزچىللىقى، ئىجادىيلىقى، بىرلىكلىكى، سىغدۇرۇشچانلىقى، تىنچلىق خاراكتېرىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.