تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز قاراماي شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، قاراماي، 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاراماي شەھىرىگە كېلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، رەقەملىك ئىقتىساد، كەسىپ توپى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش»قا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن قاراماي شەھىرىنىڭ «بىر ئاساس، كۆپ مەنبەلىك» كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇش كېرەك.

قاراماي سېنخې رەقەملىك يېزا ئىگىلىكىگە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىنەم شال ئۇرۇقچىلىقىنى يادرو قىلغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلدى. بۇ شىركەتنىڭ ئاقىل يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا، ئەركىن تۇنىياز سورت يېتىشتۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش، نەرسە تورى تېخنىكىسىنى قوللىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: نەرسە تورى، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ئۇچۇر تېخنىكىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە قوللىنىلىشىغا پائال تۈرتكە بولۇش كېرەك.

كارخانا قايسى رەقەملىك كەسىپ تۈرلىرى تىجارىتى قىلىۋاتىدۇ؟ ئۆز ئالدىڭلارغا ئاچقان قانداق تېخنىكىلىرىڭلار بار؟ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەقەملىك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا قانداق تەكلىپلىرىڭلار بار؟ رەقەملىك يىپەك يولى شىنجاڭ كەسىپكە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇنداق تەكىتلىدى: قاراماي شەھىرىنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد جەھەتتە قەدەمنى بالدۇر ئېلىش، ئاساسى كۈچلۈك بولۇش، قوللىنىش كەڭ بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى باشلامچى كارخانىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېتىشتۈرۈش سۇپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىغا ئۈلگە تىكلەش كېرەك. قاراماي شەھەرلىك جەمئىيەت ئىدارە قىلىش قوماندانلىق مەركىزىدە، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: رەقەملەشتۈرۈشنىڭ كۈچ قوشۇشى ئارقىلىق، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتىكى ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى ھەل قىلىپ، شەھەرنى تېخىمۇ ئاقىل، تۇرمۇشنى تېخىمۇ قولاي قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز يەنە شىنجاڭ جىڭپىن يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ 12GW يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەككە كرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسى ھەم كىرېمنىي ياپراقچىسى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى سىنلىق ئىگىلىدى؛ يىپۇ يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 720مىڭ توننا بولغان پەرقلىق پولىمېر يېڭى ماتېرىيال تۈرىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ شىنجاڭ دۈنخۇا يېشىل كاربون تېخنىكىسى پاي چەكلىك شىركىتىدە كارخانىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى «قوش كاربون» نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، كىرېمنىي ئاساسىدىكى ماتېرىياللار، كاربون ئاساسىدىكى ماتېرىياللار قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال كەسىپلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: سورت يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات (ئۈرۈمچى - قاراماي - سانجى تەۋەلىك رايونى) نەق مەيدان يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ زاپاس مىقدارىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، زەنجىرنى كېڭەيتىپ، «شىنجاڭ نېفىتىنى شىنجاڭدا ئايرىش» ۋە يۇقىرى، تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. باشتىن - ئاخىر مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى سېلىنمىنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، تولۇق مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى ياخشى قىلىپ، سودا ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، كارخانىلارغا پايدا يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. چوڭ سانلىق مەلۇمات خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى، سانلىق مەلۇمات ئۆلچىمى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەرگە كۈچەپ كۈچ سەرپ قىلىپ، رەقەملىك تېخنىكىنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىلىشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، مۇھىم، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەكنى ياخشى ساقلاپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.